− چاقىلىق ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ياڭ سۇڭتاۋ توغرىسىدا ئەسلىمە
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن
5- ئاينىڭ 1- كۈنى سەھەردە، بىر قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ئىچكى موڭغۇلدىن شىنجاڭغا بارىدىغان تاشيولدا ئۇچقاندەك كېتىۋاتاتتى. ئاپتوموبىلدا، چاقىلىق ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ياڭ سۇڭتاۋ ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىدە تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى پارنىكلارنى كۆرۈپ بېقىشنى ئويلاۋاتاتتى، ئۇنىڭ بۇ كىچىككىنە ئارزۇسىمۇ ئاخىرىدا ئۆزى 24 يىل قوغدىغان قارلىق ئېگىزلىككە يېتىپ بارالمىدى.
كېچىدە، ئالتۇنتاغنىڭ سوزۇلۇپ ياتقان ئومۇمىي كۆرۈنۈشى قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يوقاپ كەتكەنىدى، ھالبۇكى ھاياتلىق بەدىلىگە ئويۇلغان سادىقلىق كوردىناتى دەل ئاشۇ قارلىق تاغنىڭ چوققىسىدا ئىدى.
قارلىق ئېگىزلىكنى جاپالىق قوغداش
1991- يىلى، ياڭ سۇڭتاۋ باشقا ئۆلكىلەردە قېلىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، چاقىلىقتا يىلتىز تارتتى.
34 يىلدا، ئۇ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ چاقىلىق ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسىدىكى نۇرغۇن ئىش ئورنىدا خىزمەت قىلىپ، شارائىتى جاپالىق بولغان دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى يۇقىرى رايوندا 24 يىل چىڭ تۇردى. ئۇ ئېگىلمەس- سۇنماس روھىغا تايىنىپ، ئاساسىي قاتلامدا چېنىقىش جەريانىدا تەدرىجىي ئۆسۈپ يېتىلدى.
يېتىمبۇلاق گۇڭئەن تەكشۈرۈش پونكىتى شىنجاڭنىڭ «شەرقىي جەنۇب دەرۋازىسى» بولۇپ، چاقىلىق ناھىيە بازىرىغا 300 كىلومېتىرچە كېلىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3280 مېتىر، ئوكسىگېن مىقدارى تۈزلەڭلىكتىكىنىڭ ئاران %70ىگە توغرا كېلىدۇ، قىش پەسلىدە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى دائىم نۆلدىن تۆۋەن 38 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولىدۇ، بىر يىلدا ئون بالدىن يۇقىرى بورانلىق ھاۋارايى 233 كۈنگە يېتىدۇ.
ياڭ سۇڭتاۋ سەپداشلىرى بىلەن بىللە، قۇم- بوراندا پوستتا تۇرۇپ، قار- مۇزلۇقلاردا چارلاپ، بۇ قاقاس ھەم ھەيۋەتلىك، گۈزەل ئېگىزلىكنى قوغدىدى. ئۇ «جاھىل قۇلان» كەبى قەتئىيلىكى بىلەن ئالتۇنتاغدىكى ھەممە جاينى كېزىپ، ئىسمى- جىسمىغا لايىق «تىرىك خەرىتە»گە ئايلىنىپ، پولاتتەك ئىرادىسىگە تايىنىپ «تۆمۈر ئادەم» دېگەن نامغا ئېرىشتى.
گۇڭئەن تەكشۈرۈش پونكىتى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەكشۈرىدىغان ئاپتوموبىل 3000 ئاپتوموبىل قېتىمدىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر تىپتىكى يۈك تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %70كە يېتىدۇ. بۇ جايدا قىش پەسلى توققۇز ئايغا سوزۇلىدۇ، ناچار ھاۋارايى كۆپ كۆرۈلىدۇ. ياڭ سۇڭتاۋ خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلارنى باشلاپ كۈندىلىك تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى تاماملاش بىلەن بىللە، يەنە يول قاتنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش، قار تازىلاپ يولنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن قاپسىلىپ قالغان ئاپتوموبىللارنى 1000 نەچچە قېتىم، شوپۇرلار ۋە يولۇچىلارنى 10 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق قۇتقۇزۇپ، ياردەم بېرىپ، بۇ مۇھىم يولنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.
