كۆرگەزمە پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىيات بوشلۇقىنى ئورتاق كېڭەيتىش
11:26:59 2025-06-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن

 6- ئاينىڭ 26- كۈنىدىن 30- كۈنىگىچە، 2025- يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا- ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. تۆت نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن ئاساستا، بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان تېخىمۇ كۆپ سودىگەرنى جەلپ قىلغان بولۇپ، كۆلىمى ئۆتكەن ھەر نۆۋەتتىكىدىن ئەڭ چوڭ.

 كۆرگەزمە- يەرمەنكە ئىقتىسادشۇناسلىقىدىكى داڭلىق «كۆپەيتكۈچى تەسىرى 9 : 1» شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ئەگەر كۆرگەزمە كەسپىنىڭ بىۋاسىتە كىرىمى 1 بولسا، ئۇنىڭ قاتناش، ساياھەت، يېمەك- ئىچمەك قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلەرگە تۈرتكە بولىدىغان كىرىم 9غا يېتىدۇ.

 جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ قوشماق كۆرگەزمىسى بولغان تاۋار سودا كۆرگەزمىسى دەل مۇشۇنداق كۈچلۈك ئىقتىساد موتورى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭنى نامايان قىلىدىغان، شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىدىغان مۇھىم كۆزنەك بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ھەرقايسى جايلارنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشىغا، كارخانىلارنىڭ بازار ئېچىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاچقۇچلۇق سۇپا بولۇپ، شىنجاڭنىڭ كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچلۈك يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولماقتا.

 كۆرگەزمە ئارقىلىق كۈچنى مۇجەسسەملەش: كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ يېڭى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش

 تاۋار سودا كۆرگەزمىسى كۈچلۈك بايلىق، ئۇچۇر ۋە كىشىلىك ئالاقىنى بىرىكتۈرۈش ئىقتىدارى ئارقىلىق تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان «ماگنىت تەسىرى»نى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ماھارەت كۆرسىتىش مەيدانىغا ئايلاندى.

 6- ئاينىڭ 22- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى رايون، ناھىيە تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈۋاتاتتى. بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى «يېڭى نىشانغا قاراپ ئاتلىنىش، بىرلىكتە مەبلەغ سېلىش» تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ، ھەرقايسى رايون، ناھىيەنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى سەھنىگە چىقىپ نۇتۇق سۆزلەپ، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە بايلىق ئۈستۈنلۈكىنى تونۇشتۇرۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنى سەمىمىي تەكلىپ قىلىدۇ.

 ئۆتكەن ھەر نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىلىرىدىكى مول نەتىجىلەر ئۇنىڭ سۇپا قىممىتىنى ئىسپاتلاپ بەردى، ئالدىنقى تۆت نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە كېلىشىم ئىمزالاش سوممىسى جەمئىي 1 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى، 2023- يىلىلا 360 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىنىپ، ئومۇمىي سوممىسى 521 مىليارد 37 مىليون يۈەنگە يېتىپ، شىنجاڭنىڭ كەسىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

 قومۇل شەھىرى 2023- يىللىق تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە كىرگۈزگەن شىنجاڭ خۇينېڭ كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش تۈرىگە جەمئىي 8 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، نۆۋەتتە توپا قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇل قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك پۈتتى، پات ئارىدا يادرولۇق ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش باسقۇچىغا كىرىدۇ. بۇ تۈر پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، قومۇلنىڭ ماي تەركىبى مول تۆۋەن دەرىجىلىك كۆمۈرنى سۈپەتكە، دەرىجىگە ئايرىپ پايدىلىنىش كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

 تۇرپان شەھىرىنىڭ 2023- يىللىق تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە ئىمزالىغان كېلىشىم سوممىسى 51 مىليارد 718 مىليون يۈەنگە يەتتى. «كېلىشىم ئىمزالانغان تۈرلەر جايىدا ئەمەلىيلەشكەندىن كېيىن، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشتە ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۇرپاننىڭ كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى كۈچلۈك موتورىغا ئايلاندى» دېدى تۇرپان شەھەرلىك سودا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى باۋ ئەيخۇا.

 يېڭىدىن قۇرۇلغان خېيشەن كان رايونىنىڭ يېڭى تىپتىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىرانسپورت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تۈرى دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى بىلەن توقسۇن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2023- يىللىق تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە كېلىشىم ئىمزالىغان نۇقتىلىق تۈر. ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، خېيشەن كۆمۈر كېنىنىڭ دەرىجىسى 2024- يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كان دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈلدى.

 بۈگۈنكى كۈندە، بۇ كۆمۈر كان شوپۇرسىز كان ئاپتوموبىلىدىن 106نى كىرگۈزدى. ئىشلەپچىقىرىش نەق مەيدانىدا، شوپۇرسىز كان ئاپتوموبىلى بىلەن ئادەملىك كان ئاپتوموبىلى ئارىلاشما مەشغۇلات قىلىدىغان بولدى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشماقتا.

