يېقىندا، يۈننەن ئۆلكىسى دېخۇڭ دەيزۇ- جىڭپوزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يىڭجياڭ ناھىيەسىدىكى «جۇڭگو كەركىدان قۇش جىلغىسى»دا، بىر قوش مۈڭگۈزلۈك كەركىدان قۇش بالىسى دەرەخ ئۇۋىسىدىن كىچىك بېشىنى چىقاردى.
كۆزىتىپ ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتقا ماسلاشقاندىن كېيىن، قۇش بالىسى تىرىشىپ دەرەخ كامىرىدىن تېنىنى چىقىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇۋىسىدىن ئوڭۇشلۇق چىقتى.
ئىگىلىنىشىچە، 2025- يىلى كەركىدان قۇش بۇ رايوندىكى جەمئىي 28 ئۇۋىغا كىرىپ كۆپەيگەن، بۇ، بۇ يىلقى ئۇۋىسىدىن چىققان تۇنجى كەركىدان قۇش بالىسى ھېسابلىنىدىكەن.
(سۈن مىن، يىن يىخۇ، جۇ بيەنيۇڭ، جيا لېي، خۇ شياۋخۇڭ، جاڭ خەييۈ)