مايتاغ- كۇچا تاشيولىنىڭ ئۈچ قات ئۈنۈمى
15:51:39 2025-06-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

 6- ئاينىڭ 18- كۈنى، «چېگرانى بويلاپ تۈمەن چاقىرىملىق سەپەر قىلىش − ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت پائالىيىتى» چېگرا پورتى شەھىرى قورغاستا يولغا چىقىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، جەنۇبىي لىنىيە زىيارەت كوللېكتىپى مايتاغ- كۇچا تاشيولىنى بويلاپ تىيانشان تېغىنى كېسىپ ئۆتۈپ جەنۇبىي شىنجاڭغا قاراپ يولغا چىقتى.

 مايتاغ- كۇچا تاشيولىدىكى جىددىي ھەم رەڭدار سەپەر داۋامىدا، زىيارەت كوللېكتىپى ئەزالىرى «بىر كۈندە تۆت پەسىلنى ساياھەت قىلىش، ئون چاقىرىمدا ئوخشاش بولمىغان ھاۋارايى بىلەن ئۇچرىشىش»قا گۇۋاھ بولدى، تېخىمۇ مۇھىمى لىنىيە بويىدىكى ئۆز ئاپتوموبىل ساياھەتچىلىرى، ساياھەت تىجارەتچىلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، مايتاغ- كۇچا تاشيولىنىڭ ئۈچ قات ئۈنۈمىنى ھېس قىلدى.

مەنزىرىسى گۈزەل مايتاغ- كۇچا تاشيولىدا، ئاپتوموبىللار توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ (6- ئاينىڭ 18- كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

 مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى زورايتقان «كۆزنەك»لىك ئۈنۈم

 «مايتاغ- كۇچا تاشيولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 561 كىلومېتىر، بىز ئالتە كۈن ۋېلىسىپىت مىنىپ، بۇ ۋاڭخۇڭ تاشيولنى ئاستا- ئاستا ئۆلچەپ بېقىشنى پىلانلىدۇق، دۇربۇنمۇ ئېلىۋالمىدۇق، شىنجاڭنىڭ بۇ <كۆزنەك>ىنى قەلبىمىز بىلەن ھېس قىلماقچى بولدۇق»، دېدى 6- ئاينىڭ 12- كۈنى خۇ پۇمىڭ يۈننەندىن مايتاغ- كۇچا تاشيولىنىڭ شىمالىي ئۇچىدىكى قاراماي شەھىرىنىڭ مايتاغ رايونىغا كەلگەندە سەپداشلىرىغا.

 خۇ پۇمىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بولۇپ ئالتە كىشىنىڭ ھەممىسى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ لوپىڭ ناھىيەسىدىكى ۋېلىسىپىتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئوتتۇرىچە يېشى 61 ياش ئىدى، ئۇلار شىنجاڭغا كېلىپ ۋېلىسىپىت مىنىشنى ئارزۇ قىلغىلى ئۇزاق بولغان بولسىمۇ، لېكىن تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ ئارزۇ ئەمدى ئىشقا ئاشتى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ۋېلىسىپىت مىنىش ھەۋەسكارلىرى مايتاغ- كۇچا تاشيولىدا بىر قېتىممۇ مېڭىپ باقماسلىق ئۆمۈر بويى ئەپسۇسلىنىدىغان ئىش ئىكەن. «ۋېلىسىپىت مىنىش خۇشاللىقى بۇ يەردە تولۇق نامايان بولدى، ھەر كۈنى تۈرلۈك ھاسىلاتلارغا ئېرىشتۇق ۋە خىرىسلارغا دۇچ كەلدۇق، ئەڭ مۇھىمى بۇ يولنى مېڭىپ بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭغا نىسبەتەن تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇق»، دېدى 6- ئاينىڭ 18- كۈنى، ھەمراھلىرى بىلەن ۋېلىسىپىت مىنىپ مايتاغ- كۇچا تاشيولىنىڭ جەنۇبى ئۇچىغا كەلگەن خۇ پۇمىڭ.

