قۇملۇقنى ئايلىنىپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش | ئاۋات ناھىيەسى: ھاسىلىي سۇ ئارقىلىق ئېكولوگىيەلىك كۆلنى «جانلاندۇرۇپ»، چۆللۈكنى بوستانلىققا ئايلاندۇردى
18:04:20 2025-06-19 تىيانشان تورى

6- ئاينىڭ 15- كۈنى، سۇ قۇشلىرى ئاۋات ناھىيەسىدىكى ئەشمە سۇلۇق يېرىدە پەرۋاز قىلماقتا.

ئاۋات ناھىيەسى ئەشمە سۇلۇق يېرىدىكى شەكلى ھەر خىل چۆپلۈكلەر (6- ئاينىڭ 15- كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر تاڭ يۇڭ فوتوسى، خەۋىرى) 6- ئاينىڭ 15- كۈنى، مۇخبىر ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئەشمە رايونىدا بەش يىل ئىلگىرى ھەممە يەرنى سېرىق قۇم قاپلىغان بۇ چۆللۈكنىڭ بۈگۈنكى كۈندە زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇلار دولقۇنلاپ تۇرىدىغان، قومۇشلار يەلپۈنۈپ تۇرىدىغان ئېكولوگىيەلىك سۇلۇق يەرگە ئايلىنىپ، سۇ قۇشلىرى ئارام ئالىدىغان گۈزەل ماكانغا ئايلانغانلىقىنى كۆردى.

 ئاۋات ناھىيەسى يېڭىدىن سۇ يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى ۋە سۇ باشلاش ئۆستىڭى ياساش ئارقىلىق، ھەر يىلى ئاقسۇ شەھىرى، ئونسۇ ناھىيەسىدىن ئىنچىكە بىر تەرەپ قىلىنغان ھاسىلىي سۇدىن 50 مىليون كۇب مېتىر كىرگۈزۈپ، مۇقىم سۇلۇق يەر شەكىللەندۈردى. نۆۋەتتە، بۇ سۇلۇق يەر سۇ مەنبەسىنى ساقلاش، بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇم تۇراقلاشتۇرۇش، ئىھاتە ئورماننى سۇغىرىش ۋە ياغاچ ماتېرىيالى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئورمان قاتارلىق ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇردى، بۇنىڭ بىلەن، رايوندىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسى ياخشى ئايلىنىش ھالىتىگە كىردى.

ئاۋات ناھىيەسىدىكى زۇمرەتتەك سۇ بىلەن ئورالغان ئەشمە سۇلۇق يېرى (6- ئاينىڭ 15- كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

ئاۋات ناھىيەسىدىكى ئەشمە چۆللىشىشنى تۈزەش قۇرۇلۇشى رايونىدا تىكىلگەن تېرەكلەر (6- ئاينىڭ 15- كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125