شىنجاڭدىكى بۇ تۈر قانداق قىلىپ مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى باش تېمىلىق ساياھەت لىنىيە يولى تۈر تىزىملىكىگە تاللاندى
17:50:26 2025-06-19 تىيانشان تورى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يىن لۇ) 6- ئاينىڭ 14- كۈنى، 2025- يىللىق «مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى» ھەم 13- نۆۋەتلىك شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەپتىلىكىنىڭ شىنجاڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانى پائالىيىتىدە، 2024- يىللىق مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى باش تېمىلىق ساياھەت لىنىيە يولى تۈر تىزىملىكىگە تاللانغان «يىپەك يولىدىكى قىممەتلىك مىراسلار . مىڭ يىللىق كۈسەن» تۈرىگە ۋىۋىسكا بېرىلدى.

«يىپەك يولىدىكى قىممەتلىك مىراسلار . مىڭ يىللىق كۈسەن» مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى باش تېمىلىق ساياھەت لىنىيە يولى تەشۋىقات فىلىمى.  ماتېرىيال سۈرەت

 كۇچا شەھىرى «يىپەك يولىدىكى قىممەتلىك مىراسلار . مىڭ يىللىق كۈسەن» مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى باش تېمىلىق ساياھەت لىنىيە يولى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن شەھەرنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، مەدەنىيەت- ساياھەت، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، قاتناش قاتارلىق كۆپ تارماقنىڭ بىرلىكتە ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە مەدەنىيەت- ساياھەتنى گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى. نىڭبو شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ساياھەت لىنىيە يولىنى پىلانلاشقا ۋە تۈر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، كۈسەن مۇزېيى، كوماراجىۋا مەدەنىيەت مەنزىرىسى قاتارلىق بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلارنى قوللىدى ھەم كۈسەن مەدەنىيەت- ساياھەت داڭلىق ماركىسىنى سىرتقا كېڭەيتتى. بۇ يىل 5- ئاينىڭ 28- كۈنى، كۇچا شەھىرى نىڭبو شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن بىرلىكتە 4- نۆۋەتلىك «يىپەك يولى دوستلۇق ئەلچىسى» كاتتا مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى ھەم «يىپەك يولىدىكى قىممەتلىك مىراسلار . مىڭ يىللىق كۈسەن» مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى باش تېمىلىق ساياھەت لىنىيە يولىنى يەر شارى بويىچە تۇنجى ئېلان قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

سۇبېشى بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ فوتوسى

 بۇ باش تېمىلىق ساياھەت لىنىيە يولى كۇچا شەھىرىنى يادرو قىلىپ، سۇبېشى بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى، قىزىل مىڭ ئۆي، قىزىلقاغا تۇرىدىن ئىبارەت ئۈچ جايدىكى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى، توققۇز جايدىكى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى ۋە 14 جايدىكى ھەر دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نۇقتىسىنى تۇتاشتۇرۇپ، يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازار − كۈسەندىكى ئۇزاق يىللاردىن بۇيانقى تەرەققىيات ئۆزگىرىشلەر ۋە كۆپ خىل مەدەنىيەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى سىستېمىلىق نامايان قىلىپ، «قوغداش- ۋارىسلىق قىلىش- جانلاندۇرۇش»تىن ئىبارەت پۈتۈن زەنجىرنى بەرپا قىلدى.

كۇچا شەھىرىدىكى رەستە تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونىغا جايلاشقان كۇچا ۋاڭ سارىيىنىڭ ئالدى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125