«ئۈچ ئاساسىي رەڭ» ئارقىلىق كەسىپلەر باغچە رايونىنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقىش
11:24:02 2025-06-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى كاڭ خاۋيەن

 كەسىپ ئىقتىسادنىڭ ئاساسى، تەرەققىياتنىڭ ئۇلى، كەسىپلەر باغچە رايونى شۇ جاي ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يادرولۇق موتورى. 6- ئاينىڭ 19- كۈنىدىن 23- كۈنىگىچە، «چېگرانى بويلاپ تۈمەن چاقىرىملىق سەپەر قىلىش − ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت پائالىيىتى» جەنۇبىي شىنجاڭ گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا شەھىرى، ئونسۇ ناھىيەسى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردىكى خاس كەسىپلەر باغچە رايونلىرىغا بېرىپ، بۇ باغچە رايونلىرىنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشتىن ئىبارەت «ئۈچ ئاساسىي رەڭ» ئومۇمىي كۆرۈنۈشىدىن پايدىلىنىپ، چېگرا رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات مەنزىرىسىنى قانداق سىزىپ چىققانلىقى توغرىسىدا ئىزدەندى. 

 مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش

 بۇ يىل 4- ئايدا، تارىم ئويمانلىقىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان نېفىت- تەبىئىي گاز زاپىسى 5 مىليارد توننىدىن ئېشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ نېفىت- تەبىئىي گاز چارلاش- ئېچىشتىكى ئاساسلىق ئېشىش رايونى بولۇپ قالدى. تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىگە جايلاشقان كۇچا شەھىرى تەۋەسىدە تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان خام نېفىت زاپىسى 1 مىليارد 422 مىليون توننا، تەبىئىي گاز زاپىسى 309 مىليارد 75 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، بۇ قېتىم تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان زاپاس مىقدار سانلىق مەلۇماتى يېڭىلىنىشتىن ئىلگىرى، كۇچا شەھىرىنىڭ نېفىت- تەبىئىي گاز بايلىق مىقدارى تارىم ئويمانلىقىدىكى ئومۇمىي مىقدارنىڭ %90تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيتتى.

 ئۆزگىچە بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، 2004- يىلى، كۇچا ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ ئاساسى بولغان كۇچا خىمىيە سانائىتى باغچە رايونى تەسىس قىلىندى، 20 نەچچە يىلدا، نەچچە قېتىم دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، ھازىر دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، دۆلەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش سىناق نۇقتا باغچە رايونى بولۇپ قالدى، نۆۋەتتە 378 كارخانا ماكانلاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانا 62. تەرەققىيات ئەندىزىسى «بىر ئاساس، كۆپ خىل» بولۇش بولۇپ، ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى كەسپىنى يېتەكچى قىلىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېڭى تىپتىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ جايدا «بىر تامچە مايدىن بىر تال يىپقىچە» بولغان ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى قاپلاش شەكىللەندى، باغچە رايونى رايوننىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

 «تارىم دەرياسى نېفىت ئايرىش- پىششىقلاش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرماقچى بولغان 8 مىليون 500 مىڭ توننا نېفىت ئايرىش، 800 مىڭ توننا PX (پارا دىمېتىل بېنزول خىمىيە سانائىتى) ۋە 800 مىڭ توننا ئېتىلېن تۈرىنى چۆرىدەپ، بۇ يىل باغچە رايونى يەنە كەسىپ زەنجىرىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى بىر قاتار نۇقتىلىق تۈرلەرنى قاراتمىلىق كىرگۈزدى.» كۇچا ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى گوچى باغچە رايونىنىڭ بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرىتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى ئەڭ كەڭ بولغان ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى كەسىپلەر رايونىدا، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتىنىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى بىردىنبىر نېفىت ئايرىش كارخانىسى − جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى تارىم دەرياسى نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ، ئەتراپىدا كەسىپلەرنى يۈرۈشلەشتۈرىدىغان، ئۇزارتىدىغان كارخانا قاتارلىقلاردىن 35ى بار بولۇپ، ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتىلا 35 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ، بۇ، كۇچا ھەتتا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ سانائەت ئىقتىسادىغا تىرەك بولىدىغان يېتەكچى كەسىپ.

