جېجياڭنىڭ «قوش مەرۋايىت»ى ئاقسۇنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت نام كارتىسىنى جۇلالاندۇردى
11:27:03 2025-06-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ چېنخۇي

 «كۈسەن تار كوچىسىنى بىر ئايلىنىپ چىقتۇق، فېڭ چىيۇڭ ئەپەندىنىڭ قەلىمىدە تەسۋىرلەنگەن <ئۆمرۈمدە سانسىزلىغان تاغ- دەريالارنى كۆردۈم، ئەمما ھېچقايسىسى كۈسەندىكى بىر پارچە بۇلۇتقا يەتمەيدۇ> دېگەن مىسرالاردا كۈسەن قەدىمىي جايى كۇچاغا ناھايىتى جايىدا باھا بېرىلىپتۇ. بۇ ئانچە ئۇزۇن بولمىغان تار كوچىدا، ئارزۇدىكىدەك جاينى كۆرگىلى بولىدىكەن». بۇ، 6- ئاينىڭ 15- كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭبو شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى دېڭ يىڭنىڭ كۇچا شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىدا سەيلە قىلغاندا دېگەن ھاياجانلىق سۆزلىرى.

 دېڭ يىڭ بۇ ئىككى يىلدا كۇچا شەھىرىدە قۇرۇلغان كۈسەن تار كوچىسى، كۈسەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئاۋات مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ جېجياڭ نىڭبو بىلەن قويۇق ئالاقىسى بارلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. كۈسەن تار كوچىسىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئىلگىرى يول يۈزى ئوڭغۇل- دوڭغۇل، مۇھىت- تازىلىق شارائىتى ناچار بولۇپ، ھەتتا بەزى يەرلىك ئاھالىلەرمۇ تۇرۇشنى خالىمايدىغان كوچا ئىدى، ساقساق كوچا باشقارمىسىدىكى كادىرلارنىڭ ئاھالىلەرنى يېتەكلەپ ئۆزگەرتىشى ھەمدە نىڭبو شەھىرى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ جېجياڭ مەدەنىيەت- ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش «قوش مەرۋايىت» پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، «مىڭ، ئون مىڭ قۇرۇلۇشى ئاقسۇدا» مەخسۇس ھەرىكىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى نەتىجىسىدە بۇ جاي ساياھەتچىلەرنىڭ داكا نۇقتىسىغا ئايلاندى.

 تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ ئالغا سىلجىتقان جېجياڭ مەدەنىيەت- ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش «قوش مەرۋايىت» پىلانىدا، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت بايلىق ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق قېزىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ تۆمۈر دۇنيا تەبىئەت مىراسى ۋە كۈسەن دۇنيا مەدەنىيەت مىراسىدىن ئىبارەت ئىككى نۇرلۇق مەرۋايىت بەلبېغىنى بەرپا قىلىش ھەم نۇقتىلىق تۈرلەرنى يېتەكچى قىلىپ كۆپلىگەن مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى ۋە ساياھەت يوللىرىنى بەرپا قىلىش، تۇتاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. 

 كۈسەن تار كوچىسىدا چايخانا ئاچقان ئابدۇقادىر مەمتىمىن مۇنداق دېدى: تار كوچىدىكى ئاھالىلەر پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە، ياخشى كادىرلارغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ، شۇنداقلا نىڭبونىڭ شىنجاڭغا بەرگەن ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، «كوچىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئاران 1200 مېتىرلا كەلسىمۇ، لېكىن يول تۇرۇبا تورىدىن ئۆيلەرنىڭ تام، ئىشىك- دېرىزىلىرىگىچە پۇل خەجلەپ رېمونت قىلىشقا تېگىشلىك جايلار بەك كۆپ! كۇچا شەھىرى بىلەن نىڭبو شەھىرىدىن ئىبارەت ئىككى جايدىكى ھۆكۈمەت بىزگە ياردەم بېرىپ، بىزنى بۇ يەردە تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش، سودا قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى».

 جېجياڭ مەدەنىيەت- ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش «قوش مەرۋايىت» پىلانىنىڭ تۈرتكىسىدە، كۈسەن تار كوچىسى تەرەققىي قىلىپ كۈسەن مەدەنىيىتى، خاس يېمەك- ئىچمەك، مىللىي كىيىم- كېچەك، ناخشا- ئۇسسۇل نومۇرى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى، ئادىمىيەت مەنزىرىسى قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان مەدەنىيەت- ساياھەت تەرەققىيات ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىگە ئايلىنىپ، بىر تار كوچىدىن 33 خىل كەسىپ ھالىتى بار كوچىغىچە بولغان قالتىس ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، تۈر يولغا قويۇلغاندىن بۇيان يەنە 1 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى جەلپ قىلىپ، 70 مىليون يۈەن سېلىنمىغا تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مەدەنىيەت- ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى نامايان قىلىدىغان جانلىق مىسالغا ئايلاندى. بۇ يىل باھار بايرىمىدا ئېچىۋېتىلگەن كۈسەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسى، يېقىندا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن مايتاغ- كۇچا (كان كەنتى) ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىقلارنىڭ جەمئىيەت ئۈنۈمى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمىمۇ دەرھال نامايان بەردى.

 نىڭبو شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى كۇچا شەھىرىدە يولغا قويغان بىر قاتار مەدەنىيەت- ساياھەت تۈرلىرى جېجياڭ مەدەنىيەت- ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش «قوش مەرۋايىت» پىلانى نەتىجىلىرىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.

 جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى تەشۋىقات- مەدەنىيەت (ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر) گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فېڭ رېنفاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: جېجياڭ مەدەنىيەت- ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش «قوش مەرۋايىت» پىلانى 2023- يىلى قوزغىتىلغاندىن بۇيان، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ بىر تۈركۈم مەدەنىيەت- ساياھەت نام كارتىسىنى بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشتى.

 بۇ پىلاننىڭ ياردىمىدە، ئونسۇ ناھىيەسى تەۋەسىدىكى تىيانشان تېغى تۆمۈر مەنزىرە رايونىدا بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تۇنجى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى بىر ئالتۇن نام كارتىسىغا ئايلىنىپ، ساياھەتچىلەرنى سۈپىتى بارغانسېرى ئۆسۈۋاتقان ساياھەت تەسىراتى بىلەن تەمىنلىدى؛ توقسۇ ناھىيەسى ئىچئېرىق بازىرى جاي كەنتىگە جايلاشقان تيەنلەي جاي مەنزىرە رايونىدا «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش + مەدەنىيەت- ساياھەتنى يۇغۇرۇش + ئېلېكتىرونلۇق سودىدا يېڭىلىق يارىتىش» موتور قىلىنىپ، مىڭ يىللىق چالغۇ ياساش ھۈنىرى بىلەن زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى چوڭقۇر تۇتاشتۇرۇلۇپ، «تيەنلەي جاي» ماركىسىنىڭ داڭقىنى چىقاردى؛ ئارال شەھىرىگە جايلاشقان قۇملۇق دەرۋازىسى مەنزىرە رايونىدا بىر تەرەپتىن قۇرۇپ، بىر تەرەپتىن تىجارەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىجادىي ئەندىزە قوللىنىلىپ، ساياھەت سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ خاسلاشقان ئېھتىياجىنى قاندۇردى، بۇ يىل «1- ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلگەن «قۇم دېڭىزىغا مۇھەببەت» تېمىسىدىكى شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىش مۇراسىمى نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ قۇملۇق مەنزىرىسى ۋە ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى.          

 «مەن جېجياڭ- شىنجاڭنى سۆيىمەن . ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت خادىمى» نىشانلىق تەربىيەلەش تۈرى، «يىپەك يولىدىكى قىممەتلىك مىراسلار. مىڭ يىللىق كۈسەن» مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى باش تېمىلىق ساياھەت يولى، «خاڭجۇ- ئاقسۇ قەلبداشلار لوڭقىسى» مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى... جېجياڭ مەدەنىيەت- ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش «قوش مەرۋايىت» پىلانىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاقسۇ بارغانسېرى كۆپ كىشىنىڭ ئارزۇسىدىكىدەك جايغا ئايلاندى.

 «جېجياڭ مەدەنىيەت- ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش <قوش مەرۋايىت> پىلانى قوزغىتىلغاندىن بۇيان، <قوش مەرۋايىت> شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن 127سى پىلانلاپ يولغا قويۇلۇپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت تۈرىدىن 151نى يولغا قويۇشىغا تۈرتكە بولدى، 523 مىليون يۈەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ئاجرىتىلىپ، جەمئىيەت مەبلىغىنىڭ 3 مىليارد يۈەندىن ئېشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى، بۇ، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە بىڭتۇەن 1- شىسى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى ئادەم قېتىم سانىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %134 ئېشىشىغا، ساياھەت كىرىمىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %156 ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى»، دېدى فېڭ رېنفاڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125