شىنجاڭدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ سانى، كۆلىمى پۇختا قەدەم بىلەن ئاشتى
10:53:30 2025-06-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي

 6- ئاينىڭ 13- كۈنى، تۇدۇڭخابا دەرياسى بويى، شىنجاڭ تيەنرۇن سۈتچىلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلىغا 200 مىڭ توننا سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش تۈر قۇرۇلۇشى ئەڭ ئاخىرقى ئاتاكىغا ئۆتۈش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتاتتى. تۈر ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شىنجاڭ تيەنرۇن سۈتچىلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرىنى يىللىق پىششىقلاش ئىقتىدارى 650 مىڭ توننىغا يېتىدۇ. بۇ، شىنجاڭ تيەنرۇن سۈتچىلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ جۇڭگو سۈتچىلىك كەسپىدىكى 20 كۈچلۈك كارخانا قاتارىغا كىرگەندىن كېيىن، كاپىتال بازىرىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، يەنە بىر قېتىم ئاتاكىغا ئۆتۈش بۇيرۇقى بېرىشى ھېسابلىنىدۇ.

 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر خۇددى باشلامچى ياۋا غازلارغا ئوخشاش شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، دەۋر تەرەققىياتىنىڭ جان تومۇرىنى ئىگىلەپ، كۈچلۈك بولغان پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، بايلىقنى بىرىكتۈرۈش ئىقتىدارى، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇش ئىقتىدارىغا تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد كۆلىمىنى كېڭەيتىش، تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىش ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك موتورغا ئايلاندى.

 سان ۋە كۆلەم جەھەتتە غەربىي قىسىمدا ئالدىنقى قاتاردا تۇردى

 ئىگىلىك تىكلىگەن دەسلەپكى مەزگىلدە چارۋىچىلىق مەيدانلىرى يېتىشمەي، تەرەپ- تەرەپتىن سۈت سېتىۋېلىشقا ئېھتىياجلىق بولۇشتىن بۈگۈنكى كۈندە زامانىۋىلاشقان، كۆلەملەشكەن 26 چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭغا تارقىلىشىغىچە؛ ئەڭ  دەسلەپكى سېتىش بازىرى پەقەت ئۈرۈمچى- سانجى رايونى بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىشتىن بۈگۈنكى كۈندە سېتىش بازىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 33 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنى قاپلاپ، سېتىش سوممىسى 2 مىليارد 800 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشىدىكى باشلامچى كارخانىغا ئايلاندى. شىنجاڭ تيەنرۇن سۈتچىلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى شىنجاڭدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ بايلىق، ئېنېرگىيە، جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايغانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.

 جۇڭشىن نىيا ئۈزۈم ھارىقى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولۇش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ ئۈزۈم ئۆستۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، سودا، پەن تەتقىقات بىر گەۋدىلەشكەن چوڭ تىپتىكى ئۈزۈم ھاراقچىلىقى بويىچە پېيى بازارغا سېلىنغان كارخانىغا ئايلىنىپ، دۆلەت ئىچىدە نىيا، شىيۈ، شىنتيەن قاتارلىق نۇرغۇن داڭلىق ئۈزۈم ھارىقى ماركىسىغا ئىگە بولدى؛ تىيانشان بوغدا كۆلى، يالقۇنتاغ قاتارلىق شىنجاڭنىڭ خاس ساياھەت بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، شىيۈ ساياھەت تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتى تەرەققىي قىلىپ شىنجاڭدىكى ساياھەتچىلىك بويىچە پېيى بازارغا سېلىنغان تۇنجى شىركەت بولۇپ قالدى.

 مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ يېتەرلىك شامال، يورۇقلۇق بايلىقىغا قويۇپ، لىشىن ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى رايون بويىچە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان، دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش مۇلازىمەت كارخانىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقاردى. شىنجاڭنىڭ مول نېفىت- تەبىئىي گاز بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى قۇرۇلۇش پاي چەكلىك شىركىتى پۈتۈن كۈچى بىلەن «دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سودىگىرى» بەرپا قىلدى.

