ئالدىنقى بەش ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.9 ئاشتى
10:51:12 2025-06-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى مۇخبىر چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى بەش ئايدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 227 مىليارد 670 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.9 ئاشقان، تاشقى سودىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 20.4 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، كۆلەم جەھەتتە بۇلتۇرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى سەۋىيەدىن ئاشقان.

 سودا كۆلىمىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى بەش ئايدا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى شەھىرى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئالدىنقى تۆت ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15، %5.6، %48.6، %25.1 ئاشقان.

 جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون سۇپىسىنىڭ رولى سىجىل جارى قىلدۇرۇلدى. ئالدىنقى بەش ئايدا، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قەشقەر بۆلەك رايونى، قورغاس بۆلەك رايونى، ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 37 مىليارد 900 مىليون يۈەن، 34 مىليارد 640 مىليون يۈەن، 27 مىليارد 610 مىليون يۈەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىدە جەمئىي %44نى ئىگىلىدى. شىنجاڭدىكى تۆت ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى جەمئىي 81 مىليارد 570 مىليون يۈەن بولۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %35.8 بولدى.

 سودا شەكلىدىن قارىغاندا، ئادەتتىكى سودىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورتىغا تۈرتكە بولۇش رولى كۆرۈنەرلىك بولغان. ئالدىنقى بەش ئايدا، شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى سودا شەكلىدىكى ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %80.8 ئېشىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %54.9 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 17.6 پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ 30.2 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان.

 سودا ئاساسىي گەۋدىسىدىن قارىغاندا، پۇقراۋى كارخانىلار «ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىش» رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرغان. ئالدىنقى بەش ئايدا، شىنجاڭدىكى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25 ئېشىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %94.7 بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %101.5كە يەتكەن. تاۋار تۈرىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى بەش ئايدا شىنجاڭ ئېكسپورت قىلغان ماشىنا- ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %43.8 ئېشىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %40.2 بولغان.

 ئالدىنقى بەش ئايدا، جۇڭگو شىنجاڭ 222 دۆلەت ۋە رايون بىلەن سودا ئالاقىسى قىلدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.8 ئېشىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %84.8 بولدى. ئالدىنقى ئىككى چوڭ سودا ھەمراھ دۆلەت يەنىلا قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستان بولدى. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %91.6، %55.7 ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125