ياڭ سۇڭتاۋ ۋە سەپداشلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداۋاتقانلاردىن يەنە ياۋايى ھايۋانلارمۇ بار.
ئالتۇنتاغ ياۋايى ھايۋانلارنىڭ جەننىتى، شىزاڭ بۆكىنى، ياۋا قوتاز، شىزاڭ ياۋا ئېشىكى قاتارلىق ئەتىۋارلىق ھايۋانلار بۇ جايدا ياشاپ كۆپىيىدۇ. 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا، شىزاڭ بۆكىنى تىۋىتىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى باھاسى بەك ئۆرلەپ كەتكەچكە، ئاچ كۆز ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلىغۇچىلار بۇ پاكىز تۇپراققا بېسىپ كىرىشكە باشلىدى.
1996- يىلى كەچ كۈزدە، ئوق ئاۋازى ئالتۇنتاغنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزدى. 24 ياشلىق ياڭ سۇڭتاۋ ئۈچ سەپدىشى بىلەن چارلاۋاتقاندا، تۇيۇقسىز 72 كىشىلىك قوراللىق ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلاش شايكىسى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. دۈشمەن كۆپ، ئۇلار ئاز ئىدى، ئوق- دورا تۈگەپ قالاي دېگەن ئىدى، ئۇ سوغۇققانلىق بىلەن: «پەقەت باشلامچىلىرىلا جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ!» دەپ ھۆكۈم قىلىپ، ئەترەتنى باشلاپ دۈشمەننىڭ مەركىزىگە ئۇدۇل بۆسۈپ كىردى. كەسكىن جەڭدە، ئىككى پاي ئوق ئۇنىڭ قورسىقىنى تېشىپ ئۆتۈپ، ساقچى فورمىسى قان بىلەن بويالدى.
تۆت كېچە- كۈندۈز داۋاملاشقان بۇ مەيدان ئېلىشىشتا، ساقچى تەرەپ ئاخىر ئۈچ كاتتىباشنى تۇتۇپ، قورال- ياراغ، ئوق- دورا ۋە 2000 پارچىدىن ئارتۇق شىزاڭ بۆكىنى تېرىسىنى قولغا چۈشۈرۈپ، ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلىغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ كەتكەن ھەيۋىسىگە قاتتىق زەربە بەردى. قورساق قىسمىدىكى ئوق يارىسى ياڭ سۇڭتاۋنىڭ ئېگىزلىكتىكى جانلىقلارنى قوغداشتىكى ئۈنسىز ئوردېنغا ئايلاندى.
«بۆكەن قوزىسى تېرىسى سويۇۋېلىنغان ئانا بۆكەننىڭ يېنىدا كۆزىنى مۆلدۈرلىتىپ ياتاتتى...» يۈرەككە بىگىز سانجىلغاندەك بۇ ئاغرىق ياڭ سۇڭتاۋنى قوغداش قەسىمى بېرىشكە ئۈندىدى.
بۈگۈنكى كۈندىكى ئالتۇنتاغدا، شىزاڭ بۆكىنى بىمالال چېپىپ يۈرۈپ، ياشاپ كۆپەيمەكتە. تۈر توپىنىڭ سانىمۇ زور دەرىجىدە ئەسلىگە كەلمەكتە.
«ئۇلارنىڭ كۆزى ئالتۇندىنمۇ نۇرلۇق، بىز بۇ ساپلىقنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك». ھەر قېتىم كۆچۈۋاتقان بۆكەن توپىنى كۆرگەندە، خەلق ساقچىلىرى ھەمىشە ياڭ سۇڭتاۋنىڭ سۆزىنى ئەسلەيدۇ.
قارلىق تاغ چىڭ تۇرۇشقا گۇۋاھ بولدى، سادىقلىق بىلەن ئابىدە تىكلەندى. ساقچى بولغاندىن بۇيان، ياڭ سۇڭتاۋ شەرەپ بىلەن بىر قېتىم شەخسىي 1- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، بىر قېتىم شەخسىي 3- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى. ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى يېتىمبۇلاق گۇڭئەن تەكشۈرۈش پونكىتى «مەملىكەت بويىچە گۇڭئەن ئورگىنى خەلقنى سۆيۈشتىكى نەمۇنىلىك كوللېكتىپ»، «شىنجاڭ بويىچە مۇنەۋۋەر گۇڭئەن ئاساسىي قاتلام ئورنى» بولۇپ باھالاندى، شەرەپ بىلەن بىر قېتىم كوللېكتىپ 1- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، بەش قېتىم كوللېكتىپ 2- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، بەش قېتىم كوللېكتىپ 3- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى.