 بايلىق ئەۋزەللىكىدىن باشقا، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىمۇ پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى، گۇاڭخۇي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى، جىنفېڭ پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى، تيەنشۇن تەمىنلەش زەنجىرى پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق پېيى بازارغا سېلىنغان نۇرغۇن شىركەت دۆلەت ھالقىغان تىجارەتنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقئارا بازاردىكى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇردى.

 بايلىق ئۈستۈنلۈكى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈش سالمىقىنى زورايتتى. ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش ئىدارىسى ھەر يىلى پاي چېكى بازارغا سېلىنىدىغان 100 كارخانىنى تاللاپ يېتىلدۈردى ھەم مۇكاپاتلاش چارىسىنى ئېلان قىلىپ، پېيىنى بازارغا سېلىش قەدەم- باسقۇچى بويىچە كارخانىلارنى مۇكاپاتلىدى؛ پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنى مۈلۈكنى قايتا تەشكىللەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، سىجىل زورايتتى ۋە كۈچەيتتى.

 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ سانى ۋە كۆلىمىدە پۇختا قەدەم بىلەن ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ يىل 4- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا A پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتتىن جەمئىي 61ى بار بولۇپ، بازار قىممىتى جەمئىي 751 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، غەربىي قىسىمدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئىچىدە رەت تەرتىپى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 4- ۋە 6- ئورۇندا تۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە، پېيى بازارغا سېلىنغان بىر شىركەتنىڭ بازار قىممىتى 100 مىليارد يۈەندىن، پېيى بازارغا سېلىنغان ئۈچ شىركەتنىڭ بازار قىممىتى 50 مىليارد يۈەندىن، پېيى بازارغا سېلىنغان 13 شىركەتنىڭ بازار قىممىتى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشتى.

 2024- يىلى شىنجاڭدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت ئومۇمىي كىرىمى 709 مىليارد 782 مىليون يۈەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %34.57ىنى ئىگىلىدى.

 «غەربىي قىسىمدىكى رايونلاردىن قارىغاندا، مەيلى شىركەت سانى، بازار قىممىتى كۆلىمى جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئىقتىسادقا تۆھپە قوشۇش دەرىجىسى جەھەتتىن بولسۇن، 30 نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ ئەمەلىي كۈچى يەنىلا خېلى كۈچلۈك بولغان»، دېدى شىنجاڭ پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى شيا شۇخۇي.

 شىنجاڭدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ تەرەققىياتى دەل شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى ئەۋزەللىكىنىڭ ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلانغانلىقىنىڭ جانلىق ئىزاھاتى.

 يول ئاچقۇچى ئاۋانگارتلار كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى

 شىنجاڭدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر ئىقتىسادنىڭ تېز ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، يەنە ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز يېتەكچىلىك قىلماقتا.

 1994- يىلى 2- ئايدا، شىنجاڭدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان تۇنجى شىركەت شىنجاڭ خۇڭيۈەن ھاۋالە مەبلەغ پاي چەكلىك شىركىتى(ھازىرقى شېنۋەن خۇڭيۈەن ئاكسىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاساسى)نىڭ پاي چېكى ئاشكارا تارقىتىلدى. 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا، شىنجاڭدا پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتتىن جەمئىي 14ى بار بولۇپ، پۇل مۇئامىلە، يېزا ئىگىلىكى، سودا، توقۇمىچىلىق، ھاراق ئېچىتىش قاتارلىق ساھەلەرگە تارقالغان.

 2000- يىلىدىن 2010- يىلىغىچە، شىنجاڭدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتتىن 23ى كۆپىيىپ، ساھەنى قاپلاش دائىرىسى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى، بىيوتېببىي دورا، يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇق ياسىمىچىلىقى، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەرگىچە كېڭەيدى.

 ھازىرغىچە، شىنجاڭدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەت كۆپىيىپ 61گە يېتىپ، ساھەنى قاپلاش دائىرىسى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېمەكلىك پىششىقلاش، سودا ئەشيا ئوبوروتى، قاتناش- تىرانسپورت، ئۇچۇر تېخنىكىسى، ساياھەت كەسپى قاتارلىق ساھەلەرگىچە كېڭەيدى.

