پارتىيە بايرىقى تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى- شىمالىدا قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردە چېگرا رايوندىكى مىللەتلەر رايونىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى
11:15:02 2025-06-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى

 شىن جېڭيەن

 پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىغا باشتىن- ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلدى، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بەردى، بولۇپمۇ 2023- يىلى ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا «شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاچقۇچ پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشتە» دەپ تەكىتلەپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشىنى تۈپ قوللانما ۋە ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭ چېگرا رايوندىكى مىللەتلەر رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش»تىن ئىبارەت مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مەھكەم تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشكە يېتەكلەپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشنى خىزمەتلەرنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

 بىرىنچى، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش ئارقىلىق سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق سىياسىي يۆنىلىشنى دەل جايىدا ئىگىلىدى

 باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي يۆنىلىش پارتىيەنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، تەرەققىي قىلىشىدا 1- ئورۇندا تۇرىدىغان مەسىلە بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى ۋە ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتى مۇقىم بولغان، ئىقتىساد مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلغان، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەيدىغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى نامايان قىلىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە ئاتلىنىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

 يادروغا زىچ ئەگىشىپ، سىياسىي يۆنىلىشنى چىڭىتتى. ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 9- ئومۇمىي يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈردى ھەم قەتئىي ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدىن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى ئالىي سىياسىي پىرىنسىپ قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلدى. «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى قارار»نى مۇھاكىمە قىلىپ ماقۇللاپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە باشتىن- ئاخىر سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشقا تۈرتكە بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى.

 قائىدە- تۈزۈم ئورنىتىپ، يېپىق ھالقىلىق مېخانىزمنى ئەمەلىيلەشتۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۇزاق مەزگىللىك سىياسىي ۋەزىپە، ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇردى، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى تەرەپ، ھەرقايسى ھالقىلاردا سىياسەتلەرنىڭ تۈزۈلۈپ ئېلان قىلىنىشىدىن ئىجرا قىلىنىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگىچە، جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىگە ئاڭلىق بويسۇندى. ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھېسابات دەپتىرى تىزىملىكى شەكلىدە باشقۇرۇشنى قاتتىق يولغا قويۇپ، ئىز قوغلاپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ، سىياسەت- بۇيرۇقلىرىنىڭ راۋانلىقىغا، بۇيرۇقلىرىنىڭ جەزمەن ئىجرا قىلىنىشىغا، ئاخىرغىچە ئىزچىللاشتۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

 سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، قائىدە- تۈزۈم تۇرغۇزۇپ، قاتتىق ئىجرا قىلدى. پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسى، بولۇپمۇ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنىڭ كونكرېتلىشىشى، تۈجۈپىلىشىشى، دائىملىشىشىنى ئالغا سىلجىتتى. پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، مۇھىم ئىشلاردا يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بارلىق ھەرىكەت ئۆلچىمىنى قەتئىي قائىدە بويىچە يولغا قويدى، ئىنتىزامنى پىرىنسىپ قىلدى، تۈزۈم بويىچە ئىدارە قىلدى. كادىرلارنىڭ سىياسىي ساپاسىنى تەكشۈرۈش ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سىياسىي ساغلاملىقىنى تەكشۈرۈشنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان پارتىيەلىك كادىرلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى غايە- ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئىنتىزام ۋە قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، «ئۈچ قەتئىي يول قويماسلىق»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىدىيە چوڭقۇر قاتلىمىدىن تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى.

 ئىككىنچى، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ غايە- ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى

 باش شۇجى شى جىنپىڭ: نەزەرىيە جەھەتتە سەگەك بولغاندىلا، سىياسىيدا ئاندىن قەتئىي بولغىلى بولىدۇ، دەپ تەكىتلىدى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى، 21- ئەسىر ماركسىزمى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىيەت تەجرىبىسى ۋە كوللېكتىپ ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى. شىنجاڭ چېگرا رايوندىكى مىللەتلەر رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن- ئاخىر پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇردى.

