تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قۇربان بولغان قەھرىمانلارنى ياد ئېتەيلى | ​يۈ دافۇ
11:34:44 2025-06-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئەدىبتىن جەڭچى بولۇشقىچە: يۈ دافۇ قەلىمى ئارقىلىق ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى جەڭ قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۈ شۇندا

 گۈزەل فۇچۇنجياڭ دەرياسى بويىدا، يۈ دافۇنىڭ كونا تۇرالغۇسى جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، ئىلگىرى بۇ جايدا دەريا مەنزىرىسىگە نەزەر تاشلىغان ئاشۇ ئەدىب بۇرۇنلا مىللەتنىڭ ئازادلىق ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلىغانىدى. بىر زىيالىي قەلەمنى قورال قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا جەنۇبىي ئوكيان رايونىدا قۇربان بولۇپ، ھاياتى ئارقىلىق جۇڭگو ئەدىبلىرىنىڭ جاسارىتىنى پۈتۈپ چىقتى.

 بۇ يىل يۈ دافۇ ۋەتەن ئۈچۈن بەختسىزلىككە ئۇچراپ قۇربان بولغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى، «فاشىزمغا قارشى مەدەنىيەت جەڭچىسى» دەپ تەرىپلەنگەن بۇ يازغۇچى 1945- يىلى ياپونىيە تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا ياپون شيەنبىڭلىرى تەرىپىدىن ھىندونېزىيەنىڭ سۇماترا ئورمانلىقىدا مەخپىي ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئىسمى جۇڭگو ئەدەبىيات تارىخىغا ئويۇلۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگو خەلقىنىڭ فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى خاتىرە مۇنارىغا ئويۇلغان.

 1896- يىلى 12- ئاينىڭ 7- كۈنى، يۈ دافۇ جېجياڭ فۇياڭدىكى بىر زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1913- يىلى 17 ياشلىق يۈ دافۇ ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، كۈندىلىك خاتىرىسىگە تەنتەنىلىك ھالدا مۇنداق يازغان: «... مېنىڭ بىر چوڭ مۇھەببىتىم بار، ئۇ بولسىمۇ ۋەتەننى سۆيۈش... ۋەتەن مېنىڭ جېنىم، ۋەتەن مۇنقەرز بولسا، ھاياتىممۇ ئاخىرلىشىدۇ!» بۇ قەسەم ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتىغا سىڭدۈرۈلگەن مەنىۋى ئاساسىي لىنىيە بولۇپ قالغان.

 يېڭى ئەدەبىيات تەشكىلاتى «ئىجادىيەت جەمئىيىتى»نىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان يۈ دافۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى چىنلىق، راۋانلىق، قىزغىنلىق، گۈزەللىك بىلەن داڭ چىقارغان، «چۈشكۈنلۈك»، «باھار شامىلىدا مەستخۇش بولغان كېچە» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئۇنىڭ جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئورنىغا ئاساس سالغان.

 مىللەت ھالاكەت خەۋپىگە ئۇچرىغان پەيتتە، بۇ ئەدىب قەتئىيلىك بىلەن كۇتۇپخانىدىن چىققان. ئۆزىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، يۈ دافۇ مەردانىلىك بىلەن مۇنداق يازغان: «بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەر ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىشىمىز كېرەك».

 مەردانە سۆزلەرنىڭ كەينىدە، دۆلەتنىڭ پاجىئەلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىدىن ئېچىنىش ھېسسىياتى بار. 1937- يىلىنىڭ ئاخىرىدا يۈ دافۇنىڭ يۇرتى فۇياڭ قولدىن كەتكەن، 70 نەچچە ياشلىق ئانىسى ياپون ئارمىيەسىنىڭ يېمەك- ئىچمىكىنى تەييارلاشنى خالىمىغاچقا، تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە يوشۇرۇنۇۋېلىپ ئاخىرىدا ئاچلىقتا ئۆلۈپ كەتكەن. يۈ دافۇ قايغۇ- ھەسرەت ئىچىدە: «ئەمدى يوق تايىنىدىغان ئانام، بۇ قىساسنى ئالىمەن چوقۇم» دەپ تەزىيەنامە يازغان.

 1938- يىلى 3- ئايدا جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئەدەبىيات- سەنئەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىپ، يۈ دافۇ كېڭەش ئەزالىقىغا سايلانغان. ئۇ شەرقىي جېجياڭ، جەنۇبىي ئەنخۇيدىكى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئالدىنقى سەپلىرىدە يۆتكىلىپ يۈرۈپ، جەڭگاھ مۇخبىرى سالاھىيىتى بىلەن جۇڭگو ئارمىيە- خەلقىنىڭ تىز پۈكمەي كۈرەش قىلغانلىقىنى خاتىرىلىگەن. شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا، ئۇ سىنگاپورغا بېرىپ، «شىڭجوۋ گېزىتى»نىڭ قوشۇمچە سانى «تاڭ يۇلتۇزى»نىڭ مۇھەررىرى بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن يۈ دافۇ يەنە سىنگاپور مەدەنىيەت ساھەسىدىكىلەر ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان.