 ساھەلەرگە تارقىلىشىدىن قارىغاندا، شىنجاڭدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ ساھەلەرنى قاپلاش دائىرىسىدە 1- كەسىپتىن 2- كەسىپكىچە، يەنە 3- كەسىپكىچە تەدرىجىي كېڭىيىش يۈزلىنىشى نامايان بولغان. پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر ھەم شىنجاڭنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەنلىكىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى، ھەم شىنجاڭنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان غايەت زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.

 تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 2017- يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭدا شىلىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى پاي چەكلىك شىركىتى، لىئاڭ تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىدىن ئىبارەت پېيى بازارغا سېلىنغان ئىككى ئۇچۇر تېخنىكا شىركىتى بارلىققا كەلدى. ئىقتىسادىي تەرەققىياتى نىسبەتەن ئارقىدا قالغان، پەن- تېخنىكا تەرەققىيات سەۋىيەسى نىسبەتەن تۆۋەن بولغان شىنجاڭدا، بۇنى شىنجاڭنىڭ كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەنلىكىدىكى بىر ماياك دېيىشكە بولىدۇ.

 بولۇپمۇ، لىئاڭ تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاساسلىق تىجارەت كەسپى دەسلەپكى خەۋەرلىشىش تېخنىكا مۇلازىمىتىدىن تەدرىجىي ھالدا رەقەملىك شەھەر سىستېمىسى مۇلازىمىتى، خەۋەرلىشىش تېخنىكا مۇلازىمىتى، ھېسابلاش ئىقتىدارى مەركىزى ۋە بۇلۇت ھېسابلاش مۇلازىمىتى، تىجارەت سودىگىرى قوشۇلما قىممەت مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ كەسىپكە كېڭەيدى؛ رايون ھالقىپ قوشۇۋېلىپ قايتا تەشكىللەش ئارقىلىق، كەسىپ دائىرىسى غەربىي شىمالدىن تەدرىجىي شىنەن، خۇانەن، خۇادۇڭ قاتارلىق رايونلارغا كېڭەيدى، ھەتتا دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىغىچە كېڭەيدى.

 قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، لىئاڭ تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى 70تىن ئارتۇق تۈرلۈك شەرەپكە ئېرىشتى. «بىزنىڭ نىشانىمىز رايون ئۇچۇر تېخنىكا مۇلازىمىتىنىڭ باشلامچىسى بولۇشقا كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگودا تەسىر كۈچى بار ئۇچۇر تېخنىكا مۇلازىمەت كارخانىسى بولۇش»، دېدى لىئاڭ تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن لىدىرى ۋاڭ زىشۈەن.

 كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئۇزىرىشىدىن قارىغاندا، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر خۇددى كۈچلۈك يۈگۈرگۈچىلەرگە ئوخشاش، ئۆزلىرىنىڭ مۇسابىقە يولىدا كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئەڭ ئالدىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەن.

 ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئىشنى مۈلكى قەرزگە چىقىش قىلمايدىغان، ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان كوچا باشقارمىسى كوللېكتىپ كىچىك زاۋۇتىدىن باشلاپ، بۈگۈنكى كۈندە تەرەققىي قىلىپ 100 مىليارد يۈەنلىك مۈلكى بار چوڭ تىپتىكى كارخانا گۇرۇھىغا ئايلىنىپ، توك يەتكۈزۈش- بېسىم ئۆزگەرتىش يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇقلىرىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياساش، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ئېنېرگىيە، ئاليۇمىننى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيالدىن ئىبارەت «بىر يۇقىرى، ئىككى يېڭى» دۆلەتنىڭ ئۈچ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئايلانما ئىقتىساد كەسىپ زەنجىرىنى يېتىلدۈردى.

 بۇ يەردىن بىز شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئۈزلۈكسىز تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان مەردانە قەدىمىنى ئېنىق كۆرەلەيمىز.

 مۇستەھكەم تۈۋرۈك زور ئىستراتېگىيەنى ئۈستىگە ئالدى

 پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەسى، مۇھىم تەشەببۇسىنى ئۈستىگە ئېلىشتىكى كۈچلۈك تىرەك.

 − ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى دۆلەتنىڭ «ئۈچ بازا، بىر يول» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەرقىي جۇڭغار چوڭ تىپتىكى كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بازىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ بويىچە دۆلەتنىڭ 1- دەرىجىلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن تۇنجى 10 مىليون توننا دەرىجىلىك ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كاننى قۇرۇپ چىقتى.

 − جىنفېڭ پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى ئېنېرگىيە ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقاردى. سەنشيا گۇرۇھى بىلەن جىنفېڭ پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىپ ئاچقان GWH252-16MW دېڭىز ئۈستى شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى «2022- يىللىق مەركەز كارخانىلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ئون چوڭ مۇھىم جابدۇقى» قاتارىغا كىرىپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن C919 ناملىق چوڭ ئايروپىلان، 3- ئاۋىياماتكا فۇجيەن ناملىق ئاۋىياماتكا، يېڭى بىر ئەۋلاد «سۈنئىي قۇياش» قاتارلىق جۇڭگونىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقى ئۈلگىلىرى بىلەن بىر قاتاردا تۇردى.

 − «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، تيەنشۇن تەمىنلەش زەنجىرى پاي چەكلىك شىركىتى تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە، دېڭىز قاتنىشى بىر گەۋدىلەشكەن، خەلقئارالاشقان، ئۇنىۋېرسال تىپتىكى ئەشيا ئوبوروتى تەمىنلەش زەنجىرى مۇلازىمەت سودىگىرى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، تۆمۈريول، تاشيول، ئاۋىياتسىيە تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمەت تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى سودا ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى قۇرۇلۇشىغا ئۈنۈملۈك تىرەك بولدى.

 پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر يەنە جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى پائال ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇپ قالدى.

 شىنجاڭ پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر جەمئىيىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر 2022- يىلى تاپشۇرغان تۈرلۈك باج 60 مىليارد 743 مىليون يۈەن بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتكە يەتكەن. پېيى بازارغا سېلىنغان 34 شىركەت تەخمىنەن 123 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتناشقان؛ پېيى بازارغا سېلىنغان بىر تۈركۈم شىركەتلەر يەنە پائال پۇل ئىئانە قىلىپ ئوقۇشقا ياردەم بەرگەن، ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتكەن.

 2016- يىلىدىن بۇيان، شېنۋەن خۇڭيۈەن ئاكسىيە چەكلىك شىركىتى 6 مىليون 950 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، مەكىت ناھىيەسى شىيتدۆڭ يېزىسى ئۆتەڭ كەنتىگە يېڭىدىن بىر يەسلى سېلىپ بەردى ھەم ۋاقتىدا ئىز قوغلاپ رېمونت قىلىپ بەردى ۋە كۆكەرتتى. بۇ يەسلى 2017- يىلى 9- ئايدا پۈتۈپ ئىشلىتىلىپ، ئۆتەڭ كەنتى ئەتراپىدىكى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئوقۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

 2020- يىلى، مارالبېشى ناھىيەسى نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ بىر زامانىۋىلاشقان باقمىچىلىق مەيدانى قۇرۇپ، تيەنرۇن سۈتچىلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ كالا بېقىشىغا ئىجارىگە بېرىپ، ئىجارە ھەققىنى ئالغاندىن كېيىن يەنە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەرگە تەقسىملەپ بەردى. باقمىچىلىق مەيدانى يەنە دېھقان ئائىلىلىرىنى ئوت- چۆپ تېرىشقا يېتەكلىدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان 150 ئاھالىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

 2022- يىلى 2- ئايدا، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئالاغىر يېزىسىدىكى كەنت ئاھالىسى نەبى سادىق خوتۇنى بىلەن باقمىچىلىق مەيدانىغا ئىشقا چۈشتى، ئايلىق كىرىمى 7000 يۈەندىن ئاشتى.

 «بىزنىڭ مۇقىم كىرىمىمىز بار بولدى، ئۆينى بېزىدۇق، يېڭى ئۆي جاھازلىرى سېتىۋالدۇق، بۇ يىل يەنە ئاپتوموبىل سېتىۋالدۇق، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ئۈمىدكە تولدى»، دېدى نەبى سادىق.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125