 دائىم ئۆگىنىپ، دائىم يېڭىلاپ تۇرۇش ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيەۋى نەزەرىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى. يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا) يىغىنى «1- قارالما» تۈزۈمى ۋە نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئۆگىنىشىنىڭ «دائىملىق قارالما» تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھەر قېتىملىق مەركەزلىك تەربىيەسى، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس»، «پارتىيە بايرىقى تىيانشاندا نۇر چاچتى» باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى قاتارلىق ئۆگىنىش ئەمەلىيىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلارنى نەزەرىيە ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇنچىللىق قارىشىنى كۈچەيتىپ، خەلقچىللىق ھېسسىياتىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، غايە- ئېتىقادنى چىڭىتىپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش داۋامىدا ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. 2024- يىلى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى 500 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق مەركەزلىك ئۆگىنىش، مۇھاكىمىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى، 130 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق ئىبرەت تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

 ئاساسنى پۇختىلاپ قۇۋۋەت توپلاپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەگە سادىق بولۇش تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ تەربىيەسى، پارتىيەگە سادىق بولۇش تەربىيەسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى سىجىل ساپلاشتۇردى، ھەر مىللەت پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىگە بولغان ئۆزلەشتۈرۈشى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، «تۆت ئاڭ» تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، «تۆت ئىشەنچ» تېخىمۇ چىڭىتىلدى، «ئىككىنى قوغداش» تېخىمۇ قەتئىي بولدى.

 ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەۋىلىك ساپاسىنى كۈچەيتتى. «ئاتلىق لېكسىيە سۆزلەش ئەترىتى» «قىزىل كۆچمە دەرسخانا» قاتارلىق خاس ۋاسىتىلەردە يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش- تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تەربىيەسىنى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئامما ياقتۇرىدىغان، مەدەنىيەت ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىدىغان شەكىلدە پارتىيەۋىلىك تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى. زامانىۋى مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى پائالىيىتىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئىشەنچلىك، ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغان، يېقىملىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تىپىك ئىش ئىزلىرى، قەھرىمان نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرىنى تەقدىرلەپ ۋە تاللاپ- تۇرغۇزۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيە ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىشتىكى شان- شەرەپ تۇيغۇسى، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۈن- تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش، ئۈن- تىنسىز ئۆزىنى بېغىشلاش جەريانىدا، ماركسىزملىق ئېتىقاد، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئەقىدىسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە بولغان ئىشەنچ ئۇرۇقىنى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ قەلب ئېتىزىغا تېرىپ يىلتىز تارتقۇزدى، چېچەكلەتتى، مېۋە بەرگۈزدى. ساياھەتچىلەرنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەرگەن ئابدۇجاپپار مېڭدى پارتىيە ئەزاسىلىق ئىزنىكىنى كۆرسەتكەن ئاشۇ دەقىقىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تور ئەھلىنىڭ قەلبى ئىللىقلىققا تولدى، پارتىيە ئەزالىرىغا بولغان ھۆرمىتى ئاشتى، «پارتىيە ئىزنىكىنى كۆرسەتكەن تاغا» ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشىنى چۈشەندۈردى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك كۈچىنى نامايان قىلدى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ شانلىق ئوبرازىنى تىكلىدى.

 ئۈچىنچى، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسەتتى

 باش شۇجى شى جىنپىڭ: ھاكىمىيەت خەلق دېمەكتۇر، خەلق ھاكىمىيەت دېمەكتۇر، خەلق رايىنى مايىل قىلىش ياكى مايىل قىلالماسلىق پارتىيەنىڭ ھايات- ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك، دەپ كۆرسەتتى. شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، 56 مىللەت ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھىمايە قىلىشى ۋە قوللىشى پارتىيەنىڭ چېگرا رايوندىكى مىللەتلەر رايونىدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم ئۇلى.

