تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قۇربان بولغان قەھرىمانلارنى ياد ئېتەيلى | پولاتتەك جياڭجۈن ياڭ جىڭيۈ
16:02:48 2025-06-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

پولاتتەك جياڭجۈن ياڭ جىڭيۈ: قەيسەرلىك بىلەن سادىق روھنى تاۋلاش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شاۋ مېيچى

 يازنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ تۇڭخۇا شەھىرىگە جايلاشقان ياڭ جىڭيۈ كادىرلار شۆيۈەنىدە بىر مەيدان ئالاھىدە پارتىيە دەرسى ئۆتۈلۈۋاتاتتى. مۇنبەردە تۇرغىنى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشتىكى پولاتتەك جياڭجۈن ياڭ جىڭيۈنىڭ نەۋرىسى ما جىجى ئىدى. سۆزلەپ تەسىرلىك يېرىگە كەلگەندە، ئۇ ئالىچىپار قېيىن دەرىخى قوۋزىقىنى چىقاردى، ئاۋازى تىترەپ كەتتى: «بۇنى ئاتا- ئانام بوۋام قۇربان بولغان يەردىن ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئوق- دورا، ئوزۇق- تۈلۈك تۈگەپ قالغاندا، بوۋام مۇشۇنداق دەرەخ قوۋزىقىنى يەپ ئاچلىقنى باسقان ئىكەن...» نەق مەيداندىكى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى قاتتىق تەسىرلەندى.

 ياڭ جىڭيۈ، ئەسلىي ئىسمى ما شاڭدې، 1905- يىلى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ چۆشەن ناھىيەسىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرغان مىللەت قەھرىمانى، شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ ئاساسلىق قۇرغۇچىلىرى ۋە رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. 1927- يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. كېيىنكى يىلى، ئىنقىلابنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ئۇ خوتۇنى ۋە ئىككى گۆدەك بالىسىنى قالدۇرۇپ يۇرتىدىن ئايرىلغان. بۇ ئايرىلىش مەڭگۈلۈك ۋىدالىشىش بولۇپ قالغان.

 ياڭ جىڭيۈ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ بەش قېتىم قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان، كۆپ قېتىم قىيىن- قىستاققا ئېلىنغان بولسىمۇ، قەتئىي تىز پۈكمىگەن. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە ئاتلىنىشتىن ئىلگىرى، ئۇ ئەمدىلا تۈرمىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىلغان بولۇپ، يارىسىنى داۋالىتىشقا ئۈلگۈرمەيلا دەرھال جەڭگە ئاتلىنىشنى ئىلتىماس قىلغان.

 1931- يىلى «18- سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن، ياڭ جىڭيۈ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خاربىن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، قوشۇمچە مەنجوۋ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇۋەققەت شۇجىسى بولۇپ، شەرقىي شىمالدىكى خەلقنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە پائال رەھبەرلىك قىلغان. 1932- يىلى كۈزدە، ئۇ نەنمەنگە، يەنى جىلىن ئۆلكىسىنىڭ پەنشى، خەيلۇڭ (ھازىرقى مېيخېكوۋ)، ليۇخې ئەتراپىغا ئەۋەتىلىپ، جۇڭگو ئىشچى- دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى 32- جۈنىنىڭ نەنمەن پارتىزانلار ئەترىتىنى قۇرۇپ، پەنشىدىكى خۇڭشىلازىنى مەركەز قىلغان پارتىزانلار تايانچ بازىسىنى بەرپا قىلغان. 1934- يىلى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرىدىغان 17 قوراللىق كۈچنى بىرىكتۈرۈپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانلىق ئىشتابىنى قۇرۇپ، باش قوماندان بولغان. شۇ يىلى شەرقىي شىمال خەلق ئىنقىلابىي ئارمىيەسى 1- جۈنىنىڭ جۈنجاڭى، قوشۇمچە جېڭۋېيسى بولغان. 1936- يىلى شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە ئارمىيەسى 1- جۈنىنىڭ جۈنجاڭى، قوشۇمچە جېڭۋېيسى، شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە ئارمىيەسى 1- يۆنىلىش جۈنىنىڭ باش سىلىڭى، قوشۇمچە جېڭۋېيسى بولغان.

 دۈشمەن بىلەن ئۆز ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ پەرقى چوڭ، ئۇرۇش ئۇزاققا سوزۇلغان، كۈرەش مۇھىتى جاپالىق ئەھۋالدا، ياڭ جىڭيۈ شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە ئارمىيەسىنى باشلاپ نۇرغۇن مەخپىي بارگاھلارنى قۇرۇپ، جانلىق، ھەرىكەتچان ئىستراتېگىيەلىك تاكتىكىلارنى تۈزۈپ، تاغلىق جايلاردا پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، تەدرىجىي ھالدا ياپون قاراقچىلىرى شەپىسىنى ئاڭلىسىلا قورقۇپ ئەس- ھوشىنى يوقىتىدىغان ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى قوراللىق كۈچكە ئايلانغان.

 ياڭ جىڭيۈ باشتىن- ئاخىر خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرغان، ئۇنىڭ ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى بىر مۇھىم پىرىنسىپى دەل «ئاممىغا زىيان يەتكۈزىدىغان جەڭ قىلماسلىق» ئىدى. ھەر قېتىم دۈشمەننى يوقىتىپ، ماددىي ئەشيالارنى ئولجا ئالغاندا، ئۇ شۇ جايدىكى پۇقرالارغا بىر قىسمىنى بۆلۈپ بەرگەن. ياڭ جىڭيۈ قىسىم بىلەن پۇقرالارنى چىراغ پىلىكى بىلەن چىراغ يېغى دەپ سۈپەتلىگەن، شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە ئارمىيەسى ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلىغان، ئاممىغا زىچ تايانغان.

 شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ ئىلگىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئۇزاق ۋاقىت ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما سادىق قەلبى ئەزەلدىن ئۆزگەرمىگەن. ئۇ ياچېيكىنى ليەندە قۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، قىسىم پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى باشتىن- ئاخىر مۇھىم ئورۇنغا قويغان.

 ئۇدا زەربىگە ئۇچرىغان ياپون ئارمىيەسى ۋە قورچاق ئارمىيە شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە ئارمىيەسىگە قورشاپ ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتكەن. 1940- يىلىنىڭ بېشىدا، ياڭ جىڭيۈ بىلەن قىسىم قاتمۇقات مۇھاسىرىگە چۈشۈپ قالغان، ئۇ دۈشمەننىڭ ئەڭ ئاساسلىق نىشانى دەل ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلگەچكە، يولداشلارغا قىسىمنى بۆلۈپ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىش توغرىسىدا قايتا- قايتا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ياڭ جىڭيۈ مۇنداق دېگەن: «يولداشلار، ئىنقىلاب ئۈچۈن، بىز ئاخىرغىچە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك، ئۆلسەكمۇ دۈشمەنگە تېز پۈكسەك بولمايدۇ!»

 ئارخىپتا ئاشكارىلىنىشىچە، 1939- يىلى 10- ئاينىڭ ئاخىرىدىن 1940- يىلى 2- ئاينىڭ 23- كۈنىگىچە، ياڭ جىڭيۈ قۇربان بولۇشتىن ئىلگىرىكى 100 نەچچە كۈندە، ئۇ قىلغان جەڭ 47 قېتىمغا يەتكەن.

 1940- يىلى 2- ئاينىڭ 23- كۈنى، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ مېڭجياڭ ناھىيەسى ئەتراپىدا، ياڭ جىڭيۈ ئوزۇق- تۈلۈكى قالمىغان ئەھۋالدا دۈشمەن بىلەن بەش كېچە- كۈندۈز جەڭ قىلغان. دۈشمەننىڭ تەسلىم بولۇشقا ئۈندەشلىرىگە، ياڭ جىڭيۈ غەزەپلىك ئوقلار بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ، ئاخىرىدا ۋەتەن ئۈچۈن قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئۇ 35 ياشتا ئىدى. دۈشمەن رەھىمسىزلىك بىلەن ياڭ جىڭيۈنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، قورسىقىنى يارغان، لېكىن ئۇنىڭ ئاشقازىنىدا بىر تالمۇ ئاشلىق يوق بولۇپ، پەقەت ھەزىم بولمىغان ئوت- چۆپ يىلتىزى، دەرەخ قوۋزىقى ۋە پاختىلا بار ئىدى. ئۇنىڭ قەيسىرانە جاسارىتى دۈشمەننىمۇ ھەيران قالدۇرغان.

 كېيىن مېڭجياڭ ناھىيەسىنىڭ نامى جىڭيۈ ناھىيەسىگە ئۆزگەرتىلدى. جىڭيۈ كوچىسى، جىڭيۈ باشلانغۇچ مەكتىپى، جىڭيۈ مەيدانى... «جىڭيۈ» ئىزنالىرى قارا تۇپراققا چوڭقۇر ئويۇلدى.

 ئىنقىلابىي قۇربان ياڭ جىڭيۈ قەبرىستانلىقىغا ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى ياڭ جىڭيۈ كادىرلار شۆيۈەنى 2021- يىلى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان كۇرسانتلارغا پارتىيەۋىلىك تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ھازىرغىچە 300 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن تەربىيەلىدى. «ھەربىر سائەتلىك دەرسكە شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە ئارمىيەسى روھىنىڭ كۈچى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، كۆپچىلىكنى ئىش ئورنىدا ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ھەقىقىي تۈردە قىزىل روھنى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ»، دېدى ياڭ جىڭيۈ كادىرلار شۆيۈەنى تەربىيەلەش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى گو لىلى.

 «بۇ ئائىلىمىزنىڭ ئەڭگۈشتەرى بولۇپ، بىزگە <قاتتىق تەلەپ قويۇش، مەسئۇلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، قانائەت قىلىشنى بىلىش>تىن ئىبارەت ئائىلە ئىستىلىنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى ئەسكەرتىدۇ.» يېشى 60تىن ئاشقان ما جىجى ئېھتىياتچانلىق بىلەن قېيىن دەرىخى قوۋزىقىنى يىغىشتۇردى. پويىز شوپۇرىلىق ئىش ئورنىدىن پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، ئۇ خېنەندىن جىلىنغا كۆچۈپ كېلىپ، ياڭ جىڭيۈ كادىرلار شۆيۈەنىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىنىپ، سانسىز قېتىم بوۋىسىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ ياڭ جىڭيۈ ۋە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە ئارمىيەسىدىكى سەپداشلارنىڭ ھاياتى ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مەڭگۈ ئۆچمەس مەنىۋى ئابىدە ئورنىتىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغانلىقىنى چوڭقۇر بىلىدۇ. 

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاڭچۇن، 6- ئاينىڭ 19- كۈنى تېلېگراممىسى)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿地力江·阿力木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125