قورغاس تۆمۈريول پورتىنىڭ ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش مەيدانىدا، نۆۋەتچى پويىزلارغا ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلماقتا (6- ئاينىڭ 13- كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). فېڭ خەيسېن فوتوسى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو
6- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە، بۇ يىل قورغاس تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق ئىمپورت- ئېكسپورت قىلىنغان يۈك مىقدارى 6 مىليون 70 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.3 ئاشتى؛ 1- ئايدىن 5- ئايغىچە، جۇڭگو- قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىگە كىرگەن- چىققانلار 3 مىليون 893 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %87.2 ئاشتى؛ ئالدىنقى بەش ئايدا، قورغاسنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سوممىسى 28 مىليارد 50 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %890 ئاشتى... بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، قورغاسنىڭ تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلىرىدا ئارقا- ئارقىدىن يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، چېگرادىكى كىچىك شەھەر ھاياتىي كۈچكە تولدى.
6- ئاينىڭ 18- كۈنى، «چېگرانى بويلاپ تۈمەن چاقىرىملىق سەپەر قىلىش − ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت پائالىيىتى»نىڭ ئەزالىرى قورغاس شەھىرىگە كېلىپ، بۇ جاينىڭ نېمىشقا بۇنچە ئاۋاتلىشىپ كەتكەنلىكىگە جاۋاب ئىزدىدى.
سىياسەت جەھەتتە كۈچەش چەكسىز ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتتى. 2023- يىلى 11- ئايدا، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى، ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى، قەشقەر بۆلەك رايونى، قورغاس بۆلەك رايونى مەۋقەنى ئۆز فۇنكسىيەلىك ئورنىغا قويۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، شۇ جاينىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى قۇۋۋەت قوشتى. كۈچلۈك سىياسەت پايدىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، قورغاس بۆلەك رايونى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نەتىجە قەغىزى تاپشۇردى: 2024- يىلى ئىمپورت- ئېكسپورت سودا ئومۇمىي سوممىسى 101 مىليارد 458 مىليون يۈەنگە يەتتى، ئەمەلىي پايدىلانغان چەت ئەل مەبلىغى 80 مىليون دوللاردىن ئاشتى، يەنە ئۆلكە دەرىجىلىك 15 تۈرلۈك تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى ۋە تىپىك مىسالنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە مىسال ئومۇمىي سانىنىڭ %43ىنى ئىگىلەپ، ئۈچ بۆلەك رايون ئىچىدە باش ئورۇندا تۇردى، 81 تۈرلۈك ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئالغا سىلجىتتى.
شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كۈچ قوشۇپ تېخىمۇ كۆپ ياردەمچى كۈچ ئېلىپ كەلدى. قورغاسنىڭ ئاۋاتلىشىشى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكىلەرنىڭ كۈچلۈك قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. جياڭسۇ ئۆلكىسى قورغاس شەھىرىگە سۇجوۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە قورغاس پورتى ئالدىنقى سەپ خىزمەت گۇرۇپپىسى، ليەنيۈنگاڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە قورغاس شەھىرى ئالدىنقى سەپ خىزمەت گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئىككى خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى. قورغاس بۆلەك رايونى قۇرۇلغاندىن كېيىن، سۇجوۋ خىزمەت گۇرۇپپىسى سۇجوۋ − قورغاس بۆلەك رايونى ئىككى رايون ھەمتۈرتكە بولۇپ مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنى تەشكىللەپ ئېچىپ، خۇادۇڭ رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ قورغاسقا كېلىپ مەبلەغ سېلىشىغا تۈرتكە بولدى، يەنە جۇڭگو (جياڭسۇ) ئەركىن سودا سىناق رايونى سۇجوۋ بۆلەك رايونى بىلەن قورغاس بۆلەك رايونىنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى» ئىمزالىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى جاينىڭ ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتتى.
