دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك نىشان- ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ) 6- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر، چياۋمىنلار ئىشلىرى، گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردە ئالدىنقى يېرىم يىللىق خىزمەتلەرنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا كۈچەپ، تۈرلۈك نىشان- ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرگە ئالاقىدار ئەرزىيەت، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش، نەپىقە بېرىش، غەمخورلۇق قىلىش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش- ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم كۈچ. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، چىن ھېسسىيات، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق ئارقىلىق ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر خىزمىتىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك قوللاش سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنى قوزغىتىش كېرەك. دىققەتنى ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداپ، تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئىزلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرنى ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك. مۇنەۋۋەر ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، كۆيۈنىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك. «1- ئاۋغۇست» ئارمىيە بايرىمىلىق ھال سوراش پائالىيەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، قانات يايدۇرۇپ، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش، ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش، خەلقنى سۆيۈشتىن ئىبارەت شەرەپلىك ئەنئەنىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز ئالدىنقى يېرىم يىللىق چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق چياۋمىنلار بىرلەشمىسىنىڭ چياۋمىن قېرىنداشلار بايلىقى، كۈچىنى پائال قوزغىتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا كۈچ قوشۇش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتى مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، چياۋمىن قېرىنداشلار بىلەن ئالاقىلىشىش، چياۋمىنلارنىڭ قەلبىنى مۇجەسسەملەش، چياۋمىنلار كۈچىنى توپلاش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. دىققەتنى مەملىكەت سىرتىدىكى خۇارېنلار جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىدىكى چياۋمىنلار رەھبەرلىرى، كارخانىچىلار، تاراتقۇ زاتلىرى، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالاقىلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىشىش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. چياۋمىنلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى خىزمەتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك. چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شىنجاڭغا بولغان چۈشىنىشى ۋە تونۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالىنى ئاڭلاپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسىنى ئىگىلىدى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى بېيشەن بائۇكسىت كېنى، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى كۆك جىلغا ئالتۇن كېنى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى سىنلىق ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتىدىكى ئاساسىي ھۇجۇم رايونى، ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە ئىدارىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار گېئولوگىيەلىك كان ئىزدەشتىكى ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۇرسەتنى ئىگىلەپ، تۈرلۈك چارە- تەدبىرلەر ئارقىلىق چوڭ كان، ياخشى كان، جىددىي ئېھتىياجلىق كاننى ئىزدەپ تېپىشى كېرەك. پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، «AI + قېزىلما بايلىقنى ئالدىن مۆلچەرلەش» سىستېمىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كان ئىزدەشنىڭ دەللىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. يېشىل چارلاپ تەكشۈرۈش ۋە يېشىل كان قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك كان ئىزدەشكە تىرەك بولۇشى كېرەك.
مۇقىيات جارمۇقامەت بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.