بۇ شەرەپلەر ياڭ سۇڭتاۋ ۋە سەپداشلىرىنىڭ ياشلىق باھارى ۋە سادىقلىقى بىلەن تاپشۇرغان جاۋاب قەغىزى.
«جانغا جاننى تېگىشىدىغان» ئادەمسىز رايوندىكى قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش
ئالتۇنتاغ ئادەمسىز رايونى كۆكشىل ئادەمسىز رايونى، چياڭتاڭ ئادەمسىز رايونى ۋە لوپنۇر ئادەمسىز رايونىغا تۇتىشىدىغان بولۇپ، ئۇلار قوشۇلۇپ «جۇڭگودىكى تۆت چوڭ ئادەمسىز رايون» دەپ ئاتىلىدۇ. شەرقىي كوئىنلۇن تېغى بىلەن چىمەنتاغ ئارىلىقىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان بۇ 100 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كارىدوردا، ھەمىشە قاتمۇقات تاغلار ئارىسىدا يولدىن ئادىشىپ قالغان ئىلمىي تەكشۈرۈش خادىملىرى، چارلاش خادىملىرى ۋە ئېكسپېدىتسىيەچى ساياھەتچىلەر ساقچىغا مەلۇم قىلىپ قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
2012- يىلى 10- ئايدا، 11 كىشىلىك گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئەترىتى نارىنگېلى جىلغىسىغا بارغاندا توققۇز ئادىمى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى. بۇ دەل قار- مۇز تاغ يولىنى توسۇپ قويغان مەزگىل بولۇپ، ياڭ سۇڭتاۋ ئەترەتنى باشلاپ پەقەت مۈجمەل كوردىناتقا ئاساسەن، كومپاسقا تايىنىپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3000 مېتىردىن ئاشىدىغان قارلىق تاغ، چۆللۈكتە تۆت كۈن يول يۈردى، ئاپتوموبىل 60 گىرادۇسلۇق تىك يانتۇلۇقتا بىرمەھەل كونتروللۇقىنى يوقىتىپ تىك يار تەرەپكە سىيرىلىپ ماڭدى. ئىككى ھايات قالغۇچىنى تاپقاندىن كېيىن، ئۇ كەسكىنلىك بىلەن يېنىك جابدۇنۇپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە بۇيرۇق چۈشۈردى.
ئەترەت ئەزالىرى تىزدىن ئاشىدىغان، سوغۇقى سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان قار سۈيىنى يالاڭ ئاياغ كېچىپ ئۆتكەندە، پۇتلىرى توڭلاپ سېزىمىنى يوقاتتى. ئۇلار ئاندا- ساندا بايقىغان مىنېرال سۇ بوتۇلكىسى ۋە يېمەكلىك خالتىسىغا تايىنىپ 23 كىلومېتىر پىيادە مېڭىپ، ئاخىر باشقا قاپسىلىپ قالغانلارنى تاپتى. 50 سائەتلىك ھايات- ماماتلىق مۇسابىقىدە بارلىق خادىملارنىڭ ھايات قېلىشىدىن ئىبارەت مۆجىزىنى ياراتتى. ياڭ سۇڭتاۋ بىردىنبىر چېدىرنى تەكشۈرۈش ئەترىتىدىكىلەرگە بېرىپ، سەپداشلىرى بىلەن سوغۇق شامالدا گۈلخان يېنىدا قوندى.
ياڭ سۇڭتاۋنىڭ قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىشى باتۇرلۇق ۋە ئەقىل- پاراسەتنىڭ جەۋھىرى. بىر قېتىملىق سوغۇق كېچىدىكى قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىشتە كوردىنات نۇقتىسىنى ئىزدەش نەتىجىلىك بولمىدى، ئۇ ھاياتلىققا ئىنتىلىش تۇغما ئىقتىدارىغا بولغان چوڭقۇر تونۇشىغا تايىنىپ، ئەترەتنى باشلاپ شامالدىن دالدا جايغا بۇرۇلۇپ، ئاخىر بەش كىلومېتىر يىراقلىقتا توڭلاپ قېتىپ قالغان بوۋاينى قۇتقۇزۇپ چىقتى.
