كۇچانىڭ تار كوچىلىرى «سۆزلىيەلەيدۇ»
11:15:20 2025-06-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ جىڭجىڭ

 6- ئاينىڭ 19- كۈنى، كېچە، كۈندۈزدىكى قۇرۇق ئىسسىقنى كەچكى شامال ئۇچۇرۇپ كەتكەنىدى، كۇچا شەھىرىنىڭ چىڭچېڭشياڭ كوچىسىدا، 2400دىن ئارتۇق ئېگىز ئېسىلغان «كۈسەن قەدىمىي شەھىرى» پانۇسى ۋە ئەتلەس پانۇسلىرى بىر- بىرلەپ يورۇدى، كۈسەننىڭ مۇزىكا ساداسى لەرزان كۆتۈرۈلدى − چىڭچېڭشياڭ كوچىسىنىڭ بىر كۈن ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل پەيتى مۇشۇ يەردە باشلاندى. «مايترى بۇدساتۋانىڭ دوۋلۈ ئەرش ئوردىسىدا بۇددا ئەقىدىسىنى سۆزلەۋاتقان رەسىمى» قايتا ئويۇلغان ئەگمە شەكىللىك ئۆڭكۈردە، بىر يالاڭ ئاياغ، يېشىل كىيىملىك ئۇسسۇلچى قاپاقلىرىنى ساڭگىلىتىپ، ئىككى قولىنى مەيدىسىگە قويغىنىچە پورەكلەپ ئېچىلغان نەپىس كەترەن گۈلى شەكلىنى چىقىرىپ، تەكچىدە جىمجىت تۇراتتى؛ ئانچە يىراق بولمىغان قۇملۇقتا، بەدەن شەكلى جانلىق كۈسەن «پەرىزات»لىرى لەرزان ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى، كۆڭلەكلىرى يەلپۈنۈپ تۇراتتى. ھەرىكەت بىلەن جىمجىتلىق قوشۇلۇپ ساياھەتچىلەرنى تار كوچىدا ھاسىل بولغان مىڭ يىللىق مەنزىرىگە باشلاپ كىردى.

6- ئاينىڭ 19- كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى كۇچا شەھىرىنىڭ رەستە ساياھەت- ئىستىراھەت كوچا رايونىدا سەيلە قىلماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

 شۇ كۈنى، «چېگرانى بويلاپ تۈمەن چاقىرىملىق سەپەر قىلىش − ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت پائالىيىتى» جەنۇبىي شىنجاڭ گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى كۇچا شەھىرىدىكى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان تار كوچىلارنى چوڭقۇرلاپ زىيارەت قىلدى. ئەمدىلا 4- تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ساياھەت- ئىستىراھەت كوچا رايونى بولۇپ باھالانغان كۇچا شەھىرىنىڭ رەستە ساياھەت- ئىستىراھەت كوچا رايونىدا، زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بازالارنى ئايلىنىپ، كوچىلارنى ئارىلاپ كۇچانى تونۇدى: ئەگرى- بۈگرى كوچىلار شەھەر خاتىرىسىنى مۇجەسسەملەپلا قالماي، گۈللىنىش ۋە خەلق تۇرمۇشى بەختىنى تېخىمۇ نامايان قىلدى.

 ھېكايىدە «ئۆسۈپ يېتىلگەن» تار كوچىلار

 رەستە ساياھەت- ئىستىراھەت كوچا رايونىنىڭ يادرولۇق رايونى ئاساسىي كوچا رەستە كوچىسى بىلەن چىڭچېڭشياڭ كوچىسى، دوپپا كوچىسى، قوۋۇق بازىرى، جىگۇشياڭ كوچىسىدىن ئىبارەت تۆت تار كوچىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كۇچا ۋاڭ ئوردىسى، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى كونا شەھەر سېپىلى بىلەن قوشنا، ئىلگىرى كۇچا شەھىرىنىڭ مەركىزىي رايونى ئىدى. شەھەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەسلىدىكى %65 ئاھالە يېڭى شەھەردىكى بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى. 2023- يىلىنىڭ بېشىدا، بۇ كوچا رايونىدا پەقەت ئاشلىق- ياغ دۇكىنى، ناۋايخانا، ساتىراشخانا قاتارلىق يەتتە دۇكان بار ئىدى.

