ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك، ئىختىيارىي مۇخبىر يۈەن خەن
6- ئاينىڭ 18- كۈنى، قەشقەر تېخنىك شۆيۈەنى گۇاڭدۇڭ قورۇمىلىرى شۆيۈەنىنىڭ يىپيېڭى ئەمەلىي مەشىق ئاشخانىسىدا، گۇاڭدۇڭ قورۇمىلىرى بىلەن شىنجاڭ قورۇمىلىرىنىڭ پۇرىقى سىڭىشىپ، خۇش ھىدى ئەتراپقا تارىغانىدى، گۇاڭدۇڭدىن كەلگەن گۇاڭدۇڭ قورۇمىلىرى ئۇستىسى لىن گۇاڭخۇي سەۋرچانلىق بىلەن ئوقۇغۇچىسى مەۋلانجان ياسىننىڭ قىيام تەڭشەپ تەييارلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى. يېقىندا ئاياغلاشقان قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 3- نۆۋەتلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى ھەم يېڭى كەسىپ ھالىتى كەسىپ تۈرى ماھارەت مۇسابىقىسىدە، مەۋلانجان گۇاڭدۇڭ قورۇمىسى بىلەن شىنجاڭ قورۇمىسىنىڭ تەمى يۇغۇرۇلغان ئىجادىي قورۇما − فۇگۇي ئانار ئارىلاشتۇرۇلغان توخۇ قورۇمىسى ئارقىلىق بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى.
«گۇاڭدۇڭ قورۇمىلىرىنى تەييارلاشنى ئۆگەنگەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، بىر ھۈنەرنى ئىگىلەپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كىشىلىك ھايات يۆنىلىشىمنى تاپتىم». مەۋلانجاننىڭ كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ تۇراتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئاشخانا ئېچىپ، يۇرتداشلارغا ھەقىقىي گۇاڭدۇڭ قورۇمىلىرىنى تېتىتىپ باققۇم بار.
بۇلتۇر، گۇاڭدۇڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە شىنجاڭدىكى تۇنجى گۇاڭدۇڭ قورۇمىلىرى شۆيۈەنىنى قۇردى ھەم كۆپ قارار كۇرس ئېچىش ۋە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، «گۇاڭدۇڭ قورۇمىلىرى ئۇستىسى» قۇرۇلۇشىنى شىنجاڭغا ماھارەت ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ يارقىن نام كارتىسى قىلىپ بەرپا قىلىپ، كەسپىي بولغان تۈركۈم- تۈركۈم گۇاڭدۇڭ قورۇمىلىرى ئۇستىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.
2023- يىلى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە «ياردەم بېرىش» بىلەن «ھەمكارلىشىش»نى بىرلەشتۈرۈش، «قان بېرىش» بىلەن «قان ئىشلەش»كە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، «قاتتىق ماتېرىيال» بىلەن «يۇمشاق ماتېرىيال»نى ئورتاق قۇرۇش ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، «كەشتە تىكىش ماھارىتى» ئارقىلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايدا جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئاساسىي رېڭىنى كۆڭۈل قويۇپ تەپسىلىي بايان قىلدى. «يېمەكلىك»لەردە گۇاڭدۇڭ قورۇمىلىرىنىڭ خۇش ھىدىنى تارىتىشتىن، «سەپەر»دە مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقىچە، گۇاڭدۇڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە «كىچىك دائىرە» ئارقىلىق «كەڭ دائىرىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى مۇجەسسەملىدى.
پەيزاۋات ناھىيەسىدە، كۈچلۈك سەكرىگەن فوشەن ئويغانغان شىرى، قاتتىقلىق بىلەن يۇمشاقلىق ماسلاشقان يۇڭچۇن گۇمپىسى قاتارلىقلار تاغ- دەريالاردىن ھالقىپ كېلىپ، بۇ جايدا سانسىز «مەستانىلەرنى جەلپ قىلدى». كەسپىي تىرېنېرلار كوللېكتىپى ئۇزاق مۇددەت تۇرۇپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىپ، 100دىن ئارتۇق ئەجدىھا- شىر ئۇسسۇلى ئەترىتىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ «كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھ»ىنى نامايان قىلدى.
«ئەجدىھا- شىر ئۇسسۇلى ئويناش ساغلام بەدەن يېتىلدۈرۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ماڭا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدۇردى». 14 ياشلىق مۇھەممەت ھەزرەتئېلى قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «مەن چوقۇم بۇ ماھارەتكە ۋارىسلىق قىلىمەن».
