گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇيجوۋ شەھىرىدىكى شىخۇ كۆلىدە سۇ يۈزى جىمىرلاپ تۇرغان بولۇپ، ياپيېشىل دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان قۇش ئارىلى كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆلگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى، ئارالدا ياڭرىغان قۇشلارنىڭ شادلىق ناخشىسى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشاتتى. ئىگىلىنىشىچە، خۇيجوۋ شىخۇ كۆلىدە جەمئىي ئالتە قۇش ئارىلى بار بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 3000 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىكەن، شىخۇ كۆلىدە ماكانلىشىدىغان ئاققۇتان قاتارلىق قۇشلارنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئاشىدىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خۇيجوۋ شەھىرى شىخۇ كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە مۇھىتىنى تۈزەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، سۇ رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى، كۆلدىكى بېلىق تۈرلىرى ۋە سۇ ئۆسۈملۈكلىرى بايلىقى مول بولۇپ، نۇرغۇن قۇش تۈرىنى شىخۇ كۆلىدە ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى.
خۇيجوۋ شىخۇ كۆلىدىن بىر كۆرۈنۈش (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لۇ خەنشىن فوتوسى
خۇيجوۋ شىخۇ كۆلىدىكى قۇشلار ئارىلىدىكى ئاققۇتانلار. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لۇ خەنشىن فوتوسى
خۇيجوۋ شىخۇ كۆلىدىكى قۇشلار ئارىلىغا ماكانلاشقان ئاققۇتان. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لۇ خەنشىن فوتوسى
خۇيجوۋ شىخۇ كۆلىنىڭ كۆل يۈزىدە پەرۋاز قىلىۋاتقان ئاققۇتانلار. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لۇ خەنشىن فوتوسى