ئىستېمال خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ) 6- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئىستېمالنى زور كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش، يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش، قىسمەن مەمۇرىي رايون ئايرىمىسىنى تەڭشەش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: سىياسەت جەھەتتە سىجىل كۈچەپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ بىر تۈركۈم قاراتمىلىققا ئىگە قوللاش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، مالىيە- باج، پۇل مۇئامىلە، كەسىپ، سېلىنما قاتارلىقلارغا دائىر سىياسەتلەر بىلەن ئىستېمال سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىستېمال ياخشى ۋەزىيىتىنى سىجىل پۇختىلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. كۆپ مىقدارلىق ئىستېمالنى يېڭىلاش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شەھەر- بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش سالمىقىنى زورايتىپ، «ياخشى ئۆي» تۈرى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. «شىنجاڭنىڭ ئېسىل مەھسۇلاتلىرى»نى شىنجاڭدىن چىقىرىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق قاتارلىق خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى چۆرىدەپ رايون ئاممىۋى ماركىسىنى يارىتىش كېرەك. «ئويۇن قويۇش، مۇسابىقە، كىنو- تېلېۋىزىيە، مەززىلىك تائاملارغا ئەگىشىپ شىنجاڭغا بېرىش» خاس IPسىنى نۇقتىلىق يارىتىپ، ياشانغانلار ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، تەنتەربىيە، ساغلاملىق، قار- مۇز ئىستېمالىنى كېڭەيتىش كېرەك. رەقەملىك ئىستېمالنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تۇنجى يارىتىش ئىقتىسادىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، يېشىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، يېشىل قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەشنى كېڭەيتىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىجتىمائىي كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2025- يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرىدىغان بەش يىللىق ئۆتكۈنچى مەزگىلدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر يىل. دىققەتنى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يار- يۆلەك بولىدىغان كەسىپلەرنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىنى تۈرگە ئايرىپ ئالغا سىلجىتىپ، جىپسىلاشتۇرۇش مەبلىغىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ياخشى ئىشلىتىپ، ماسلىشىپ يار- يۆلەك بولۇش، نۇقتا بەلگىلەپ يار- يۆلەك بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك. قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، دائىملىق يار- يۆلەك بولۇش سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تۈرگە ئايرىپ تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىش ئەھۋالى يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي پۇختا ساقلاش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يول قاتناش بىخەتەرلىكى خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە تەھلىل قىلىش، تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، قاتناش بىخەتەرلىكىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى چەكلەۋاتقان ۋە ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان مەنبە خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىشى كېرەك. يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، ئىلمىيلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، «ئادەم كۈچى + پەن تېخنىكا» ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ھەم دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيە تاشيولىدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى زور كۈچ بىلەن تۈزەپ، شەھەر يوللىرىدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى تۈزەشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەت يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىرلىشىپ تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.
يىغىندا يەكەن ناھىيەسىدە گۇاڭئەن بازىرى تەسىس قىلىش قاتارلىق تۆت تۈرلۈك مەمۇرىي رايون ئايرىمىسىنى تەڭشەش ئىشلىرى مۇزاكىرە قىلىنىپ، مۇنداق تەكىتلەندى: سىستېمىلىق تەپەككۇر، ئومۇمىي تەپەككۇرنى كۈچەيتىپ، رايون ئايرىمىسىنى تەڭشەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، پائال ماسلىشىپ، ھەر كىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، رايون ئايرىمىسىنى تەڭشەش بىلەن كەسىپ تەرەققىياتى، يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، خىزمەت ۋە خادىملارنىڭ مۇقىملىقى، سىجىللىقىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، مەمۇرىي رايون ئايرىمىسىنى تەڭشەش قوزغاتقان يېڭى قۇۋۋەت، يېڭى ئۈنۈمنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)