 خەلقنى كۆزلەش، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىكى بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئەمەلدە كۆرسەتتى. تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمەن قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات ۋە پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلدى. 2024- يىلى شىنجاڭ بويىچە %77تىن ئارتۇق مالىيە چىقىمىنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە سەرپ قىلدى، شەھەر- بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلاردىن 483 مىڭ 200 كىشى يېڭىدىن كۆپەيدى، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بار 33 مىڭ 400 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى. يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان 1 مىليون 103 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلىدى. خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى كۈچەپ ياخشى يولغا قويۇپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى 1893 يەسلىنىڭ يەسلى باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك تەڭپۇڭ تەرەققىياتى، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى كېڭەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. داۋالاش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت دەرىجىلىك تۆت رايون داۋالاش مەركىزى، ئۆلكە دەرىجىلىك تۆت رايون داۋالاش مەركىزىنى پۈتكۈزۈپ يۈرۈشتۈردى، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇردى، ئاساسىي قاتلام داۋالاش- ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، ھەر مىللەت ئامما داۋالىنىش ئىمكانىيىتىگە تېخىمۇ ئىگە بولدى، «ئىشىك ئالدى»دا ياخشى داۋالىنالايدىغان بولۇش ئەمەلىي بولغان خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتىگە ئايلاندى. ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، شەھەر- يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىنى ئايرىم- ئايرىم %5 ۋە %12 ئۆستۈردى، تۈرلۈك قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 8 مىليارد 560 مىليون يۈەن تارقاتتى، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە بولدى.

 ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر مۇلازىمەت قىلىپ، قەلبلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ مۇجەسسەملىدى. ئاساسىي قاتلامنى ئومۇميۈزلۈك تۇتۇشتىن ئىبارەت روشەن يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ۋە يېزا، كەنت، مەھەللىلەردىكى پارتىيەلىك كادىرلار قەلبلەرنى مايىل قىلىش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشنى نېگىز قىلىپ، ئامما بىلەن دەرەخ سايىسى ئاستىدا چۆرىدىشىپ، بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، بىر كاڭدا جەم بولدى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوستلىشىپ، ئاممىنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئاممىدىن كەمتەرلىك بىلەن مەسلىھەت سورىدى، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشى، ئۆيلىنىش- پەرزەنت كۆرۈش قارىشى، مائارىپ قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلىدى. مەنىۋى مەدەنىيلىك ۋە ماددىي مەدەنىيلىك جەھەتتە زامانغا لايىقلىشىپ، زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئاممىنى ئەقىل- پاراسىتى ۋە ئەمگەكچان بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ گۈزەل ماكان قۇرۇپ چىقىشقا تەشكىللىدى، سەپەرۋەر قىلدى. پارتىيەلىك كادىرلار بىردەك: ئاساسىي قاتلام كادىرلارنى چېنىقتۇرىدىغان بىلەي تاش، بىز كۆڭلى- كۆكسىمىزنى كەڭ قىلىپ ئاممىغا كەڭ قورساق بولۇپ، سەمىمىيلىك، ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن ئاممىغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ئاممىغا مۇلازىمەت قىلساقلا، چوقۇم كەڭ ئاممىنىڭ چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرالايمىز، دېگەن تەسىراتقا كەلدى.

 ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملىدى، يۈكسەلدۈردى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ «تۆت تارىخ» تەربىيەسىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ، يېتەكلەپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ھېسسىيات بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ياش- ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساسنى پۇختىلاش» قۇرۇلۇشىنى دەل جايىدا يولغا قويۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئىشلىتىش ئېڭى ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەپ، ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلدى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش، قىسىمدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر بىلەن شۇ جايدىكى ئامما قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىشنى كۆپ خىل شەكىلدە ئالغا سىلجىتتى، پارتىيەلىك كادىرلار ھەر مىللەت ئامما بىلەن تاماقتا، يېتىپ- قوپۇشتا، ئۆگىنىشتە، ئەمگەكتە بىللە بولۇش داۋامىدا، ئۆزئارا بېرىش- كېلىش قىلدى، ئۆزئارا ئۆگەندى، ئۆزئارا ياردەم بەردى، پارتىيە ئەزالىرى بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى بېرىش- كېلىش قىلغانسېرى تېخىمۇ يېقىنلاشتى، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ «سالاپىتى، ئوبرازى» تېخىمۇ ياخشىلاندى، ھەر مىللەت ئامما چىن قەلبىدىن باش شۇجىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى، كوممۇنىستىك پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى، ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداش ئېڭى بارغانسېرى كۈچەيدى.

 تۆتىنچى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇشنى كاپالەت قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇردى

 باش شۇجى شى جىنپىڭ: ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» بولۇپ، «ئۈزۈك يول» كۆرۈلۈشكە بولمايدۇ، دەپ تەكىتلىدى. شىنجاڭدا 108 ناھىيە (شەھەر، رايون)، 1162 يېزا- بازار (كوچا باشقارمىسى)، 11 مىڭ 798 كەنت (مەھەللە) بار، ھەربىر ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى پارتىيە ئورگانىزمىنىڭ «ئاخىرقى نېرۋا ئۇچى»، پارتىيەنىڭ جەمئىيەت ئاساسىي قاتلىمىدىكى جەڭگىۋار قورغىنى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئەمىن تاپتۇرۇشتىكى ئۇزاق مەزگىللىك پىلان ۋە ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلات سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىرىنچى سەپ خىزمەت كۈچلىرىنى تولۇقلاپ، پارتىيە بايرىقىنى ھەربىر ئاساسىي قاتلام بازىسىدا ئېگىز جەۋلان قىلدۇردى.

 پۈتۈن ساھە بويىچە ئاساسىي قاتلام تەشكىلات سىستېمىسىنى زىچ توقۇدى. يېزىلاردىن شەھەرلەرگىچە، ئەنئەنىۋى كەسىپ ھالىتىدىن يېڭى كەسىپ ھالىتىگىچە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتىنى ھەربىر جەمئىيەت باشقۇرۇش ھۈجەيرىسىگىچە قۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئامما بارلىكى جايدا پارتىيە تەشكىلاتى بار بولۇش، پارتىيە خىزمىتى بار بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاساسىي گەۋدە ناھىيەدە بولغان، يېزىغىچە ئۇزارتىلغان، كەنت(مەھەللە)كىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن، نۇقتىغىچە قېلىپلاشتۇرۇلغان ئاساسىي قاتلام تەشكىلات تورى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت مەركىزى، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزى، مەدەنىيەت مەركىزى، بىر بېكەت شەكلىدىكى زال قاتارلىق پارتىيە ئەزالىرى- ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئالاقە پونكىتى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى خىزمەت پونكىتى (ئىشخانىسى) قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ھەربىر «مەركەز، پونكىت- ئىشخانا» بويىچە نۇقتىلارنى تۇتاشتۇرۇپ لىنىيە ھاسىل قىلىپ دائىرىنى كېڭەيتىپ، ئۇنى ئاممىۋى پائالىيەتنى قانات يايدۇرىدىغان، مەدەنىيەت تەربىيەسىنى تەشۋىق قىلىدىغان، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش- ئىختىساسلىقلار بويىچە تەربىيەلەيدىغان، زىددىيەت- ماجىرالارنى ھەل قىلىدىغان ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەت سۇپىسىغا ئايلاندۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى خەلق قەلبىگە يېقىنلاشتۇردى، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلاشتۇردى، خەلق ئاممىسىغا بەخت ياراتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى قۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى چاقىرىق كۈچى، تەشكىللەش ئىقتىدارى، ئۇيۇشۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئوخشاش بولمىغان جەمئىيەت توپىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.

 ئاساسىي قاتلامنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ھەر تەرەپلىمە ئۇرغۇتتى. ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى دەل جايىدا ئەلالاشتۇرۇپ، يېزا- بازار(كوچا باشقارمىسى)لارنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىشلىرىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، راۋانلاشتۇرۇپ، كەنت(مەھەللە)لەرنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىدىغان، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تۇتاشتۇرۇلغان، ئوخشاش سوئالغا ئورتاق جاۋاب بېرىدىغان «رەقەملەشتۈرۈش ئارقىلىق كۈچ قوشۇش» خىزمەت ئەندىزىسى ئۈستىدە رەقەملىك تېخنىكىغا تايىنىپ ئىزدىنىپ، «ئاساسىي قاتلامدا بىر جەدۋەل بولۇش» ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى. نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قېلىپلاشتۇرۇپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ چۈشەكتىن بوشىتىپ، سۈپەتنى كۈچەيتىش، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش، نەتىجىدىن پايدىلىنىش جەھەتتە باھالاش، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەكشۈرۈشكە، باھالاشقا تەييارلىق كۆرۈش يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشقا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت، زېھنىي كۈچ ئاجرىتىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ھۆججەتنى ئىخچاملاپ يىغىننى ئاددىيلاشتۇرۇش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، تارقىتىلغان ھۆججەتلەرنىڭ سانىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، يىغىن سانى، ئۆلچىمى ۋە قېتىم سانىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلام ئۈچۈن «ئېلىش ئەمىلى»نى قوللىنىپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