2020- يىلى مۇزتاغ چوققىسى يۆيا دەرياسىدىكى قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىشتە، ياش خەلق ساقچىسى ئالدىراپ سۇغا چۈشمەكچى بولغاندا، ياڭ سۇڭتاۋ ئۇنى توسۇۋېلىپ: «ئېرىگەن قار سۈيى تېز ئۇلغىيىپ ئاپتوموبىلنى ئېقىتىپ كەتسە، ئادەمنى قانداق قۇتقۇزىمىز؟» دېدى. ئۇلار ئىككى سائەت سوغۇققانلىق بىلەن كۈتۈپ، سۇ ئورنى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن بىخەتەر قۇتقۇزۇش ئېلىپ باردى.
ئالتۇنتاغدىكى قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش، ئەسلىدىنلا جانغا جاننى تېگىشىش ئىدى.
2022- يىلى 8- ئايدا، ياڭ سۇڭتاۋ ھاياتىدىكى ئەڭ جاپالىق بىر قېتىملىق قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىشنى كۈتۈۋالدى.
توختىماي ياغقان قارا يامغۇر تاغ كەلكۈنى پەيدا قىلدى، ئالتە نەپەر چارلاش خادىمى تاغقا كىرگەندىن كېيىن كەلكۈن ئۇلارنى ئاپتوموبىلى بىلەن تەڭ ئېقىتىپ كەتتى، تەستە قېچىپ قۇتۇلغاندىن كېيىن، ئۇلار يۈك ئاپتوموبىلىدا قاپسىلىپ قالدى.
ياڭ سۇڭتاۋ ئەترەتنى باشلاپ كېچىلەپ يولغا چىقتى، پاتقاق يولدا، ئاپتوموبىل 26 قېتىم پېتىپ قالدى، 11 قېتىم يولدىن ئېزىپ قالدى، تۆت ئاپتوموبىلدىن پەقەت ئىككىسىلا مەنزىلگە يېتىپ بارالىدى. ياڭ سۇڭتاۋ سەپداشلىرى بىلەن يېرىم مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى لاي- لاتقا ئىچىدە تەستە ئالغا ئىلگىرىلىدى. ئۇلار 55 سائەتتە 900 كىلومېتىر يول يۈردى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 600 كىلومېتىر يولنى كەلكۈن بېسىپ كەتكەچكە، ئاپتوموبىللار تاشپاقىدەك مېڭىشقا مەجبۇر بولدى. قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش ئاپتوموبىلىنىڭ چىراغ نۇرى قاپسىلىپ قالغانلارنى يورۇتقاندا، بۇ قېتىمقى تاماملاش مۇمكىن ئەمەس دەپ قارالغان قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ياڭ سۇڭتاۋ ۋە سەپداشلىرى ئورۇندىدى.
«ئادەمسىز رايوندا، بىز قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدى». ياڭ سۇڭتاۋنىڭ بۇ سۆزى ھېلىھەم سەپداشلىرىنىڭ چوڭقۇر ئېسىدە.
2012- يىلىدىن بۇيان، ياڭ سۇڭتاۋ قاتمۇقات تاغ ئىچىدە 200 قېتىمدىن ئارتۇق قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىشنى تەشكىللەپ، قاپسىلىپ قالغان 1600دىن ئارتۇق ئاممىنى قۇتقۇزدى، بىرمۇ ئادەم بەختسىزلىككە ئۇچرىمىدى.
ئالتۇنتاغدىكى شىۋىرغان، بۇ قۇتقۇزۇپ- ياردەم بەرگۈچىنىڭ مەڭگۈ ۋاز كەچمەيدىغانلىقىغا گۇۋاھ بولماقتا.
مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان مەنىۋى چوغ
ئىلگىرىكى تەكشۈرۈش پونكىتىدا سۇ ئىشلىتىش قىيىن مەسىلە ئىدى، ھاۋا سوغۇق بولغاچقا پەقەت مەشكە ئوت قالاپ ئىسسىنىشقا توغرا كېلەتتى. ياڭ سۇڭتاۋ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، ئۇنى زامانىۋىلاشقان «شىنجاڭغا كىرىشتىكى بىرىنچى بېكەت» ۋە ئىللىق ماكان قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. يېپيېڭى خىزمەت بىناسى قەد كۆتۈردى، كۆكتات پارنىكى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ياشناپ تۇردى، ياتاق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھەم ئىللىق بولۇپ، كۇتۇپخانا، تەنھەرىكەت مەيدانىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىدى.
ياڭ سۇڭتاۋ ئوتتۇرىچە يېشى 27 ياش بولغان 60 نەچچە ياش خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلارنىڭ «ئائىلە باشلىقى». ئۇ ئۇلارنى «بالام» دەپ چاقىرىپ، «45 كۈن ۋەزىپە ئىجرا قىلىش + 15 كۈن تۇغقان يوقلاش» تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ھەر ئايدا ئۆيىگە پۇل ئەۋەتىپ بېرىش، ئاتا- ئانىسىنىڭ پۇتىنى يۇيۇپ، كىرىنى يۇيۇپ، تامىقىنى ئېتىپ بېرىش، بىر كىتاب ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ۋاپادارلىق ۋە مەسئۇلىيەتنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈردى.
ياڭ سۇڭتاۋ باشلامچىلىق بىلەن قازان بېشىغا ئۆتتى، ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلدى، يېڭى خىزمەتچىلەرنى قولمۇقول تەربىيەلىدى. 2019- يىلى 4- ئايدا، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش يولىدا ئاپتوموبىل قېلىن قارغا چوڭقۇر پېتىپ قالغاندا، ئۇنىڭ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ چاقنى كولاپ چىقارغان سىيماسى ۋە «سىزنىڭ كولىشىڭىز بىلەن مېنىڭ كولىشىمنىڭ نېمە پەرقى بار» دېگەن سۆزى ياش ياردەمچى ساقچى لياڭ تۇڭنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىدى.
تەكشۈرۈش پونكىتى قورۇسى ئىشخانا بىناسىنىڭ ئالدىدىكى تاش ئابىدىگە رىغبەتلەندۈرۈش فورمۇلاسى «0.0255≈ 0.99365 ;37.78≈ 1.01365;1= 1365» دېگەن خەتلەر ئويۇلغان، بىنانىڭ كەينىدىكى تاش ئابىدىگە «سادىقلىق» دېگەن خەت ئويۇلغانىدى.
«كۈندە بىر ئىزدا تۇرۇپ قېلىپ تىرىشمىساق، مەڭگۈ ئالغا باسالمايمىز؛ ھەر كۈنى كىچىككىنە ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرساق، ھامان سۈپەتتىكى ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز؛ سەللا بوشاڭلىق قىلساق، دەۋرنىڭ بەكلا ئارقىدا قالىمىز. سادىق بولۇش، خەلق گۇڭئەنىنىڭ مەڭگۈ ئۆچمەس ئاساسىي رېڭى، ئۇنى قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قېتىدا ساقلىشىمىز كېرەك». ياڭ سۇڭتاۋ خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلارغا رىغبەتلەندۈرۈش فورمۇلاسىنىڭ مەنىسىنى سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى.
ئەمما، ئېگىزلىكتە ئوكسىگېن يېتىشمەيدىغان شارائىتتا ۋە نورمىدىن ئارتۇق ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلىش ئۇنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزدى. 2023- يىلىنىڭ بېشىدا، توختىماي يۆتىلىش ۋە مەيدىسى ئاغرىشنى ئۇ «مۇشۇ ئالدىراشلىق تۈگىسىلا» دەپلا ئۆتكۈزۈۋەتتى. 2024- يىلى 3- ئايدا، بېيجىڭدىكى دوختۇرخانىدا، ئۇنىڭغا ئۆپكە راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلدى. «ئۇنىڭ ئۆپكىسى خۇددى 70 نەچچە ياشلىق بوۋاينىڭكىگە ئوخشاپ قاپتۇ»، دېدى دوختۇر خورسىنغان ھالدا.