 بىر يولنىڭ ئۆزى بىر كۆزنەك. ئوخشاش بولمىغان يەر شەكلى، يەر قىياپىتى، نۇرغۇن مەمۇرىي رايوننى تۇتاشتۇرىدىغان مايتاغ- كۇچا تاشيولى شىنجاڭنىڭ كۆزنىكى بولۇپ، شىنجاڭ مەدەنىيەت- ساياھەت يۇغۇرما تەرەققىيات قەدىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ كۆزنەكلىك ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى.

 چۇڭچىڭدىن كەلگەن رەن خاۋدۇڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ مايتاغ- كۇچا تاشيولىدا ماڭغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ ئوخشاش بولمىغان رايونلىرىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەر، مەززىلىك تائاملار ۋە مىللەتلەر ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتىنى چۈشەندى، شۇنداقلا شىنجاڭلىقلارنىڭ قىزغىن، مېھماندوستلۇقى ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى ھېس قىلدى. بايىنبۇلاق يايلىقىدىكى بىر مۇلازىمەت رايونىغا كەلگەندە، تامىقى ئەمدىلا تەييار بولغان رەن خاۋدۇڭ زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرىنى ئۆزى ئېلىپ كەلگەن چۇڭچىڭ يېمەكلىكلىرىنى تېتىپ بېقىشقا قىزغىن تەكلىپ قىلدى.

 « مايتاغ- كۇچا تاشيولىنىڭ تەۋەلىك رايونىمىزدىكى ئارىلىقى 156 كىلومېتىر كېلىدۇ، يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە ھەر كۈنى 20 مىڭدىن ئارتۇق ئاپتوموبىل، 50 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بۇ يولدىن ئۆتىدۇ. ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەر ھەم ئازادە قاتنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىز 30دىن ئارتۇق ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىسى تەسىس قىلدۇق، ھەر كۈنى تۆت قېتىم چارلايمىز»، دېدى خېجىڭ ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى نازارەت قىلىش چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىسى مېڭكې زۇل.

 تەبىئىي مەنزىرە ۋە ئادىمىيەت مەنزىرىسى، ساياھەت مۇلازىمىتى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش، باشقۇرۇش... مايتاغ- كۇچا تاشيولى ئەتراپىدىكى شەھەر- بازار، يېزا- كەنت، ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى مايتاغ- كۇچا تاشيولىنى تەرەققىيات پۇرسىتى دەپ قارايدۇ. يىراقتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ نەزەرىدە، مايتاغ- كۇچا تاشيولىدا كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرى شىنجاڭنى تونۇش، شىنجاڭنى پىششىق بىلىشتىكى كۆزنەك ھېسابلىنىدۇ.

 خەلق تۇرمۇشى پاراۋانلىقىدا گەۋدىلەنگەن «پىشاڭ»لىق ئۈنۈم

 تومۇز ئىسسىق مەزگىلدە، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ نارات بازىرىدىكى دۇكان كۆپ چوڭ كوچىدا، ساياھەت ئاپتوبۇسلىرى ۋە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. جياڭجياڭخاۋ نارات دۇكىنىنىڭ مۇلازىمەتچىسى دىلبەر كېرىمجان ناھىيە بازىرىدىن نارات بازىرىغا كېلىپ ئىشلىگىلى دەل بىر يىل بولغانىدى.

 «ئەينى چاغدا نارات بازىرىغا كېلىپ ئىشلەشنى تاللىشىمدىكى سەۋەب شۇكى، بىرىنچىدىن، بۇ يەردە داڭلىق نارات مەنزىرە رايونى بار، ئىككىنچىدىن، داڭلىق مايتاغ- كۇچا تاشيولى بۇ يەردىن ئۆتىدۇ. ھەر كۈنى، مەن تەرەپ- تەرەپتىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ مايتاغ- كۇچا تاشيولىنى بويلاپ ناراتقا كېلىپ تاماق يەپ، ساياھەت قىلغانلىقىنى كۆرىمەن.» دىلبەر مۇنداق دېدى: نارات بازىرىدا، ماڭا ئوخشاش ئارزۇنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ئىشلىگىلى كەلگەن ياشلار ئاز ئەمەس.

