ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى
11:06:29 2025-06-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شىنجاڭ چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، چياۋمىنلارنىڭ قەلبى ۋە كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەش كېرەك

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ)  6- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، «چياۋمىنلارنىڭ قەلبى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ كېڭەشتى، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

 يىغىندا، 14 نەپەر سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، مۇتەخەسسىس، ئالىم، دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلارنىڭ ۋەكىلى چياۋمىنلارنىڭ قەلبىنى مۇجەسسەملەش، چياۋمىنلارنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى توپلاش، چياۋمىنلارنىڭ كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش، چياۋمىنلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش قاتارلىق تەرەپلەرنى چۆرىدەپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ چارە- تەدبىر كۆرسەتتى. كۆپچىلىك مۇنداق تەكلىپ بەردى: «تەكلىپ قىلىش، سىرتقا چىقىش» خىزمىتى سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك؛ چياۋمىنلار ئۈچۈن كۆڭۈل قويۇپ مۇلازىمەت قىلىپ، چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك؛ چياۋمىنلار كارخانىلىرىنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىش كېرەك؛ چياۋمىنلار بىرلەشمىسى تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن چياۋمىنلار ساھەسىنىڭ كۈچىنى تەقدىم قىلىش كېرەك.

 نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- تەلىپى بويىچە، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىدىيەۋى- سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت بۇ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ مەركىزىي ھالقىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىدىكى قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كۆزدىن كەچۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، تەدبىر- تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆگىنىش- سۆھبەتلىشىش، سىردىشىش- پىكىر ئالماشتۇرۇش، سىياسەتنى ئىزاھلاپ چۈشەندۈرۈشنى دائىملىق قانات يايدۇرۇش داۋامىدا ئىشەنچنى كۈچەيتىش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش، قەلبلەرنى ئىللىتىش، قەلبداش بولۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

 نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: سىجىل تۈردە ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، چياۋمىنلار ساھەسىدىكىلەر توپىغا، بولۇپمۇ شىنجاڭلىق چياۋمىن قېرىنداشلارغا قارىتا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە ئۇلۇغۋار پىلانىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشقا يېتەكلەش كېرەك؛ چىياۋمىنلارنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئۇيۇشتۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بايلىقىنى يەنىمۇ قېزىپ ۋە بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ھېكايىسىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، لېكسىيە سۆزلەپ، چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، يۇرتقا بەخت يارىتىش ئىشەنچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك؛ سىجىل تۈردە كەسىپلەر بويىچە چياۋمىنلار بىلەن ئالاقىلىشىش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇھىم ساھەلىرىنى چۆرىدەپ، «چياۋمىنلار ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، چياۋمىنلار ئارقىلىق ئەقىل- پاراسەت كىرگۈزۈش» خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ سىجىل تۈردە سىياسەت ئارقىلىق چياۋمىنلارغا نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىنى ئىنچىكە ئىشلەپ، چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ شىنجاڭدا خىزمەت قىلىشى، تۇرمۇش كەچۈرۈشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.

 ئېلزات ئەخمەتجان يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ پىكىر- تەكلىپلىرىگە جاۋاب بەردى. جارۇللا ھېسامىدىن، ياڭ يۇڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، نۇرۇم ئىسمايىلقان، ئېزىز مۇسا، ليۇ خۇيجۈن، ھەسەنجان ئەخمەت يىغىنغا قاتناشتى.

 ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش شياڭگاڭ- ئاۋمېن- تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، چياۋمىنلار ۋە تاشقى ئىشلار كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداش مەخسۇس تېمىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق چياۋمىنلار ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، ئالاقىدار تارماقلار جاۋاب بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125