 كۆرگەزمە ئارقىلىق يولنى راۋانلاشتۇرۇش: دۇنياۋى بازارغا يېڭى يول تۇتاشتۇرۇش

 تاۋار سودا كۆرگەزمىسى كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلىش، يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلىش، بازارنى چوڭقۇر تونۇش، ھەمكارلىق ئورنىتىشىدىكى ئالتۇن سۇپا. شىنجاڭ كارخانىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلانما بازارنى ئېچىشنىڭ مۇھىم تىرەك نۇقتىسى.

 يېڭىلىق يارىتىش لايىھەسى ئارقىلىق بازار قولغا كەلتۈرۈلدى. تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ «سادىق مەستانە»سى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ شىيۈ شېنيوۋ مەدەنىيەت- سەنئەت چەكلىك شىركىتى تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو ساياھەت تاۋارلىرى مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەشتە سومكىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ بازىرىنى ئىگىلىدى. بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ گوسۇينىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە نان مەدەنىيىتى يۇغۇرۇلغان ئىجادىي يېڭى مەھسۇلات − «يۈك- تاق، ناننى يۈدۈپ ساياھەتكە چىقىش» مودا سومكىسى بىلەن «ئانام ئەمدى قورسىقىمنىڭ ئاچ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدى» كۆپ ئىقتىدارلىق بويۇن ياستۇقى ۋە بەل ياستۇقىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، مەدەنىيەت- ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ قويۇق «قايناق كەيپىيات»نى ئۇرغۇتىدىكەن.

 تاۋار سودا كۆرگەزمىسى شىنجاڭ ياسىمىچىلىقىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولدى. شىنجاڭ شىئېردەن يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى تاۋار سودا كۆرگەزمىسى سەھنىسى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ كوزىر مەھسۇلاتى بولغان شۆليەن لازا قەلەمچىسى قىيامى، چاۋمىفېن لازا قىيامىنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا ساتىدۇ. «بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە، بىز شىنجاڭ گۇيرۇ لەڭمىنى لازا قىيامىدىن ئىبارەت يېڭى مەھسۇلاتىمىزنى كۆرگەزمە قىلىمىز، نەق مەيداندا ھەقسىز تېتىپ بېقىشقا بولىدۇ.» بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى چېڭ خۇا يېڭى مەھسۇلاتنىڭ داۋاملىق ئالقىشقا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 شىنجاڭ تىيانشان لىفىت ياساش چەكلىك شىركىتى ئۇدا ئون نەچچە يىل جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى، تاۋار سودا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ، كۆرگەزمە ئارقىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە ساتتى، مەھسۇلاتى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ سېتىۋېلىش تىزىملىكىدىكى «داڭلىق مەھسۇلات»قا ئايلاندى.

 ھۆكۈمەت سەھنە ھازىرلاپ، كارخانىلار ماھارەت كۆرسىتىپ، خەلقئارا بازار بوشلۇقىنى ئورتاق ئاچتى. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى «شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ تاشقى سودا ئالماشتۇرۇش، تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى»نى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىدى، بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە تاشقى سودا، خىمىيە سانائىتى، يېزا ئىگىلىك ئەشيالىرى- ماشىنىلىرى، كېۋەز ئۇرۇقىنى پىششىقلاش، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش قاتارلىق ساھەلەردىكى 40 نەچچە كارخانىنى تەشكىللەپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتتىكى سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەر بىلەن دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرىدۇ. بايىنغولىن ئوبلاستىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ساپ تېرېفتالىك كىسلاتا، ئەلا سۈپەتلىك كېۋەز ئۇرۇقى، شوخلا قىيامى، لازا قىيامى قاتارلىقلار مەملىكەت سىرتىغا سېتىلىپ، ياۋروپا، ئامېرىكا، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بازارلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. بايىنغولىن ئوبلاستى بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدىن پايدىلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بازارلىرىنى چوڭقۇر ئاچىدۇ ۋە كېڭەيتىدۇ.

 كۆرگەزمە ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى گۈللەندۈرۈش: ئىستېمالنىڭ ئېشىشىدىكى يېڭى قىزىق نۇقتىنى قوزغىتىش

 كۆرگەزمە ياخشى ئۆتكۈزۈلۈپ، شەھەرگە ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى.

 تاۋار سودا كۆرگەزمىسى ئەسلىدىنلا پۈتۈن دۇنيادىكى سودىگەرلەر يىغىلىدىغان بىر مەيدان كاتتا مەرىكە. بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسى 2000دىن ئارتۇق كارخانىنى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سودىگەرلەر شىنجاڭغا يىغىلىپ، مەدەنىيەت- ساياھەت ئىستېمالىغا كۆرۈنەرلىك تۈرتكە بولدى.