 1939- يىلىدىن 1942- يىلىغىچە، يۈ دافۇ سىنگاپوردا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشنى قوللايدىغان ۋە دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىدىغان نۇرغۇن ماقالىنى ئېلان قىلىپ، مەملىكەت سىرتىدىكى خۇاچياۋلارنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى جەڭ قىلىش جەڭگىۋارلىقىغا زور ئىلھام بەرگەن.

 1942- يىلى سىنگاپور قولدىن كەتكەندىن كېيىن، يۈ دافۇ ئىسمىنى «جاۋ ليەن»گە ئۆزگەرتىپ، سۇماتراغا سەرگەردان بولۇپ بارغان. ئۇ ھاراق زاۋۇتى قۇرۇپ سالاھىيىتىنى يوشۇرۇپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللانغان.

 بىر قېتىملىق تاسادىپىيلىقتا يۈ دافۇنىڭ ياپون تىلى ئىقتىدارى ئاشكارىلىنىپ قالغان. ياپون ئىشغالىيەتچى ئارمىيەسى دەرھال ئۇنى تەرجىمانلىق قىلىشقا مەجبۇرلىغان. تەرجىمانلىق قىلغان مەزگىلدە ئۇ شۇ جايدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ۋە خۇاچياۋلارغا ئاستىرتتىن ياردەم قىلغان ۋە ئۇلارنى قۇتقۇزغان ھەم ياپون شيەنبىڭ قىسمىنىڭ نۇرغۇن مەخپىيەتلىكى ۋە جىنايەتلىرىنى ئىگىلىگەن. بۇ ئاخباراتلار ئۇرۇشتىن كېيىن ياپون ئارمىيەسىنىڭ جىنايىتىنى سوتلاشتىكى مۇھىم ئىسپات بولۇپ قالغان.

 1945- يىلى 8- ئاينىڭ 15- كۈنى ياپونىيە شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىغان. لېكىن يۈ دافۇ خەتەرنىڭ ئاستا- ئاستا يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىدى. 8- ئاينىڭ 29- كۈنى كەچتە، ئۇ ئۆيىدىن ئېلىپ كېتىلگەن، كېيىن مەخپىي ئۆلتۈرۈلگەن، ئۇ چاغدا ئاران 49 ياشتا ئىدى.

 1952- يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى يۈ دافۇنى ئىنقىلابىي قۇربان دەپ تولۇقلاپ ئېتىراپ قىلغان. 2014- يىلى، يۈ دافۇ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى 300 مەشھۇر قەھرىمان، قۇربان ۋە قەھرىمان توپى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

 بۈگۈنكى كۈندە فۇچۇنجياڭ دەرياسى بويىدا، يۈ دافۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان مەكتەپ، پىرىستان، باغچىلار بۇ ۋەتەنپەرۋەر ئەدىبنىڭ مەنىۋى ئۇچقۇنىغا ئۈن- تىنسىز ۋارىسلىق قىلماقتا. 2015- يىلى، فۇياڭ شەھىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ رايون قىلىپ تەسىس قىلىنغاندا، شەھەر ئاھالىلىرى بېلەت تاشلاپ ئەسلىدىكى شىشىن يولى ۋە شىشىن شىمالىي يولىنىڭ نامىنى «دافۇ يولى»غا ئۆزگەرتىپ، بۇ ئانا يۇرت ئوغلىغا بولغان چوڭقۇر سېغىنىشىنى ئىپادىلىگەن.

 جېجياڭ ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى «جياڭنەن» ژۇرنىلى تەھرىراتى بىلەن خاڭجوۋ شەھىرى فۇياڭ رايونلۇق ھۆكۈمەت بىرلىكتە تەسىس قىلغان يۈ دافۇ رومان مۇكاپاتى ھەر ئىككى يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدۇ، نۆۋەتتە سەككىز نۆۋەت ئۆتكۈزۈلۈپ، تەدرىجىي ھالدا دۆلەت ئىچىدىكى تەسىرى زور ئەدەبىيات مۇكاپاتى بولۇپ قالدى.

 يۈ ئائىلىسىنىڭ ئەۋلادلىرى ئەجدادلارنىڭ مەنىۋى مىراسلىرىنى باشتىن- ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلىدى. ئىنقىلابىي قۇربان يۈ دافۇنىڭ نەۋرىسى يۈ جۈنفېڭ مۇنداق بىلدۈردى: «مىللەت مۇنقەرز بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئاچقۇچلۇق پەيتتە، يۈ دافۇ شۇ دەۋردىكى ئەدىبلەرنىڭ جاسارىتىنى ئىپادىلىدى. ئەۋلادلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز بۇنداق ئەجدادلىرىمىز بولغانلىقىدىن ئىپتىخارلىنىمىز؛ بۇ خىل مەردانىلىك، پەزىلەت يەنە مۇقەررەر ھالدا قەلبىمىزدە يىلتىز تارتىپ بىخ سۈرۈپ، ئەۋلادلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنىڭ غايەت زور تۈۋرۈكىگە ئايلىنىدۇ. بىز ئۇنىڭ روھىنى خۇددى ئۈزۈلمەس فۇچۇنجياڭ دەرياسى دولقۇنىدەك ئىزچىل ۋارىسلىق قىلىپ داۋاملاشتۇرىمىز».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاڭجوۋ، 6- ئاينىڭ 22- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125