سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ | شىنجاڭ كېڭسىۋات مەنزىرە رايونى: دەنشيا زۇمرەتتەك سۇدا جۇلالاندى، يېڭى قۇرۇلۇشلار مېھمانلارغا ھازىرلاندى
13:06:44 2025-06-19 تىيانشان تورى

 6- ئاينىڭ 3- كۈنى، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ماناس ناھىيەسىدىكى كېڭسىۋات مەنزىرە رايونىدا تاغلار يېشىللىققا پۈركەنگەن، سۇ زۇمرەتتەك سۈزۈك، بۇلۇتلار مەيىن شامالدا ئۈزۈپ يۈرگەن، كۆل سۈيى ئەگرى- بۈگرى تاغلار ئارىسىدا سوزۇلۇپ ياتقان بولۇپ، گۈزەل مەنزىرە كىشىنى مەستخۇش قىلاتتى.

 كېڭسىۋات مەنزىرە رايونى ماناس دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىغا جايلاشقان بولۇپ، S101 لىنىيەسىنىڭ 100 چاقىرىملىق دەنشيا ساياھەت مەنزىرە بۆلىكىگە توغرا كېلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۇ جاي مەنزىرە رايونى ئەتراپىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، مەنزىرە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ ياخشى ساياھەت تەسىراتى يارىتىپ بەردى ھەم ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ساياھەتچىلىككە تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125