بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە 60 نەچچە مەيدان سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ
11:49:24 2025-06-24 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى مۇخبىر خېي خۇڭۋېينىڭ جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى كاتىبات باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2025- يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا- ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسى 6- ئاينىڭ 26- كۈنىدىن 30- كۈنىگىچە شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. كەسىپ بايلىقىنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئىقتىساد- سودا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىدا ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە 60 نەچچە مەيدان سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن، بۇ، كەسىپلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇش- كېڭىشىش ۋە نەتىجىلەرنى ئېلان قىلىش، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە تونۇشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 ساھە بىرلەشمىسى ۋە كارخانىلار دىققەتنى يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆپ مەيدان سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ، بۇ، جۇڭگو شىنجاڭ − ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى رەقەملىك ئىقتىساد ۋە رەقەملىك سودا كارخانىلىرى سۆھبەت يىغىنى، ئاسىيا- ياۋروپا تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى كەسىپ تەرەققىياتى ئالماشتۇرۇش يىغىنى، ئېكولوگىيەلىك ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ۋە تەكشۈرۈش- ئۆلچەش ئېتىراپ سىستېمىسى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىياتى بويىچە كەسپىي ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، كەسىپلەرنىڭ ئالدىنقى سەپ يۈزلىنىشى ۋە ھەمكارلىق يولى ئۈستىدە چوڭقۇر مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلىدۇ.

 ئىلگىرىكى نۆۋەتتىكىلەرگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە كارخانىلارنى تونۇشتۇرۇش ۋە نەتىجىلەرنى ئېلان قىلىش مەخسۇس رايونى ئالايىتەن تەسىس قىلىنىپ، 20 نەچچە مەيدان يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

 بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە دىققەت ئاچقۇچلۇق ساھەلەر بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى بويىچە سودىگەر چاقىرىش- تونۇشتۇرۇش يىغىنى ھەم شەرقىي- غەربىي قىسىمدىكى ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنىڭ كەسىپ ھەمكارلىقىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتى، 2025- يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا- ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە تونۇشتۇرۇش ھەم نۇقتىلىق تۈرلەردە كېلىشىم ئىمزالاش پائالىيىتى، يېزا ئىگىلىك ماركىلىرىنى مەملىكەت سىرتىدا تەشۋىق قىلىش- تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ۋە يىپەك يولى خەلقئارا ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت كەسپى ھەمكارلىشىش- ئالماشتۇرۇش يىغىنى قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ يادرولۇق كەسىپ ئەۋزەللىكى ۋە ئېچىۋېتىش پۇرسىتى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنىدۇ.

 خەلقئارا ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىشىش- ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى جەھەتتە، بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە 2025- يىللىق (جۇڭگو)ئاسىيا- ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى كارخانىلار ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىشىش- ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ سودا- سانائەت ئاپپاراتلىرى ۋە ساھە بىرلەشمىلىرى كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى تونۇشتۇرۇش، ئۇدۇللاشتۇرۇش- كېڭىشىش، مۇددىئا كېلىشىمى ئىمزالاش قاتارلىق سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ.

 شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ھەم ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر سودىگەر چاقىرىش بويىچە ئون نەچچە مەيدان مۇھىم پائالىيەت ئۆتكۈزىدۇ، بۇ، «بىڭتۇەنگە مەبلەغ سېلىش» ھەم داڭلىق مەھسۇلاتلارنى تۇنجى تارقىتىش بويىچە تونۇشتۇرۇش يىغىنى، ئاسىيا- ياۋروپا سودا جەمئىيەتلىرى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى، پاختا توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى ھەم چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ھەمكارلىقى تەرەققىياتى بويىچە ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلار «يېڭى بولۇشقا قاراپ ئاتلىنىش، بىرلىكتە مەبلەغ سېلىش» «زەنجىردىكى سانجى، يىپەك يولىغا سىڭىشىش» «يىپەك يولىدىكى يېڭى پۇرسەت، ئىلىدىكى كارخانىلارنىڭ كەلگۈسىنى يارىتىش» قاتارلىق باش تېمىلىق تونۇشتۇرۇش يىغىنلىرىغا تايىنىپ، رايون خاس كەسىپلىرىنى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىدۇ ھەم تۈر كېلىشىمى ئىمزالاشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125