ناخشا- ئۇسسۇللۇق ساياھەت نومۇرى «ئالمىخان سىز نەدە» بەلگىلەنگەن مەيداندا قويۇلىدۇ
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى (شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە، ناخشا- ئۇسسۇللۇق ساياھەت نومۇرى «ئالمىخان سىز نەدە» 6- ئاينىڭ 20- كۈنى ئالمىخان تىياتىرخانىسى (تىيانشان رايونى دېموكراتىيە يولى 239- نومۇر ئەسلىدىكى ئۈرۈمچى تىياتىرخانىسى)دا قويۇلدى ھەمدە بەلگىلەنگەن مەيداندا قويۇلىدىغان نومۇر سۈپىتىدە ھەر كۈنى سائەت 21:00دە سىجىل قويۇلىدىكەن.
«ئالمىخان ئۆيىڭىز نەدە؟ تۇرپاننىڭ غەربىدىكى 360تا...» ناخشا- ئۇسسۇللۇق ساياھەت نومۇرى «ئالمىخان سىز نەدە»نى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەنئەت ئورنى ئىجاد قىلىپ رېپېتىتسىيە قىلغان بولۇپ، بۇ تىياتىردا شىنجاڭنىڭ كىلاسسىك خەلق ناخشىلىرى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان، چۆكۈش شەكلىدىكى سەھنە سەنئىتى ئارقىلىق ئۈرۈمچىنىڭ ئادىمىيەت، ئۆرپ- ئادىتى بىلەن تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايىسى مۇكەممەل يۇغۇرۇلغان.
«ئالمىخان سىز نەدە» 2023- يىلى 4- ئايدا تۇنجى قويۇلغاندىن بۇيان، شەھەر ئاھالىسى ھەم ساياھەتچىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، «ياخشى كۆرۈشكە، ياخشى باھاغا ئېرىشكەن» ئەدەبىيات- سەنئەت نادىر ئەسىرى بولۇپ قالدى.
ئۈرۈمچى تىياتىرخانىسى ھازىر پۈتۈنلەي يېڭىلىنىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ چۆكۈش شەكلىدىكى ئويۇن كۆرۈش تەسىراتىنى ھەر تەرەپلىمە ئۆستۈردى ھەم نامىنى ئالمىخان تىياتىرخانىسىغا ئۆزگەرتىپ، «ئالمىخان سىز نەدە» ناملىق مەخسۇس تىياتىرخانا سۈپىتىدە ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالماقتا.
ئاي نۇرىغا چۆمۈلگەن شەھەرنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى، چوڭ بازاردىكى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن كىشىلەر، تىيانشان تېغىنىڭ ئەگىز سۈيىدە سۇغىرىلغان چىرايلىق گۈللەر... «ئالمىخان سىز نەدە» ناملىق تىياتىرغا ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر مەنزىرىسى ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى جەلپكارلىقى مۇجەسسەملىنىپ، ئۈرۈمچىنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت يارقىن نام كارتىسىنى نامايان قىلىپ، ئاددىي، چىن ھېسسىيات، ئەمەلىي تۇيغۇ ۋە كامالەتكە يەتكەن ناخشا- ئۇسسۇل نومۇرلىرى ئارقىلىق، مول، ئىستېرېئولۇق بولغان ئۈرۈمچى ھېكايىسىنى كىشىلەر قەلبىدە ئورۇن ئالدۇرىدۇ.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، «ئالمىخان سىز نەدە» ناملىق تىياتىر 2024- يىلى 9- ئايدا بېيجىڭ مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى چوڭ تىياتىرخانىسىدا قويۇلۇپ، بېيجىڭ شەھەر ئاھالىسىگە شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ ناخشا- ئۇسسۇل ماكانىنىڭ بەدىئىي جەلپكارلىقىنى نامايان قىلغانىدى، بۇ ھەم ئۈرۈمچى ئەدەبىيات- سەنئەت يۇرتى- ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى سەنئەت نەتىجىسىنى نامايان قىلغانىدى.
نۆۋەتتە، ناخشا- ئۇسسۇللۇق ساياھەت نومۇرى «ئالمىخان سىز نەدە»نىڭ بېلىتى «شيېچېڭ» سۇپىسى، «91 بېلەت ئىشلىرى» قاتارلىق سۇپىلاردا سېتىلىشقا باشلىدى، بېلەت باھاسى ئورۇندۇق ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ 128 يۈەن، 168 يۈەن، 208 يۈەندىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلدى، كۆرۈرمەنلەر مۇناسىۋەتلىك سۇپىلارغا چىقىپ، توردىن بېلەت سېتىۋالسا بولىدۇ. (مۇخبىر ۋاڭ چاڭتۇڭ)