2024- يىلى، گۇاڭدۇڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە قەشقەر ۋىلايىتى ھەم تۇمشۇق شەھىرىدىكى 107 مەكتەپنىڭ 171 مەيدان يىڭگې ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى، قەغەز قىيما، خەتتاتلىق قاتارلىق ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، 119 مەدەنىيەت كۇرۇژۇكىنى يېڭىدىن قۇردى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ «چوڭقۇر دېڭىز»، «لى شاڭيىن»، «ئۆزگىرىش . كېپىنەك» قاتارلىق ئېسىل نومۇرلىرى قەشقەر ۋىلايىتىدە نۆۋەت بىلەن ئورۇنلاندى، گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن- شىنجاڭ ۋاسكېتبول كاتتا مۇسابىقىسى قاتارلىق ئېسىل مۇسابىقىلەر قىزغىن قانات يايدۇرۇلدى، گۇاڭدۇڭ بىلەن شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى جاي مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتا تېزلىتىش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، ئاممىغا 500 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق نەپ يەتكۈزدى.
قەشقەر شەھىرىدە، «گۇاڭدۇڭدىكى قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى ئوقۇش» شەھەر كۇتۇپخانىسى بىر يارقىن مەدەنىيەت مەنزىرىسىگە ئايلاندى. شىنجاڭدىكى تۇنجى ئاۋازلىق كىتاب ئوقۇش خاسلىقىغا ئىگە كۇتۇپخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يەرگە ئىلغار رەقەملىك كىتاب ئوقۇش ئۈسكۈنىلىرى سەپلىنىپلا قالماي، يەنە قەرەللىك ھالدا داڭلىق شەخسلەر لېكسىيەسى، ئېسىل كىتابلار كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، «كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق گۇاڭدۇڭنى چۈشىنىش»نىڭ داڭقىنى يىراق- يېقىنغا تارقاتتى. بۇ يىل 4- ئايغىچە، كۇتۇپخانا كۈتۈۋالغان ئوقۇرمەن تەخمىنەن 50 مىڭ ئادەم قېتىم بولدى، كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىدىن 39 مەيدان ئۆتكۈزدى. كىتاب ئوقۇش كەيپىياتى ئۈزۈلمەي، ئىككى جاينىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى كۆۋرۈك بەرپا قىلىندى.
لىڭنەن جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى ئوخشاشلا جەنۇبىي شىنجاڭدا يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. گۇاڭدۇڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە «جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى مەدەنىيىتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش»كە تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرلىرىنى تەربىيەلىدى؛ جۇڭيى تېبابىتى ھۆللۈك كېسەللىك ئالامىتى بويىچە دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى قەشقەر خىزمەت پونكىتى قۇرۇپ، ئىلغار پەن تەتقىقات ۋە داۋالاش بايلىقىنى كىرگۈزدى؛ كونىشەھەر ناھىيەسىدە يېزا- بازارلىق دوختۇرخانىلارنىڭ ھەممىسىدە جۇڭيى تېبابىتى ئۆيى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 79 كەنت داۋالاش ئۆيىدە سەرخىل «جۇڭيى تېبابىتى ئۆيى» قۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك جۇڭيى تېبابىتى مۇلازىمىتىنى ھەممە ئائىلىگە كىرگۈزدى. يېزا- كەنتلەردىكى «جۇڭيى تېبابىتى ئۆيى»دىن «دۆلەت دەرىجىلىك» تەجرىبىخانىغىچە، لىڭنەن جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى چېگرا رايوندا پۇختا يىلتىز تارتتى.
گۇاڭدۇڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، گۇاڭدۇڭ بىلەن شىنجاڭ تەڭ ئىلگىرىلەش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى بىلەن شىنجاڭنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى تېزلەتتى، تېخىمۇ مۇھىمى ئالماشتۇرۇش رادىيوسىنى ئۇزارتتى − بېيجىڭ، فۇجيەن لۇڭيەن، شەنشى يەنئەن... ھەممىسىدە قەشقەر ياش- ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئىزدىنىش ئىزلىرى قالدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، گۇاڭدۇڭ- شىنجاڭ توردا تۇتاشتۇرۇش پائالىيىتى 200 مىڭ ياش- ئۆسمۈرنى قاپلىغان بولۇپ، 88 مىڭ ئادەم قېتىم خەت- چەك ئالاقىسى قىلغان.
گۇاڭدۇڭلۇق ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئۇچقۇنىنى چاچتى، گۇاڭدۇڭلۇق دوختۇرلار شىنجاڭدىكى ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدىدى، كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق گۇاڭدۇڭنى چۈشىنىش پائالىيىتى مەدەنىيەت كۈچىنى يەتكۈزدى... گۇاڭدۇڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە ئىنچىكە «كەشتە تىكىش ماھارىتى» بىلەن، «<گۇاڭدۇڭ>نىڭ تاغ- دەريالاردىن ھالقىپ، <شىنجاڭ>غا كېلىش»نىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقتى.