ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ يى) 6- ئاينىڭ 16- كۈنى، شىنجاڭ- خېنەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپى بويىچە سودىگەر چاقىرىش، تونۇشتۇرۇش يىغىنى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېڭجوۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن، خېنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى سۈن شوۋگاڭ تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى.
چېن ۋېيجۈن خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى، ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك كەسىپ ئاساسى ياخشى، ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك، ئىستىقبالى پارلاق، ئۆزگىچە سىياسەت، تەرەققىيات، كۆلەم، رايون ئورنى، بايلىق قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىنى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىگە پائال قاتنىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. شىنجاڭ ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ خاتىرجەم مەبلەغ سېلىشى، كۆڭلى توق تىجارەت قىلىشى، ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلىشىنى قوللاپ، يېزا ئىگىلىكى كەسپىدە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشكە قول تۇتۇشۇپ تۈرتكە بولۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
سۈن شوۋگاڭ مۇنداق بىلدۈردى: خېنەن ئۆلكىسى شىنجاڭغا كەسىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، يەرلىكتىكى كارخانىلارنىڭ شىنجاڭ تەرەپ بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر- بىرىنى تولۇقلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى جاي ئىقتىسادىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى- يېزا نازارىتى، قومۇل شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تونۇشتۇرۇش سۆزى قىلدى، شىنجاڭ دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق كەسپى مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى، خېنەن فېيتيەن بىيو پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق بەش كارخانىنىڭ مەسئۇلى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. قومۇل شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭدىكى ئىككى كارخانىنىڭ ۋەكىلى خېنەن رادىيو- تېلېۋىزىيە تاراتقۇ پاي كونترول گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، خېنەن جىنياڭيۈ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى قاتارلىق يەتتە كارخانا بىلەن 520 مىليون يۈەنلىك تۈر كېلىشىمى ئىمزالىدى. شىنجاڭ، خېنەن ئىككى ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ مەسئۇللىرى، قىسمەن دۆلەت كارخانىلىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش باشلامچى كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)