 مەيلى ناھىيە تەۋەسىدىكى يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق ئەۋزەللىكى ۋە خاس باغ- ئورمان بايلىقىغا تايىنىپ، دىققەتنى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش، زامانىۋىلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرگەن ئونسۇ دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا باغچە رايونى بولسۇن، ياكى يىللىق ئوتتۇرىچە كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 2800 سائەت بولۇش، ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئارىلىقى يېقىن بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكلەردىن پايدىلىنىپ، كۆلەملىك، تۈجۈپىلىك تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ئۇچتۇرپان ناھىيەسى 3 مىليون كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت كەسىپلەر باغچە رايونى بولسۇن، ھەممىلا جايدىكى قىسقىچە كۆرۈنۈشتە، ھەرقايسى جايلارنىڭ مەۋقەنى ئۆز بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرگەنلىكىدەك ئېنىق تەرەققىيات يولىنى كۆرۈۋالغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىجادىي تەرەققىيات يولىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ.

 پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ، «ئەقلىي ئىقتىدارلىق» ياسىمىچىلىق ئىنقىلابىغا تۈرتكە بولۇش

 كۇچا لىخۇا توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ 57 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق 4- نومۇرلۇق ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرگەندە، 100دىن ئارتۇق ماشىنا ئارىسىدا توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرىنىڭ سىيماسىنى ئاندا- ساندا كۆرگىلى بولاتتى، ھەممىلا جايدا 5G تورى تۇتاشتۇرۇلغان بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ماشىنا ۋە ئۇچۇرلاشقان نازارەت قىلىش- تىزگىنلەش ئېكرانىنى كۆرگىلى بولاتتى. شىنجاڭدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى 5G تورى تولۇق تۇتاشتۇرۇلغان 25 زاۋۇتنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ جايدىكى ئىشلەپچىقىرىش مەنزىرىسى «ئەقلىي ئىقتىدارلىق» ياسىمىچىلىق ئىنقىلابىنىڭ كونكرېت نامايەندىسى.

 «ئىلگىرى ھەربىر ماشىنىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئادەم كۈچى بىلەن كۆچۈرۈپ خاتىرىلەپ، ئاندىن كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈپ ئىستاتىستىكا قىلىشقا توغرا كېلەتتى، ھازىر باشقۇرغۇچى خادىملار يان تېلېفون تېرمىنالىدىن بارلىق ماشىنىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئەھۋالىنى ئەمەلىي ۋاقىتتا كۆزىتىپ ئۆلچىيەلەيدىغان بولدى.» بۇ شىركەت ئۇچۇر بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى 5G تورى تۇتاشتۇرۇش بىلەن تولۇق قاپلاش ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى كۆرسەتتى: سېنزور سېخنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ۋە نەملىكىنى ئەمەلىي ۋاقىتتا كۆزىتىپ ئۆلچەپ تۇرىدۇ، نورمالسىزلىق كۆرۈلسىلا دەرھال ئورۇن بەلگىلەيدۇ ھەم سىگنال بېرىدۇ؛ 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۇرچۇقلۇق يىپ يۆگەش ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىكى ھەربىر يىپ يۆگەش ئۇرچۇقىدىكى سېنزور چىقارغان يىپ ئۈزۈلۈش ئەسكەرتمىسىگە ئاساسەن، بىرىنچى ۋاقىتتا يېتىپ بارىدۇ ھەم ئاپتوماتىك يىپ ئۇلاشنى تاماملايدۇ؛ ئۇچۇرلاشقان نازارەت قىلىش- تىزگىنلەش سۇپىسى ماشىنىدىكى كاشىلىلارنى ئەمەلىي ۋاقىتتا كۆزىتىپ ئۆلچەپلا قالماي، يەنە ھەربىر ماشىنىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەھلىل قىلىپ، ئۈسكۈنىلەرنى ۋاقتىدا رېمونت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

 پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى ئونسۇ دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا باغچە رايونىدا ھەممىلا جايدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ جايدا يېتىلدۈرۈلگەن ئاقسۇ چۇنشېڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئاپتونوم رايون بويىچە ساڭخۇاڭ يەككە مەھسۇلاتىنى كۆلەملەشتۈرۈش بويىچە تۇنجى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا ئايلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە تېخنىكا تەركىبى يۇقىرى تېرىقچىلىقتىكى بوشلۇقنى تولدۇردى؛ پائال تۈردە كىرگۈزۈلگەن شىنجاڭ دېفېيلو ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق چەكلىك شىركىتى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاللاش تېخنىكىسى باغ- ئورمان پىششىقلاش كارخانىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ۋە بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى؛ شىنجاڭ جىنفېڭيۈەن ئۇرۇقچىلىق چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ئاچقان ۋە يېتىشتۈرگەن ئەلا سۈپەتلىك كېۋەز ئۇرۇقلۇقى ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە سېتىلدى. «باغچە رايونى زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، كارخانىلارنىڭ كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.» بۇ باغچە رايونىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى جاڭ يى مۇنداق بىلدۈردى: نۆۋەتتە باغچە رايونىدا ئاكادېمىكلار خىزمەت پونكىتىدىن ئۈچى تەسىس قىلىنىپ، مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇلۇپ دۆلەت ئىچىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشقا جانلىق كىرگۈزۈلۈپ، ھەر يىلى يېڭىدىن كۆپەيگەن پەن- تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلار پەلەمپەيسىمان يېتىلدۈرۈلمەكتە.

 2009- يىلى باغچە رايونى قۇرۇلغاندا، پەقەت ئاز ساندىكى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاش كارخانىلىرى بار ئىدى، 2024- يىلىغا كەلگەندە، ئونسۇ دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا باغچە رايونى زامانىۋى ئۇرۇقچىلىق كەسپى، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى، ئاشلىق- ياغ ئىشلەپچىقىرىش، مېۋە- چېۋە پىششىقلاش، بىيولوگىيەلىك ئوغۇت ياساش، جابدۇق ياساش، سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق كۆپ خىللاشقان كەسىپ ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى، باغچە رايونى 2024- يىلى ئىشقا ئاشۇرغان ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 8 مىليارد 196 مىليون يۈەن بولۇپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %9.27 بولدى. ھازىرغىچە، باغچە رايونىغا ماكانلاشقان 164 كارخانا ئىچىدە، كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىدىن 16سى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىدىن توققۇزى، «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە» كارخانىدىن ئۈچى، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى كارخانا، پەن- تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىدىن 30دىن ئارتۇقى بار بولۇپ، رايون يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشتى.

 يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇپ، چېگرا رايون قىياپىتىنى يېڭىلاش

 ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقيار يورۇقلۇق ۋولت كەسىپلەر باغچە رايونىدا، چەكسىز كەتكەن چۆللۈكتە نەچچە كىلومېتىر سوزۇلغان يورۇقلۇق ۋولت تاختىسى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نۇر چېچىپ تۇراتتى. گۇاڭدۇڭ سۇ ئېلېكتىر ئۇچتۇرپان يورۇقلۇق ۋولت 1- ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ دىجورنى باشلىقى فېڭ جىئاڭ دىجورنى خەن مىڭنى باشلاپ، كۈندىلىك ئادەت بويىچە ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلىرىنى چارلاپ تەكشۈرۈپ خاتىرىلىدى. بۇ جاي ئۇچتۇرپان ناھىيەسى گۇاڭدۇڭ سۇ ئېلېكتىر يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى 2022- يىلى 9- ئايدا مەبلەغ سېلىپ قۇرغان گۇاڭدۇڭ سۇ ئېلېكتىر ئۇچتۇرپان 1- قارارلىق 100 مېگاۋاتلىق يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىنى زاپاس ساقلاپ توك تارقىتىش تۈرى (يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن 15 مېگاۋات/45 مېگاۋات سائەت ئېنېرگىيە زاپاس ساقلاش) بولۇپ، بۇ تۈردە 2023- يىلى 5- ئايدا تورغا ئۇلىنىپ توك تارقىتىلدى، ھەر يىلى نەزەرىيە جەھەتتىن ئېلېكتىر تورىنى 189 مىليون كىلوۋات سائەت پاكىز ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ، بۇ، 236 مىڭ 500 ئادەتتىكى ئائىلىنىڭ بىر يىللىق توك ئىشلىتىش مىقدارىغا باراۋەر.

 «يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا تۆمۈر فوسفات لىتىيلىق باتارېيە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ھەجمى كىچىك، سىغىمى چوڭ، بىخەتەر، مۇقىملىقى يۇقىرى.» فېڭ جىئاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىشنىڭ يۇقىرى پەللە ئالاھىدىلىكى ھەمدە شۇ جاينىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئىستېمال قىلىش ۋە سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراش مەلۇم دەرىجىدە يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن ۋاز كېچىش ۋە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىدىن ۋاز كېچىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا يۈرۈشلەشكەن ئېنېرگىيە ساقلاش سىستېمىسى ئېلېكتىر تورىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئېلېكتىر تورىنىڭ يۇقىرى پەللە ۋە چاستوتىنى تەڭشىشىگە تىرەك بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. بۇ يىل 6- ئاينىڭ 22- كۈنىگىچە، گۇاڭدۇڭ سۇ ئېلېكتىر ئۇچتۇرپان يورۇقلۇق ۋولت 1- ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئېلېكتىر تورىنى 240 مىليون كىلوۋات سائەت پاكىز ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، 73 مىڭ 700 توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى تېجەپ، 189 مىڭ 900 توننا كاربون تۆت ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەرگەنگە باراۋەر.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاقيار يورۇقلۇق ۋولت كەسىپلەر باغچە رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى، نۆۋەتتە باغچە رايونىغا جۇڭگو خۇانېڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، شىنخۇا سۇ ئېلېكتىر مەبلەغ سېلىش پاي چەكلىك شىركىتى، گۇاڭدۇڭ يۆشۈيديەن قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو ئېنېرگىيە تېجەش- مۇھىت قوغداش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلار ماكانلاشتى، پۈتۈن ناھىيەنىڭ يورۇقلۇق ۋولت ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 1 مىليون 865 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، 2024- يىلى ئىشقا ئاشۇرۇلغان يىللىق توك چىقىرىش مىقدارى تەخمىنەن 2 مىليارد 675 مىليون كىلوۋات سائەت بولدى.

 «كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش تېخنىكىسى» دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تۈرى كۇچا ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا ماكانلاشتى؛ شىنخۇا ئۇچتۇرپان 500 مىڭ كىلوۋات/ 2 مىليون كىلوۋات سائەت تور تەشكىللەش تىپىدىكى ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرى ئاقيار يورۇقلۇق ۋولت كەسىپلەر باغچە رايونىدا تېز سۈرئەتتە ئالغا سىلجىتىلدى... شىنجاڭ «شامال ۋە قۇياش نۇرىنى قوغلىشىش» قەدىمىنى تېزلەتتى، كەسىپلەر باغچە رايونلىرى قەد كۆتۈردى، بۇ، چېگرا رايوننىڭ ئىقتىساد ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى رايوننىڭ ئومۇمىي يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك پىشاڭ بولۇپ قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125