قۇملۇقنى ئايلىنىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان شىنجاڭغا گۇۋاھ بولۇش
11:46:18 2025-06-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شىن شىجيەن

 قۇملۇقنى ئايلىنىپ شىنجاڭغا نەزەر سالغاندا نېمىنى كۆرگىلى بولىدۇ؟ سېرىق قۇم توسۇۋالالمايدىغان قەيسەر ھاياتىي كۈچ، چوڭقۇر جايدا كۆمۈلۈپ ياتقان تۈگىمەس بايلىق، قەدىمكىلەرنى بېسىپ چۈشۈپ، بۈگۈنكىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان قۇم تىزگىنلەش مۆجىزىسى...

 سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق. يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش، بىيولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش، قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق قۇم تۇراقلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىن خاس قۇملۇق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىچە، شىنجاڭ «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەسى گۈزەل، كەسىپلەر گۈللەنگەن، پۇقرالار بېيىغان تەرەققىيات مەنزىرىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتمەكتە.

 رەڭدار قۇملۇقتىن گۈزەل شىنجاڭغا نەزەر

 «ھالاكەت دېڭىزى» كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان سېرىق رەڭگە تولغان بولۇپ، سېرىق رەڭلىك بىپايان قۇملۇقنى رەڭدار قۇملۇققا ئايلاندۇرۇش ھەربىرىمىزنىڭ ئارزۇسى. قاشالاش، دائىرىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق «يېشىل شارپا» توقۇلدى، «100 مىڭ تۈپ قىزىلگۈل» قۇملۇقنى تېخىمۇ رومانتىك تۈسكە كىرگۈزدى، ئەتراپقا تارالغان شال ھىدى قۇملۇقنى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى، قىزىل چىلان، سېرىق جىغان، يېشىل سۆكسۆك، ئاق توشقانزەدىكى، سېرىق توغراق سېرىق رەڭلىك بىپايان قۇملۇقتا ئاخىرقى چەكنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، رەڭدار تۈسكە كىردى؛ بۇغا، ياۋا توشقان، قىزىل تۈلكە، سۇ قۇشلىرى، ياۋايى ھايۋانلار پات- پات «ئېكراندا كۆرۈنۈپ»، ئېكولوگىيە- مۇھىتنىڭ ياخشىلانغانلىقىنىڭ كۈچلۈك دەلىلى بولدى. بۇ، ھاياتلىقنىڭ رەڭگى بولۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان يارقىن رەڭ گۈزەل شىنجاڭنى رەڭدارلىققا تولدۇرۇپ، ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى.

 رەڭدار قۇملۇق بەرپا قىلىشنىڭ ئارقىسىدا، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش بار. قۇم تىزگىنلەشتە جەزمەن ئالدى بىلەن سۇنى ئىدارە قىلىش كېرەك، تېتىما كۆلىنى ئويغىتىش، تارىم دەرياسىغا سۇ يەتكۈزۈش قۇملۇققا ھاياتىي كۈچ ۋە سۇ جىلۋىسى بېغىشلىدى. قۇم تىزگىنلەشتە جەزمەن يېڭىلىق يارىتىش كېرەك، شايار ناھىيەسىنىڭ «تەقسىملەنمە يورۇقلۇق ۋولت + يەر ئاستى شورلۇق سۇنى تارتىپ چىقىش + ئورمان بەرپا قىلىش» قۇم تىزگىنلەش ئەندىزىسى، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ «كىرىشتۈرمە قۇم تىزگىنلەش» يېڭىلىق يارىتىپ تىزگىنلەش ئەندىزىسى، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ «قۇرۇلۇش قىلىش + بىيولوگىيەلىك تىزگىنلەش + قۇملۇق كەسپى» قۇم تىزگىنلەش ئەندىزىسى... كۆپ ئۆلچەملىك قۇم تىزگىنلەش يېشىل تەرەققىياتنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، بىزگە مۇمكىنسىزلىكنى مۇمكىنلىككە ئايلاندۇرىدىغان ئىچكى لوگىكىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش يول يۆنىلىشىنى چىڭىتتى.