 6- ئاينىڭ 22- كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزى ئەتراپىدىكى مېھمانسارايلارنى زىيارەت قىلىپ، مېھمانسارايلارنىڭ يېرىم ئاي بۇرۇنلا زاكاز قىلىنىپ بولۇنغانلىقىنى بايقىدى. «كۆرگەزمە- يەرمەنكە ئىقتىسادىنىڭ سىفون ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى سودىگەرلەرنىڭ شىنجاڭغا جەم بولۇشى مەدەنىيەت- ساياھەت ئىستېمالىنى قوزغىتىشقا بىۋاسىتە تۈرتكە بولىدۇ.» شىنجاڭ تەتقىقات- ئۆگىنىش ساياھىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى چېن يۈنلياڭ مۇنداق مۆلچەرلىدى: تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدىن كېيىن زور تۈركۈمدىكى سودىگەرلەر ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولىدۇ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ.

 سۇ بويىدىكى راۋاققا ئاي شولىسى بالدۇر چۈشىدۇ، بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسى نەچچە ئون مەدەنىيەت- ساياھەت كارخانىسىنى كۆرگەزمە جەريانىدا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشقا جەلپ قىلدى. «7- ئاينىڭ 1- كۈنى، شىركىتىمىزنىڭ 1- قارارلىق تۈرى بولغان غۇلجا، نارات، كورلىدىكى ئۈچ چوڭ مېھمانساراي توپى ماس قەدەمدە تىجارەت باشلايدۇ، مەخسۇس ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش مۇلازىمىتى ھەم ئېسىل ساياھەت لىنىيەلىرىمۇ ئومۇميۈزلۈك ئېچىلىدۇ.» شىنجاڭ خۇامېي شېڭدى ساياھەت چەكلىك شىركىتى بىرلەشمە ماركېتىڭ مەركىزىنىڭ داڭلىق ماركا دىرېكتورى يۈ جيارۇي مۇنداق بىلدۈردى: تاۋار سودا كۆرگەزمىسى خۇامېي شېڭدى ساياھەت چەكلىك شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەدەنىيەت- ساياھەت سېپىنى تولۇق نامايان قىلىشى خېرىدارلارنى دەل جايىدا جەلپ قىلىشىدىكى ئەڭ ياخشى سۇپا.

 تاۋار سودا كۆرگەزمىسى ئارقىلىق ئىستېمالغا نەزەر سالغاندا، بۇ كۆرگەزمە «يېمەك- ئىچمەك، قونالغۇ، قاتناش، ساياھەت، كۆڭۈل ئېچىش»قا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە «مال سېتىۋېلىش»قا كۈچلۈك تۈرتكە بولىدۇ. ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆرگەزمىدە خەلقئارادىكى ياخشى مەھسۇلاتلار كۆزنى قاماشتۇرىدۇ، «بىر پونكىت شەكلىدە پۈتۈن دۇنيادىكى ماللارنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ.» «رۇسىيەنىڭ شاكىلاتى، قىرغىزىستاننىڭ ھەسىلى، قازاقىستاننىڭ ئۇنى...» ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ۋۇ شۇخۇا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە نەچچە ئون خىل خەلقئارالىق ياخشى مەھسۇلاتنى سېتىۋالغانىدىم.

 چىلان، ياڭاق، قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىقلار شىنجاڭ سىرتىدىكى ئىستېمالچىلار يىل بويى توردىن سېتىۋالىدىغان مەھسۇلاتلار. كۆرگەزمىگە كەلگەن نۇرغۇن سودىگەر كۆرگەزمىدە شىنجاڭ ياخشى مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە سېتىۋېلىپ ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ، ئۇرۇق- تۇغقان، دوستلىرىغا سوۋغا قىلىدۇ. بۇ يىل، شىنجاڭ شۇنفېڭ تېز يەتكۈزۈش چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ يۈەنتۇڭ تېز يەتكۈزۈش چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلارمۇ كۆرگەزمىگە تولۇق قاتنىشىپ، «كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى تاۋار بۇيۇملىرىغا ئايلاندۇرۇش»نى يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇلغان تېز يەتكۈزۈش كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

 ئاسىيا- ياۋروپا ھەمكارلىقى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىش، يىپەك يولىنىڭ گۈللىنىشىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسى مۇقەررەر ھالدا شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق، تېخىمۇ كەڭ ساھەلىك خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان، دۇنياۋى بازارنى كېڭەيتىدىغان، مەدەنىيەت- ساياھەت ئىستېمالىنى قوزغىتىدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان ئىستراتېگىيەلىك يېڭى موتورغا ئايلىنىدۇ.

 تاۋار سودا كۆرگەزمىسى شىنجاڭغا گۈللەنگەن كەلگۈسىگە تۇتىشىدىغان ئالتۇن ئۇرۇق چاچتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125