 نارات يايلىقىدىن بايىنبۇلاق يايلىقىغىچە، تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى- شىمالىنى تۇتاشتۇرىدىغان مايتاغ- كۇچا تاشيولى يېشىل قاتناش كارىدورى، ساياھەت كارىدورى بولۇپلا قالماي، يەنە سودا مۇلازىمەت كارىدورى ھېسابلىنىدۇ. يول بويىغا تارقاق جايلاشقان ئۆزگىچە ئۇششاق يېمەكلىكلەر ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يايمىلىرى، ئوتلاققا ھۆسن قوشۇپ تۇرغان موڭغۇل كىگىز ئۆيلىرى، كەنت- بازارلاردا قۇرۇلغان خاس ئائىلىۋى مېھمانخانا رايونلىرى ئېگىز تاغ ۋە تىك چوققىلار ئارىسىدا كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللارنى تۈرلۈك قولايلىقلار بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا زور تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

 «<جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل تاشيول> دەپ تەرىپلىنىدىغان مايتاغ- كۇچا تاشيولى خۇددى ئاجايىپ پىشاڭغا ئوخشاش، ئەسلىدىكى كىرىمى بىرلا خىل بولغان دېھقان- چارۋىچىلارنى <ساياھەت تامىقى> يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، ئەسلىدىكى <پۇچەك كەنت>نى كەسىپلەر گۈللەنگەن، مەنزىرىسى گۈزەل باي كەنتكە ئايلاندۇردى، ئىلگىرىكى نامرات يېزىنى ئاۋات، كىشىلەرنىڭ غەيرەت- شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، تۇرمۇشى بەختلىك باي يېزىغا ئايلاندۇردى»، دېدى كۇچا شەھىرى ئاغى يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يۆخۇا.

 مايتاغ- كۇچا تاشيولى تىيانشان تېغى بويىدىكى مايتاغ، شىخو، نىلقا، كۈنەس، خېجىڭ، كۇچادىن ئىبارەت ئالتە ناھىيە، شەھەر، رايوننى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ ئارىسىدىكى ئەسلىدىكى 1000 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان يول مۇساپىسىنى يېرىمغا يېقىن قىسقارتقان بولۇپ، ئۇنى جۇڭگونىڭ تاشيول قۇرۇلۇشى تارىخىدىكى بىر ئابىدە دېيىشكە بولىدۇ.

 مايتاغ- كۇچا تاشيولىنى ئاسرىغۇچى خادىملار مۇنداق دېدى: مايتاغ- كۇچا تاشيولى ۋاڭخۇڭ يولغا ئايلانغاندىن كېيىن، لىنىيە بويىدىكى رايونلار ھەم ئەتراپتىكى رايونلارغا ئېلىپ كەلگەن پايدىسى تېخىمۇ كۆپ بولدى، بۇ يەنە بىزنىڭ يول ئاسراش سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشتىكى مەسئۇلىيىتىمىز ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىمىز.

 بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈش قوزغاتقان «ھەمتۈرتكە»لىك ئۈنۈم

 مايتاغ- كۇچا تاشيولىنىڭ جەنۇبىي بۆلىكىگە جايلاشقان ئاغى يېزىسى كان كەنتى «مايتاغ- كۇچا تاشيولىدىكى بىرىنچى كەنت» قىلىپ قۇرۇپ چىقىلدى، ئوخشاش جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە ئىگە بېيشەن كەنتى «مايتاغ- كۇچا تاشيولىدىكى بىرىنچى بېكەت» قىلىپ قۇرۇپ چىقىلدى. ئارىلىقى 30 كىلومېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان بۇ ئىككى كىچىك تاغلىق كەنت سودا «تالاشماي»لا قالماستىن، بەلكى بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر- بىرىنى تولۇقلاپ، بىرلىكتە ساياھەت ماركىسى ياراتتى.