 «ئىككى يىل ئىلگىرىكى ئەتىيازدا، مەھەللە تۇيۇقسىز ياشانغانلارنى سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى، باش تېمىسى كىچىك ۋاقتىدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەش ئىدى»، دېدى 60 ياشلىق ئىمىن ئابلا ئەسلەپ. ئۇنىڭ بوۋىسى، دادىسى ياغاچچى بولۇپ، كىچىكىدىن قوۋۇق بازىرىدا چوڭ بولغان. ئۇ چاغدا، ھەرقايسى ئائىلىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشى بولۇش- بولماسلىقىنى بىر دەرۋازىدىن كۆرۈۋالغىلى بولاتتى − پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر دائىم قوۋۇق بازىرىغا بېرىپ دەرۋازا تاللايتتى: ئەر ئۆي ئىگىسى ماتېرىيال سۈپىتى، ئۆلچىمىنى تاللايتتى، ئايال ئۆي ئىگىسى نەقىش شەكلى ۋە دەرۋازا بېشى بېزەكلىرىنى تاللايتتى، «دەرۋازىنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن، يەنە ئارقا كوچىغا بېرىپ رەسسام تېپىپ، نېلۇپەر گۈلى نۇسخىسى، قوي مۈڭگۈزى نۇسخىسىنى سىزدۇراتتى».

 بۇخەلچەم شەمشىم ئانا جىگۇشياڭ كوچىسىدا تۇراتتى، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئەينى چاغدا مەھەللە كادىرلىرى كونا كوچىنى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز دېگەندە مەن ئىشەنمىگەن ئىدىم، ھازىر كوچىدىكى ناخشا- ئۇسسۇللارنىڭ كىچىك ۋاقتىمدىكىدىنمۇ بەكرەك قىزىپ كېتىدىغانلىقىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىز».

 «ساياھەتنىڭ روھى مەدەنىيەتتە، ۋاڭخۇڭ يوقلىمىدىن ئۆتىدىغان جاي كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قانچە تارتسىمۇ بىز شامالغا ئەگەشمەيمىز». كۇچا شەھىرى رەستە كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى باۋ گوخەي مۇنداق دېدى: «بىز دەسلەپتىلا ھېكايىگە تولغان كونا كوچىنىڭ مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى رەتلەپ چىقىپ، ئاندىن ھاياتىي كۈچكە ئىگە شەكىل بىلەن داۋاملاشتۇرۇشنى ئويلاشتۇق».

 شۇنىڭ بىلەن، 100 نەپەر ئاممىدىن كونا شەھەر رايونىنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئەسلىي ھالىتىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ئۆزگەرتىش خىزمىتى باشلاندى: ئىمىن تاغا ئېيتقان ھەممە ئائىلە قەدىرلەيدىغان ياغاچ دەرۋازا- دېرىزىلەر ساقلاپ قېلىنىپ، رېمونت قىلىنىپ، مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىنىپ، دەرۋازا- دېرىزە شەكلى، ياغاچ جابدۇق ھۈنەر- سەنئىتى ئاساسىي تېما قىلىنغان قوۋۇق بازىرى بەرپا قىلىندى؛ بۇخەلچەم ئانا تۇرىدىغان جىگۇشياڭ كوچىسىدا، ناغرا، داپتىن باشقا، بەش تارلىق پىپا، دۇتار، دومبىرا، ئېرخۇ قاتارلىق چالغۇلار ئەمەلىي بۇيۇم بىلەن كۆرگەزمە قىلىش ۋە ئەمەلىي مەنزىرىلىك ئويۇن قويۇش شەكلى بىلەن تار كوچىغا قايتىپ كەلدى؛ دوپپا كوچىسىغا ساپال بۇيۇملارنى پىششىقلاش، قىزىل مىس بۇيۇملىرىنى ياساش، قولدا ئىشلەنگەن تېرە ئويما، ئەتلەس توقۇش قاتارلىق قول ھۈنەر- سەنئەت كەسىپلىرى كىرگۈزۈلگەن؛ چىڭچېڭشياڭ كوچىسىدىكى مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى شەھەر سېپىلى خارابىسى ۋە قىغدۆڭ تۇرى ياخشى قوغداش ئالدىنقى شەرتىدە، كەڭ ئەنلىك پىرويېكسىيە ئېكرانى ۋە دۇمباق ئويۇنىنىڭ دېكىراتسىيەسى بولۇپ قالدى...

 ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى، ئاھالىلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن رەستە كوچا رايونىنىڭ مەدەنىيەت گېنى جانلاندى. شۇ جاي رەستە مەيدانى، كوچا رايونىنىڭ ئىككى تەرىپى، ئىتتىپاق چوڭ كۆۋرۈكىدە ئومۇمىي يورۇتۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەقسىز ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىن توققۇزنى، ئاممىۋى تازىلىق ئۆيىدىن سەككىزنى، مۇلازىمەت پونكىتىدىن ئۈچنى تەسىس قىلدى؛ 2023- يىلىدىن 2024- يىلىغىچە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ۋە ھۆكۈمەت سېلىنمىسى ئارقىلىق 4 مىليون يۈەن مەبلەغ توپلىنىپ، «بىر كوچا، تۆت تار كوچا» مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا ئىشلەتتى. 2024- يىلى، رەستە ساياھەت- ئىستىراھەت كوچا رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 5 مىليون 600 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

 تار كوچىدا تارىخنىڭ بىر قاتار ئەكس ساداسى «ياڭرىدى»

 «كۇچانىڭ تار كوچىلىرىدا ھەقىقىي نەرسىلەر بار ئىكەن». سەنشىلىك ساياھەتچى چېن پىڭ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كۇچاغا كېلىپ، چىڭچېڭشياڭ كوچىسىدا قەلبىدە ياد ئەتكەن تۇرنى كۆردى. ئۇنى ھەيران قالدۇرغىنى، مۇكەممەل قوغدالغان تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئىمارەت خارابىسى − قىغدۆڭ تۇرىنىڭ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلغۇچى سەركەردە- لەشكەرلەر دۇمباق چېلىۋاتقان كۆرۈنۈشلۈك ئويۇن بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ يۇغۇرۇلغانلىقى بولدى.

 قىغدۆڭ تۇرى كۇچا كونا شەھىرىنىڭ غەربىي شەھەر سېپىلىغا پەقەت بىر كىلومېتىرلا كېلىدۇ. شۇ جايدىكى ياشانغان كىشى ئابدۇراخمان مۇنداق چۈشەندۈردى: «قىغدۆڭنىڭ مەنىسى قىغ كۆيدۈرۈپ ئىس چىقىرىپ خەۋەر يەتكۈزۈش بولۇپ، بۇ تۇر قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ ئاۋاتلىقى ۋە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلىرىگە گۇۋاھ بولدى».

 تۇر ئالدىدا، چاقناپ تۇرغان 18 خىل قورال- ياراغ، دۇبۇلغا- ساۋۇت، جەڭ ھارۋىسى رەتلىك تىزىلغانىدى، ساۋۇت كىيگەن ئۈچ سەركەردە- لەشكەر خۇددى تۆمۈر مۇناردەك كالا تېرىسىدىن ياسالغان جەڭ دۇمبىقى ئالدىدا جىمجىت تۇراتتى. ھەش- پەش دېگۈچە، بۇرغا چېلىندى، دۇمباق ئاۋازى گۈلدۈرمامىدەك ياڭرىدى، سەركەردە- لەشكەرلەر تەڭلا چۇقان كۆتۈردى − دۇمباق ئاۋازى گاھ كۆتۈرۈلۈپ، گاھ پەسىيىپ، ھەربىر ئاۋاز ۋەتەننى قوغداش ئىپتىخارلىق ھېسسىياتىنى يەتكۈزۈپ تۇراتتى. «بەك ھاياجانلاندىم!» چېن پىڭنىڭ يان تېلېفوننى تۇتقان بارمىقىنىڭ ئۇچى سەل- پەل ئاقىرىپ كەتتى، ئېكراندا سەركەردە- لەشكەرلەرنىڭ پۇلاڭلىتىپ تۇرغان دۇمباق كالتىكى بىلەن مىڭ يىللىق تۇرنىڭ سايىسى گىرەلىشىپ تۇراتتى، «تارىخ ئەزەلدىن يىراقلاپ كەتمىدى، دۇمباق ئاۋازى مىڭ يىل ئىلگىرىكى چېگرا قوغدىغۇچىلىرىنىڭ بىزگە قالدۇرغان يۈرەك سوقۇشىغا ئوخشايدۇ!»

