ئەركىن تۇنىياز ئىلى ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
11:11:48 2025-06-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئەركىن تۇنىياز ئىلى ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىش كېرەك

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ)  6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرىگە بېرىپ، چوڭ - چوڭ تۈرلەر، خاس كەسىپلەر، خەلق تۇرمۇشى خىزمىتى قاتارلىقلارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلقنى قەلب تۆرىگە قويۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئىستىلنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش داۋامىدا تېخىمۇ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈنۈمى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش كېرەك.

 ئەركىن تۇنىياز جۇڭگو پىڭمېي شېنما پاي كونترول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ يورۇقلۇق ۋولت ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش تەتقىقات بازىسىغا كېلىپ، تۈر قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ كارخانىنى مەۋقەنى شۇ جاينىڭ بايلىق، رايون ئورنى ۋە سىياسەت ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرۇشىغا پائال سىڭىشىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى. شاڭۋۇ ماشىنا - ئېلېكتىر تېخنىكىسى (شاڭخەي) چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلىغا 19 مىليون كىۋادرات مېتىر خۇاچېڭبو ئىشلەپچىقىرىش تۈرى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: شىنجاڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى»نى بەرپا قىلىۋاتىدۇ، يېڭى ماتېرىياللارنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق، كارخانىنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىدا تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، بالدۇر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىش، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىلى چۇەننىڭ بىيوتېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز كارخانىنىڭ تۆۋەن ئېقىندىكى كەسىپ زەنجىرى كارخانىلىرىنى پائال كىرگۈزۈپ، «سىرتقا چىقىرىش»نى تېزلىتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بازىرىنى تېخىمۇ ياخشى كېڭەيتىشىنى ئۈمىد قىلدى. 

 ئەركىن تۇنىياز ئىلى شىڭمياۋ تيەنجىلې ھاۋالىلىك بېقىش مەركىزىگە كېلىپ، نەق مەيداندا زال ئىچى ۋە سىرتى مۇھىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، قۇرۇلۇش ۋە تىجارەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى؛ غۇلجا شەھىرى خەيتاڭ يولى مەھەللىسىدىكى كۈندۈزلۈك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزىدە ياشانغانلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق ئەھۋالى ھەم بۇ مەركەزنىڭ كارىۋات سانى، خادىملارنىڭ سەپلىنىشى، يېمەك - ئىچمەك تازىلىقى ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «ياشانغانلار، بالىلار» ھەممە ئائىلىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ھەم ئائىلە ئىشى تېخىمۇ مۇھىمى خەلق تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار يۆلەش سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، كۆپەيتىشكە، كېڭەيتىشكە بولىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك ياشانغانلار كۈتۈنۈش، ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى ئۈلگىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يارىتىش كېرەك.

 ئەركىن تۇنىياز يەنە غۇلجا شەھىرىنىڭ كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي يۈرۈشلۈك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرى (2 - قارار) نەق مەيدانى ۋە نەنيۈەن ئولتۇراق رايونىغا كەلدى، ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي سېلىشنى تېزلىتىپ، شەھەر - بازار ئاھالىلىرى، بولۇپمۇ يېڭى شەھەر ئاھالىلىرى، ياشلارنىڭ تۇرالغۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش كېرەك. خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى شەھەرنى يېڭىلاش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، «كوچا باشقارمىسى پۇشتەك چېلىش، تارماقلار ئۆزىنى مەلۇم قىلىش» خىزمەت مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان مەھەللە قۇرۇپ چىقىش كېرەك. غۇلجا شەھىرى ئازادلىق يولى كوچا باشقارمىسىنىڭ مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىدە، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق بىلدۈردى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورا ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 ئەركىن تۇنىياز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ئىلى ئوبلاستى تىرەك بولۇش خاراكتېرىگە، تۈرتكە بولۇش خاراكتېرىگە، يېتەكلەش خاراكتېرىگە ئىگە چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي خىزمەت مىقدارىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، ئامىل كاپالىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى قاتتىق، ئەمەلىي ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

 ياڭ شيۇلى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125