كارخانىلار سەزگۈر بولۇپ، تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتتى. دۆلەتنىڭ سىياسىتى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كۈچ قوشۇش ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنىڭ كۈچلۈك بىرىكىشىدە، بارغانسېرى كۆپ كارخانىلار قورغاس شەھىرىگە كەلدى، جۇڭداشىجيا (شىنجاڭ) چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى دەل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. 2023- يىلى 9- ئايدا، بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ ئېنپېي قورغاس شەھىرىدە ساياھەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە، بۇ جاينىڭ ئۇنىۋېرسال ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىگەندىن كېيىن، كەسكىنلىك بىلەن شىركەت كەسپىنى قورغاسقا يۆتكەشنى قارار قىلدى ھەم تىزىمغا ئالدۇرۇپ شىركەت قۇردى.
«قورغاسقا بېرىپ تەرەققىي قىلىشنى قارار قىلغاندا، نۇرغۇن كىشىنىڭ مېنىڭ قارارىمغا بولغان قارىشى ياخشى بولمىدى، لېكىن ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، قورغاس بىز مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىدى»، دېدى ۋاڭ ئېنپېي.
ۋاڭ ئېنپېينىڭكىگە ئوخشاش قورغاس بۆلەك رايونىغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرگەن كارخانىلار بارغانسېرى كۆپەيدى، تۈر ئۆلچىمى بارغانسېرى يۇقىرىلىتىلدى.
دىققەت ئىستېمالغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، چەكسىز قىزغىنلىق ئۇرغۇتۇلدى. نۇرغۇن كارخانىنىڭ ماكانلىشىشى ئىستېمالچىلارنىڭ چەكسىز قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتتى، چېگرا ھالقىغان ساياھەت، مال سېتىۋېلىش ساياھىتى قورغاستىكى ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان ساياھەت تۈرىگە ئايلاندى.
6- ئاينىڭ 18- كۈنى، جۇڭگو- قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ جۇڭگو تەرەپ كىرىش ئېغىزى تەكشۈرۈش يولىدا ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ كەتكەنىدى، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ جايدىن ھەمكارلىق مەركىزىگە كىرىۋاتاتتى.
ھەمكارلىق مەركىزىگە كىرگەندىن كېيىن، ساياھەتچىلەر ساياھەت ئاپتوموبىللىرىغا ئولتۇرۇپ باج كەچۈرۈم قىلىنغان دۇكان، تۇتىشىش يولى قاتارلىقلارغا قاراپ ماڭدى، ساياھەتچىلەر ھەمكارلىق مەركىزىدە «چېگرا ھالقىغان ساياھەت»نى ھېس قىلالايدۇ، ئاپپاراتنىڭ كۇنۇپكا ئاۋازى تۇرۇپ كۆتۈرۈلۈپ تۇرۇپ پەسىيىپ تۇراتتى. ھەرقايسى چوڭ باج كەچۈرۈم قىلىنغان سودا شەھەرچىلىرىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن باج كەچۈرۈم قىلىنغان تاۋارلار كۆزنى قاماشتۇراتتى، بۇلار ساياھەتچىلەرنىڭ ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىگە سوۋغاتلىق قىلىش، ئۆزىنى خۇش قىلىشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك تاللىشى بولۇپ قالغانىدى.
«بۇ مېنىڭ ھەمكارلىق مەركىزىگە تۇنجى قېتىم كېلىشىم، بۇ جايدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن باج كەچۈرۈم قىلىنغان تاۋارلارنى سېتىۋالالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم»، دېدى گەنسۇدىن كەلگەن ساياھەتچى بەي لىشىڭ.
قورغاس شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى يۈەن شياۋجۈن مۇنداق دېدى: قورغاس ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ غايەت زور سېلىنما يوشۇرۇن كۈچىنى ئىسپاتلىدى، ئىشىنىمەنكى، كەلگۈسىدە بۇ جاي تېخىمۇ ئاۋاتلىشىدۇ، كىشىگە تېخىمۇ ئۈمىد بېغىشلايدۇ.