 ھەر كۈنى كەچتە، رەستە كوچا رايونىدا تۇر ئالدىدىكىگە ئوخشاش ئويۇندىن جەمئىي 10 مەيدان قويۇلىدىغان بولۇپ، ئويۇن سائەت 21دىن 23كىچە ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. 21 ياشلىق نۇرئامىنە مىجىت كوچا رايون ئۇسسۇلچىسى، ئۇ 40تىن ئارتۇق ھەمراھى بىلەن كۇچا كونا شەھەر ئىزناسى مەدەنىيەت- ساياھەت باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىدە ئىشلەيدۇ. «2024- يىلى بىز مەھەللە كادىرلىرىنى ئويۇن قويۇشقا قاتنىشىشقا سىناق تەرىقىسىدە تەكلىپ قىلدۇق، ئويلىمىغان يەردىن ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتۇق». باۋ گوخەي مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ مەيدان سىناق كوچا باشقارمىسىنىڭ بۇ يىل كەسىپلەشكەن مەدەنىيەت- ساياھەت شىركىتى قۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن، شىركەت ئارتىسلارنى سىستېمىلىق قوبۇل قىلىپ، كۇچا شەھەرلىك سەنئەت ئۆمىكىدىكى كەسپىي ئارتىسلارنى ئۇلارنى تەربىيەلەپ بېرىشكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ، «كەسپىي ئويۇن قويۇش + مەھەللە قاتنىشىش» ئەندىزىسى ئارقىلىق، مىڭ يىللىق كۈسەن مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ جانلىق قىياپەتتە كوچا ئىزنالىرىغا سىڭدۈردى.

 تار كوچىدىكى يېڭى ھېكايىلەر ئېيتىلماقتا

 6- ئاينىڭ 19- كۈنى سائەت 19دا، لىن جىلۇ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 3- يىللىق ئوقۇغۇچىسى رابىگۈل مەمەت يىغلاۋاتقان يېقىن دوستىنى قولتۇقلاپ جىشياڭ قەھۋەخانىسىغا كىرىپ: «يۈەنيۈەن ئاچا، سىز مېنىڭ يېقىن دوستۇمغا تەسەللى بېرىپ قويالامسىز؟ بۈگۈن مۇئەللىم ئۇنى تەنقىدلەپ يىغلىتىۋەتتى»، دېدى.

 ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئەزەلدىن قەھۋە ئىچمەيدىغان بالىلار جىشياڭ قەھۋەخانىسىنى «مەخپىي گۈللۈك» قىلىۋالدى. 2023- يىلى 5- ئايدا، سەنشىدىن كەلگەن جاڭ يۈەنيۈەن كۇچاغا ساياھەتكە كەلگەندە، كوچا رايونىدىكى رەڭلىك ئىشىكلەرنى ياخشى كۆرۈپ قالدى. مەھەللىنىڭ ياردىمىدە، ئۇ رەڭلىك كىچىك ئىشىكلىك ھويلىنى ئىجارىگە ئېلىپ، كوچا رايونىدىكى تۇنجى قەھۋەخانىنى ئاچتى، «دەسلەپتە كوچىدا پەقەت مەن بىرلا سىرتتىن كەلگەن ئۆي ئىجارە ئالغۇچى بار ئىدىم، ھازىر ئۆي ئىجارە ئالغۇچىلار ۋېيشىن توپىدا 100دىن ئارتۇق ئادەم بار، كۆپچىلىك مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن بولۇپ، ھەر مىللەت قوشنىلار بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇپ كەتتۇق».

 سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، رەستە كوچا رايونى سىرتتىن كەلگەن 120دىن ئارتۇق مەبلەغ سالغۇچىنى ئىگىلىك تىكلەپ تۇرمۇش كەچۈرۈشكە جەلپ قىلدى، ساياھەتچىلىك 2000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى، 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ۋاسىتىلىك نەپكە ئېرىشتۈردى. 

 شۇ كۈنى كەچتە، ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان كۈسەن مۇزىكا- ئۇسسۇللىرى ئويۇنى دۇمباق رىتىمىدا ئاستا- ئاستا ئاياغلاشتى، جياڭسۇدىن كەلگەن گۇەن چاۋ يەنىلا كوچا رايونىدىن كېتەلمەي قالدى. «مەن بىر ھەپتە ئايلىنىپ، قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى ۋە كونا بۇيۇملار كۆرگەزمىسىنىڭ شىنجاڭدىكى باشقا كوچا رايونلىرىدىكى بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىدىم»، ئۇ تەشەككۈر سالىمى يوللاۋاتقان ئۇسسۇلچىلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «لېكىن مەدەنىيەت ئويۇنى بىلەن تۇرمۇش مەنزىرىسىنى ئىنتايىن زىچ بىرلەشتۈرگەن بۇنداق جاي ھەقىقەتەن ئاز ئۇچرايدۇ. مەن كىچىك بازارغا مەبلەغ سېلىپ، ساياھەتچىلەرنى بۇ جانلىق مەدەنىيەت تەسىراتىنى <سېتىۋېلىش> ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125