 بايلىق مۇلازىمىتىنى بىرىنچى سەپكە قارىتىشقا تۈرتكە بولدى. ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار ھەر يىلى مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى كۈچ ئۇلاپ كەنتتە تۇرۇپ ئاساسىي قاتلام خىزمەت كۈچىنى تولۇقلاشقا تاللاپ ئەۋەتىپ، ئاساسىي قاتلام ئۈچۈن پىكىر يولى كۆرسىتىپ، ئۇسۇل ئۆگىتىپ، تەجرىبە يەتكۈزۈپ، «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىقتىدار ساپاسىنى «ئاجىز» بولۇشتىن «كۈچلۈك» بولۇشقا ئۆزگەرتتى، «ئارقا سۇپا»دىن «ئالدى سۇپا»غا چىقاردى، «يانداش رولچى»دىن «باش رولچى»غا ئايلاندۇردى، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇردى. ساقچى كۈچلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىش، ساقچى ئىشلىرىنى ئالدىنقى سەپكە يۈزلەندۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئومۇمىي جەھەتتىن ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، تۆۋەنگە ئەۋەتىلگەن كۈچلەرنى ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلام مۇقىملىقىدىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچ»قا ئايلاندۇردى.

 بەشىنچى، «مەڭگۈ داۋاملىشىش»تىن ئىبارەت قەتئىيلىك بىلەن ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتتى، مەيىن شامال تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى- شىمالىنى سىيپاپ ئۆتتى

 باش شۇجى شى جىنپىڭ: پارتىيە ئىستىلى پارتىيە ئوبرازى دېمەكتۇر، ئۇ، كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىل بولۇش- بولماسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك، پارتىيەنىڭ ھايات- ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك، دەپ كۆرسەتتى. ھازىر شىنجاڭ تېپىلغۇسىز يېڭى پۇرسەتكە يۈزلەنمەكتە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى زور ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتە. شىنجاڭ داھىينىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۇرچ، مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئىستىلنى ياخشىلاش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىشقا كۈچەپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى شەكىللەندۈردى.

 ئاساستىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزدى. ئامما ئارىسىدىن كېلىپ، ئامما ئارىسىغا بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشنى ئەڭ زور سىياسىي نەتىجە قىلىپ، ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەت ۋە ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ھۆرمەت قىلىپ، بارلىق خىزمەتلەرنى ئاممىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتى، تۈپ مەنپەئىتى، ئۇزاق كەلگۈسى مەنپەئىتىدىن پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنىڭ ساداسىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي يېڭىپ، يۇقىرىنىڭكىنىلا ئاساس قىلىپ ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلماسلىق، ئالدىراقسانلىق قىلىپ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كېتىش، بۈگۈننى ئويلاپ ئەتىنى ئويلىماسلىق قاتارلىق خاتا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى ۋاقتىدا بايقاپ، تۈزىتىپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»، ئىجرا قىلىشنى ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىشتەك خىزمەت ئۇسۇلىنى ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن توسۇپ، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئۇزاق مۇددەتلىك ئۈنۈمنى ئويلىشىپ، تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ، دېگەن مەنزىل ۋە تۆھپە يارىتىشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك، دېگەن مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، كونا يول، كونا ئۇسۇل تەپەككۇر ئاسارىتىدىن ئاڭلىق قۇتۇلۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى كەيپىيات يارىتىشقا تۈرتكە بولدى.

 تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يول ئېچىشتا چىڭ تۇرۇپ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بىلەن خەلقتىن ئەقىل سوراشنى بىرلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، «تۆتتە ئاساسىي قاتلامغا بېرىش»نى ئەمەلدە كۆرسەتتى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار مەسىلىلەرنى تەتبىقلىغان ھالدا ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەھۋالىنى پۇختا ئىگىلەپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان ھالدا ئاممىدىن كەمتەرلىك بىلەن تەلىم ئېلىپ، خەلق رايىنى كەڭ دائىرىدە توپلاش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى سېلىشتۇرۇپ ھەقىقىي تەكشۈرۈپ ئۆزگەرتىپ، ئامما بىلەن بولغان ئارىلىقنى قەدەممۇقەدەم يېقىنلاشتۇرۇپ، ئامما بىلەن بولغان ھېسسىياتنى ئاز- ئازدىن توپلاپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى تەدرىجىي ئىگىلىدى. شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ دەۋر تېمىسى ئۈستىدە پائال پىكىر يۈرگۈزۈپ ۋە ئىزدىنىپ، «قۇشقاچ ئوپېراتسىيەسى قىلىش» شەكلىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلام دۇچ كەلگەن قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارغا دەل جايىدا دىياگنوز قويۇپ، چوڭقۇرلۇققا، ھارارەتكە، سالماققا ئىگە بىر تۈركۈم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، تەرەققىيات ئېھتىياجىغا، ئىسلاھاتنىڭ تەقەززاسىغا، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئارزۇسىغا، خەلق رايىنى مايىل قىلىشقا دائىر بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

 جازالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملىدى. جازالاش ئارقىلىق چۆچۈتۈش، تۈزۈم ئارقىلىق چەكلەش، ئاڭلىقلىقنى ئۆستۈرۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلار پاك ۋە ئادىل بولۇش، سىياسىيدا تەرتىپلىك بولۇش، جەمئىيەت ساپ بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. قەتئىي يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋە رەزىللىكنى جازالاش، بىخلانغانلىقىنى بايقىغان ھامان ۋاقتىدا ئەسكەرتىپ تۈزىتىش، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىق خىزمەت مېخانىزمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتتى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۇزاق مەزگىللىك، ئۈنۈملۈك پولات قائىدە، قاتتىق ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھوقۇقنى، ئىشنى، ئادەمنى تۈزۈم ئارقىلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈشىگە قارىتا چەك قويۇش، نازارەت قىلىشنى چىڭىتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك ۋە ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي تۈزىدى. پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلارنى كاللىنىڭ سەگەك بولۇشىنى ساقلاپ، پارتىيەۋىلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، چىرىكلىشىشنى توسۇش، ئۆزگىرىپ ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا تەربىيەلىدى ۋە يېتەكلىدى، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى يېپيېڭى تۈسكە كىرگۈزۈپ، جەمئىيەت ئىستىلى، خەلق ئىستىلىنى سىجىل ياخشىلىدى.

 ئالتىنچى، بىر خىل شەكىل بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغان كەڭ قورساقلىق بىلەن ئىختىساسلىقلارنى كەڭ جەلپ قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملىدى

 باش شۇجى شى جىنپىڭ: نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىشتىكى ئاچقۇچ پارتىيەدە، ئاچقۇچ ئادەمدە، دەپ تەكىتلىدى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇق بىلەن دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئۆزئارا گىرەلىشىپ، ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇقىدىكى ئورنى ۋە رولى كۈنسېرى گەۋدىلىنىپ، تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا ئىختىساسلىقلارغا تەشنا بولدى، تارىخنىڭ ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالالايدىغان، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولدى.

 تاللاش، يېتىشتۈرۈش، باشقۇرۇش، ئىشلىتىش ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام تايانچلىرىنى كۈچلۈك بەرپا قىلدى. ئاساسىي قاتلامنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، ناھىيە- شەھەرلەرنىڭ «بىرىنچى باشلىق» ۋە يېزا- بازار (كوچا باشقارمىسى)، كەنت (مەھەللە) پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ شۇجىلىقىغا ئەلالارنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلىدى. رايون، سالاھىيەت، كەسىپ چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ئىچكى رايوندىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار، تاللاپ ئىشقا قويۇلغان ئوقۇغۇچىلار، غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى، «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش»كە قاتناشقۇچىلار، يېزا ئاقىللىرى- قابىللىرىنى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاچقۇچلۇق ئىش ئورۇنلىرىغا تاللاپ ئەۋەتىپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشقا قاتنىشىش ئالدىنقى سېپىدە ئۆسۈپ يېتىلدۈردى، چېنىقتۇردى.