كېسەل ئالۋاستىسى ئۇنىڭ بەدىنىنى چىرمىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشلىرىنى يوق قىلالمىدى. 2024- يىلى 12- ئايدا، كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتكەن ياڭ سۇڭتاۋ ئاغرىققا چىداشلىق بېرىپ تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى پارنىكتا پەيدا بولۇپ، كۆپچىلىككە سۇ تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش تەپسىلاتىنى تەپسىلىي جېكىلىدى. 2025- يىلى 4- ئاينىڭ 28- كۈنى، شىنجاڭغا قايتىش سەپىرىدىكى قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىدا، ئۇ تىترىگەن ھالدا يان تېلېفونىغا ئەڭ ئاخىرقى كۆڭۈل بۆلۈشىنى يازدى: «پارنىكنىڭ سۇ تۇرۇبىسىنى... ئۇلاپ بولدۇڭلارمۇ؟»
5- ئاينىڭ 1- كۈنى تاڭ سەھەردە، ياڭ سۇڭتاۋ كۆزىنى مەڭگۈلۈك يۇمدى، شۇ يىلى ئاران 52 ياشتا ئىدى.
ئالتۇنتاغدا شامال ھۇۋۇلدايتتى، تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى «بالىلار»نىڭ كۆزلىرى يىغىدىن ئىششىپ كەتتى. خوتۇنى چېن فېي سارغىيىپ كەتكەن تولۇقلاپ چۈشكەن تويلۇق سۈرەتكە قاراپ، ئۆكسۈپ يىغلاپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئۇ ھەمىشە <ئالدىراشلىق تۈگىسە> دەيتتى، لېكىن ساقچىلارنىڭ نەدىمۇ ئالدىراش بولمايدىغان ۋاقتى بولسۇن؟ ئەمما مەن ئۇنىڭدىن ئاغرىنمايمەن، چۈنكى ئۇنىڭ قوغدايدىغىنى كىچىك ئائىلىسىدىن تېخىمۇ كەڭ بولغان ماكان». ياڭ سۇڭتاۋنىڭ دادىسى يىغلاپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئۇ ھەممە ئادەمگە يۈز كېلەلەيدۇ، پەقەت ئائىلىسىدىكىلەرگىلا قەرزدار بولۇپ قالدى... 20 نەچچە يىل ئۆيىدە باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈپ باقمىدى».
ياڭ سۇڭتاۋ كەتتى، لېكىن ئۇ قالدۇرغان مەنىۋى چوغ قارلىق ئېگىزلىكتە مەڭگۈ ئۇچقۇندىماقتا.
تەكشۈرۈش پونكىتى قورۇسىدا، «سادىقلىق» دېگەن خەت ئويۇلغان ئابىدە بىلەن «رىغبەتلەندۈرۈش فورمۇلاسى» ئويۇلغان ئابىدە بۇرۇنقىدەكلا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.
كۆكتات پارنىكىدا، كۆكتات مايسىلىرى يېڭىدىن ئۈنۈپ چىقتى.
ئاپشاركا مەشىق بازىسىدا، ئېگىزلىك ئاپشاركىسىنى كۆپەيتىش تەجرىبىسى ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىرگەن بولۇپ، بۇ، مەملىكەت بويىچە ئېگىزلىك ساقچىلىرى ئىشلىتىدىغان ئاپشاركىلارنى سەپلەش بوشلۇقىنى تولدۇرىدۇ.
دېڭىز يۈزىدىن 4700 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش نەق مەيدانىدا، ياش خەلق ساقچىلىرى ئۇ ئۆگەتكەن «تايىنىش نۇقتىسى ئارقىلىق قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش ئۇسۇلى»نى قوللىنىپ، قاپسىلىپ قالغان ئاپتوموبىلنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تارتىپ چىقتى.
«بىز بۇ يەردە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭ روھىنى داۋاملاشتۇرىمىز»، دېدى سەپداشلىرى.
ئالتۇنتاغنىڭ شامىلى ئىلگىرىكىدەكلا ھۇۋۇلدايتتى، ياڭ سۇڭتاۋ ھاياتى ئارقىلىق ئويۇپ چىققان كوردىنات − سادىقلىق، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، تۆھپە قوشۇش بۇ تۇپراقنىڭ تومۇرىغا سىڭىپ كەتكەنىدى. ئېگىزلىكتىكى ئەۋلادمۇئەۋلاد قوغدىغۇچىلار بۇ بىپايان گۈزەل ماكاننى داۋاملىق قوغدايدۇ.