ئالدىنقى بەش ئايدا، شىنجاڭنىڭ شەھەر- بازارلىرىدا 266 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى
11:24:17 2025-06-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى مۇخبىر جاۋ چۇنخۇانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى يېتەكچى، يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى نىشان قىلىپ، ساقلانما مىقدارنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاشۇرۇلما مىقدارنى كېڭەيتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، تۆۋەن چەككە كاپالەتلىك قىلىپ، 1- ئايدىن 5- ئايغىچە شەھەر- بازارلاردا 266 مىڭ كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغان.

 بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز تىرىشىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى كۈچەيتتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتتى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئاممىۋى سېلىنما ۋە چوڭ- چوڭ تۈرلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى باھالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولغان تەسىرىنى باھالاش مېخانىزمىنى تۇنجى قېتىم ئورنىتىپ، مۇھىم سىياسەت- يىرىك پىلان تۈزۈش، مۇھىم تۈرلەرنى بېكىتىش، مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئۆستۈردى. نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كەسىپ، شەھەر- يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلاردىكى ئىش ئورنىدا يوشۇرۇن كۈچنى قېزىش، كۆلەمنى كېڭەيتىش، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللاش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايوندىكى 23 تارماقنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، سىياسەت مەدىتىنى زورايتىپ، كۆپ تەرەپتىن يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ ئىش ئورنىنى كۆپەيتتى. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى، ئىش ئورنىنى كېڭەيتىش ياردەم پۇلى، ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى قاتارلىق قوللاش سىياسەتلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈردى.

 تۈرلۈك نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەپ ياخشى تۇتتى. ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسەت مۇلازىمىتى بويىچە «ئالىي مەكتەپلەرگە ئالتىنى كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەر بىرلىشىپ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئەتىياز پەسىللىك خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش مەخسۇس پائالىيىتىنى باشلاپ، يېڭىدىن ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرگە ماس كېلىدىغان ئىش ئورۇنلىرىنى مەركەزلىك توپلاپ ئېلان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭىدىن ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش سىياسىتىنى تەڭشىدى، ئەلالاشتۇردى. يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، «باھاردا دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتىش» مۇلازىمەت ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ، شىنجاڭ بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئەمگەك مۇلازىمىتىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئەمگەك مۇلازىمىتى ماركىسى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى زورايتىپ، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلارغا يار- يۆلەك بولۇشنى ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىش قاتارىغا كىرگۈزۈشكە داۋاملىق تۈرتكە بولدى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئىشسىز قالغان 140 مىڭ كىشىنىڭ، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بار 11 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يار- يۆلەك بولدى.

 كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش رىقابەت كۈچىنى ئاشۇردى. «ماھارەت ئارقىلىق ئىستىقبالنى جۇلالاندۇرۇش» تەربىيەلەش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، «ئىش ئورنى ئېھتىياجى + ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش + ماھارەت باھالاش + ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى»دىن ئىبارەت تۆتنى بىر گەۋدە قىلغان تۈرلەشكەن تەربىيەلەش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، قاراتمىلىق ھالدا ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى چوڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، «مەن تەربىيەلىنىمەن» مۇلازىمەت مەخسۇس رايونىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، يېزا ئەمگەك كۈچلىرى، ئىشسىزلار قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا يۈزلىنىپ قاراتمىلىق تەربىيەلەش ئېلىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «شىنجاڭ ھۈنەرۋەنلىرى» تۈرىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، 2025- يىلى دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسى ۋە ماھارەت ئۇستىلىرى خىزمەت ئىشخانىسى تۈرىنى ئىلتىماس قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا دائىر بىر قاتار سىياسەتلەرنى تەڭشىدى، مۇكەممەللەشتۈردى.

 ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى كۈچەپ تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇردى. «ئون چوڭ كەسىپ توپى» ۋە ھەرقايسى جايلارنىڭ خاس كەسىپلەر تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، تۈرلۈك خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنى زىچ ئۆتكۈزدى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان تور ۋە تور سىرتىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيەتلىرى 2000 مەيدان قېتىمدىن ئاشتى. ئىش ئورنى ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ ئېلان قىلىش، كارخانا مۇلازىمەت مەخسۇس خادىمى مۇلازىمەت قىلىش- باشقۇرۇش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئىش ئورنىنى تۈجۈپىلەپ توپلىدى. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، «ھۆكۈمەت، مەكتەپ، كارخانا» ئۈچ تەرەپ ئورتاق قۇرۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، بۇ يىل مۇلازىمەت پونكىتىدىن 16نى يېڭىدىن كۆپەيتتى. ئىشلەمچىلەر تور مۇلازىمەت سۇپىسى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 13 تايانچ ئىشلەمچىلەر بازىرى بىلەن ماس قەدەمدە بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، تور ۋە تور سىرتىدا ئىستېرېئولاشقان ئىشلەمچىلەر مۇلازىمەت تورىنى بەرپا قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125