جۇڭگوغا بوشلۇقتىن نەزەر | شىنجاڭ سانجى: ماچۈەنۋەننىڭ مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل
17:52:48 2025-06-20 تىيانشان تورى

 تومۇز ياز شامىلى تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىنى سىيپاپ ئۆتكەندە، شىنجاڭ سانجى ئوبلاستى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ماچۈەنۋەن خۇددى ئاستا- ئاستا يېيىلغان تەبىئەت رەسىمىگە ئوخشاش ئەڭ گۈزەل قىياپىتىنى كىشىلەرگە نامايان قىلدى. ئېگىز- پەس تاغ تىزمىلىرى چېكى يوق يېشىل گىلەمگە ئايلىنىپ بۇلۇتلارغا تۇتاشتى. شامال سىيپاپ ئۆتكەندە، ئوت- چۆپلەر زۇمرەتتەك سۇ كەبى دولقۇنلاپ، ھاياتلىقتىكى جۇشقۇنلۇقنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى. تىيانشان شەمشادلىرى تاغ ئارىسىدا قاتار تىزىلىپ، ھەيۋەتلىك قامىتى بىلەن قېنىق يېشىل رەڭدە قەد كۆتۈرۈپ، يايلاق بىلەن بىر- بىرىگە ھۆسن قوشۇپ، قاتلاملىرى ئېنىق بولغان ئىستېرېئولۇق مەنزىرىنى سىزىپ چىقتى. ياۋا گۈللەر چىملىق ئارىسىدا ئاستا- ئاستا ئېچىلىپ، بۇ يېشىل دالىغا رەڭگارەڭ تۈس قوشتى.

 ماچۈەنۋەننىڭ تومۇز كۈنلىرىنى قەلەم بىلەن ئارتۇقچە تەسۋىرلەش ھاجەتسىز، بۇ يەردىكى ھەربىر تال گۈل- گىياھمۇ شېئىرغا ئايلىنىپ، قەدەمدە بىر مەنزىرە رەسىمگە ئۆزگىرىپ، كىشىلەرنىڭ دۇنيادىكى بۇ گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125