 ۋاڭ يۆخۇا مۇنداق تونۇشتۇردى: بېيشەن كەنتى ئۆز ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ۋېلىسىپىت لاگېرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئائىلىۋى مېھمانخانا قۇرۇپ، ۋېلىسىپىت مىنىش ھەۋەسكارلىرى شادلىق باغچىسى بەرپا قىلدى؛ كان كەنتى ئائىلىۋى مېھمانخانا ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، ئۆتۈشۈپ تۇرغان ساياھەتچىلەرنى يېمەك- ئىچمەك، ياتاق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئاغى يېزىسىدىكى ئاغى كەنتى قاتارلىق باشقا كەنتلەر «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش» قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەم ئۆزگىچە خاسلىق يارىتىپ، ھەم ھەمتۈرتكە بولۇپ تەرەققىي قىلىپ، يېزا- كەنت ساياھەتچىلىكىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ئوخشاش بولمىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

 مۇخبىر مايتاغ- كۇچا تاشيولىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدە توختىغاندا، شۇ جايدىكى قاتناش ساقچىلىرى ۋە تىجارەتچىلەردىن مايتاغ- كۇچا تاشيولىنىڭ جەنۇبىي بۆلىكى ۋە شىمالىي بۆلىكىنىڭ ھاۋارايى، يول ئەھۋالى قاتارلىق ئەھۋاللارنى سورىدى. كاۋاپ دۇكىنى ئاچقان باتۇ مۇنداق دېدى: مەن دائىم مايتاغ- كۇچا تاشيولىنىڭ ھەرقايسى يول بۆلەكلىرىنىڭ يول ئەھۋالىغا دىققەت قىلىمەن، باشقا يول بۆلەكلىرىدىمۇ يېمەك- ئىچمەك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دوستلىرىم بار، «ھەممىمىز بىر يولدا، باشقىلارنىڭ دۇكىنى ئالدىدا مېھمانلار كۆپ بولسا، ئۆزىمىزنىڭ دۇكىنى ئالدىدىكى مېھمانلارمۇ ئاز بولمايدۇ».

 ئاقسۇ ۋىلايىتىدە، مايتاغ- كۇچا تاشيولى گەرچە كۇچا شەھىرىدىنلا ئۆتسىمۇ، لېكىن شايار ناھىيەسى، توقسۇ ناھىيەسى، باي ناھىيەسى، ئاۋات ناھىيەسى قاتارلىق ناھىيە، شەھەرلەرمۇ مەدەنىيەت- ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈشتە «مايتاغ- كۇچا تاشيولى ئەۋزەل ماركىسى»نى ياراتتى، بۇ ناھىيە، شەھەرلەر كۇچا شەھىرى بىلەن زىچ بولغان مەدەنىيەت- ساياھەت ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاقسۇ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشىنى ئورتاق ياخشى قىلدى.

 مايتاغ- كۇچا تاشيولى بويىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ساياھەت ھەمكارلىقىمۇ شۇنداق بولدى. بىرنەچچە يىل ئىلگىرى، قاراماي شەھىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن ئىبارەت بەش ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت تارماقلىرى مايتاغ- كۇچا تاشيولى ساياھەت ماركېتىڭ ئىتتىپاقى قۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، مايتاغ- كۇچا تاشيولىنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ساياھەتنىڭ تەرەققىياتىغا ھەمتۈرتكە بولۇشى تېخىمۇ قويۇقلىشىپ، «دوستلار چەمبىرىكى» ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿地力江·阿力木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125