 مىقدار بىلەن سۈپەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، كادىرلار قوشۇنىنى ئەلالاشتۇردى. يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىر ئۆلچىمى ۋە مىللەتلەر رايونىدىكى كادىرلارنىڭ «تۆت ئالاھىدە» ئۆلچىمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادەم ئىشلىتىش روشەن يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتكەن، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، بوران- چاپقۇننىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىغا تولۇق ئىشەندى، ئۇلارنى قەتئىي ئىتتىپاقلاشتۇردى، يۈرەكلىك تاللاپ ئۆستۈردى، دادىل ئىشلەتتى. تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن قوش يۆنىلىشلىك ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىپ چېنىقتۇرۇش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى كادىرلارنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، شىنجاڭ ئىچى- سىرتى، پارتىيە ئىچى- سىرتىدىكى ھەر ساھەدىكى كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلارنى دەۋرىي ئالماشتۇرۇش يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، شىنجاڭدىكى كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى، ئىقتىدار قۇرۇلمىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدى.

 ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات موتورىنى قوزغاتتى. ھەر يەر- ھەر يەردىن بولۇش، ياخشىلارنى ئىشقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات گۇرۇھى قۇرۇپ، 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار ۋە جىددىي ئېھتىياجلىق، قىس ئىختىساسلىقلاردىن 3200دىن ئارتۇق كىشىنى كۆپ يول ئارقىلىق كىرگۈزدى، تەربىيەلىدى. بۈگۈنكى شىنجاڭغا ۋەتەننى سۆيۈپ تۆھپە قوشىدىغان، چېگرا رايوندىكى مىللەتلەر رايونىغا ئاتلىنىپ ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەيدىغان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئىختىساسلىقلار قوشۇنى توپلاندى، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچى سىجىل ئۇرغۇدى.

 كەسىپ بىلەن ئىختىساسلىقلار يۇغۇرۇلۇپ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات مۇنبەت تۇپرىقىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتتى. ئالىي مائارىپنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستنى تولۇق كۇرس مائارىپى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى تارىخىي خاراكتېرلىك ئىشقا ئاشۇردى. «ئون چوڭ كەسىپ توپى»نىڭ تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ خاس ئەۋزەل كەسىپلىرىگە ئالاقىدار يېڭىدىن گۈللەنگەن پەنلەر، جىددىي ئېھتىياجلىق، قىس بولۇۋاتقان پەنلەرنى يېتىشتۈردى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە دوكتورلۇق نۇقتىسىدىن 17نى، ماگىستىرلىق نۇقتىسىدىن 45نى يېڭىدىن كۆپەيتتى، دۆلەت شامال كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى، تىيانشان تەجرىبىخانىسىنى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇردى، خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسىنى پۇختا يۈرۈشتۈردى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسى مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇردى، شىنجاڭ چېگرا رايوندىكى مىللەتلەر رايونىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى توپلاش، ئىختىساسلىقلارنى ئېلىپ قېلىشتىكى يېڭى ئېگىزلىككە ئايلانماقتا.

 ئولتۇرۇۋېلىپ قۇرۇق گەپ سېتىشقا، قۇرۇق داۋلى سۆزلەشكە بولمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىدە ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇلغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتىن كەلگەن، شۇنداقلا ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، بۇ، پارتىيەنىڭ چېگرا رايوندىكى مىللەتلەر رايونىدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەيۋەتلىك تاغلارنىڭمۇ جەزمەن بىر ئاساسىي چوققىسى بولىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇزاق مەزگىللىك تەدبىر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، تەيشەن تېغىدەك مەزمۇت قىلىپ، تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىن ئىبارەت بۇ مېھىرلىك تۇپراقتا ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى قەتئىي، كەسكىن تۈردە پارتىيەگە ئەگىشىپ بىرلىكتە تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى بىرلىكتە پۈتۈپ چىقايلى!

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125