 قىزغىن قۇملۇقتىن شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا نەزەر

 قۇملۇق ئەمدى ھالاكەت گىردابى ئەمەس. بۈگۈنكى كۈندە، قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسى، گىرۋەكلىرىدىكى ھەممىلا جاينى يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى، يېشىل كەسىپ، خاس كەسىپلەر «قاپلىدى». قۇم گەمىسىنى بايلىق كانىغا ئايلاندۇرۇشتا، كەسىپ ئارقىلىق تىرەك بولۇش، پەن- تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇشقا توغرا كېلىدۇ. چاقىلىق سانائەت باغچە رايونى شىنجاڭدىكى « 10 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك باغچە رايونى» قاتارىغا كىردى، دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق» يېڭى ئېنېرگىيەنى سىرتقا يەتكۈزۈش بازىسىدىكى تۇنجى تۈركۈم گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك چىقاردى، «ھالاكەت دېڭىزى»دا 10 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى قۇدۇق قېزىلىپ يېڭى رېكورت يارىتىلدى، تەكلىماكان قۇملۇق تاشيولى راۋان، توسالغۇسىز بولدى... بىپايان قۇملۇق «چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى»دىكى چاقناپ تۇرغان سەھنىگە ئايلىنىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرىغا قاراپ ئۆرلەش، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش، يېڭىلىق يارىتىشقا ئاتلىنىپ راۋاجلىنىشتىكى سەكرەش تاختىسىغا ئايلاندى.       

 خاس كەسىپلەرنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىش، قۇملۇقتا ئۆسىدىغان زىرائەتلەرنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، چۆللۈكتە «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ» ئۆستۈرۈلدى؛ قۇملۇق باغچىسى قۇرۇش، قۇملۇق ساياھىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئېكولوگىيە- مەدەنىيەت- ساياھەت يېڭى يەر بەلگىسى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، قۇملۇق كەسپى «يېڭى ئېشىش قۇتۇپى»غا ئايلاندۇرۇلدى... قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش جەريانىدا قۇمنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇش، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش جەريانىدا كەسىپ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، شىنجاڭنى كەسىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش بويىچە قۇملۇقتا بىر يېڭى يول ئېچىلدى.

 ئۈمىدكە تولغان قۇملۇقتىن بەختلىك شىنجاڭغا نەزەر

 «ئادەملەر قۇمغا بوزەك بولسا بولمايدۇ.» بۇ، «قۇم دېڭىزىدىكى يۈگۇڭ» فۇ جىجوۋنىڭ جاراڭلىق قەسىمى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈشتىكى كۆككە يەتكەن غەيرىتى. 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى بەرپا قىلغان 1 مىليون 200 مىڭ مو سۈنئىي ئورمان ئىسمى- جىسمىغا لايىق بېيىش ئورمىنىغا ئايلاندى؛ دەريا بويى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى «بىر قەدەمدە مىڭ يىل»لىق ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تاتلىق سۇ ئىچىپ، يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈردى؛ كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توشقانزەدىكى مەھسۇلات مىقدارى پۈتۈن مەملىكەت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %85ىنى ئىگىلەپ، قۇملۇقنى يېشىللاشتۇردى، شۇنداقلا قۇملۇقتا بايلىق ھاسىل قىلىش ئىمكانىيىتىنى ياراتتى.

 قۇملۇقتىن ياخشى پايدىلىنىشتا جەزمەن ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشقا كۈچەش كېرەك. شىنجاڭ قۇملۇقنى يېشىللىققا پۈركەپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى يېشىللىقنى قوغداۋاتقان كىشىلەرنى بېيىتىپ، ھەممە دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، قۇم تىزگىنلىگۈچىلەرنى بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشتۈرۈشى كېرەك. ئۈمىدسىزلىك قاپلىغان قۇملۇقنىڭ ئۈمىدكە تولغان قۇملۇققا ئۆزگىرىشى يېشىللاشتۇرۇش بىلەن بېيىتىشنى تەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشنىڭ جانلىق ئىزاھاتى.

 قۇملۇقنى ئايلىنىپ شىنجاڭغا نەزەر سالساق، ھەربىر ئوت- چۆپ كاتەكچىلىرىنىڭ قەتئىيلىكى، ھەربىر يېشىل كارىدورلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشى، ھەربىر كەسىپ زەنجىرلىرىنىڭ ئۇزارتىلىشىنىڭ ھەممىسىدىن «قۇم ئىلگىرىلەپ ئادەم چېكىنىش»تىن «بوستانلىق ئىلگىرىلەپ قۇم چېكىنىش»كىچە، يەنە «ئادەم بىلەن قۇملۇق ئىناق ئۆتۈش»كىچە بولغان جەرياندىكى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ يېڭى تۇرمۇشقا ئېرىشكەن گۈزەل شىنجاڭنى، كۈنسېرى يېڭىلىنىپ ھاياتىي كۈچكە تولغان شىنجاڭنى، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان شىنجاڭنى كۆرگىلى بولىدۇ. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ داۋاملىق كۈرەش قىلىش مۇساپىسىدە، سېرىق قۇملۇق يېشىل تۈسكە كىرگەن گۈزەل مەنزىرە ھامان تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدىكى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان مەنزىرىگە ئايلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125