رەسىملەردە شىنجاڭ مۇھەببىتى نامايان قىلىندى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى مۇخبىرى سۇڭ خەيبو) 6- ئاينىڭ 22- كۈنى، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، «ئىناق، گۈزەل چېگرا رايون . مىللەتلەر ئورتاق ناخشىسى − شىنجاڭ- شىزاڭ تېمىسىدىكى گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيىدا باشلاندى.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە شىنجاڭ كۆرگەزمە رايونى ئىككى چوڭ بۆلەككە ئايرىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە «ئىناق، گۈزەل شىنجاڭ» بۆلىكىدە دىققەت شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى مەنزىرىسىگە مەركەزلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى سەنئەتكارلارنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تۇرمۇش ئۆگىنىش جەريانىدىكى نەتىجىلىرى توپلىنىپ، 60 پارچىغا يېقىن ماي بوياق رەسىم ئەسىرى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىشلەر ئىستېرېئولۇق نامايان قىلىندى؛ «گۈزەل شىنجاڭ» بۆلىكىدە جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ساقلىنىۋاتقان شىنجاڭ تەسۋىرلەنگەن نادىر سەنئەت ئەسەرلىرى مەركەزلىك نامايان قىلىندى.
ئىناق، گۈزەل شىنجاڭ − جۇڭگودىكى داڭلىق ماي بوياق رەسساملىرىنىڭ تۇرمۇش ئۆگىنىش ئىجادىيەت پائالىيىتى 2021- يىلى باشلانغاندىن بۇيان، ئالتە قارار مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى فەن دىئەننىڭ تەشەببۇسى بىلەن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 60 نەچچە داڭلىق ماي بوياق رەسسامى تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىغا كۆپ قېتىم چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ شىنجاڭنىڭ تەبىئەت، ئادىمىيەت جەھەتتىكى گۈزەللىكىنى نامايان قىلغان 800 پارچىدىن ئارتۇق مۇنەۋۋەر ئەسەرنى ئىجاد قىلىپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىدا سەييارە كۆرگەزمە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۈ رۇيجۈن مۇنداق دېدى: بۇ پائالىيەت شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم مەدەنىيەت سۇپىسىغا ئايلىنىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» مەدەنىيەت داڭلىق ماركىسىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى.
كۆرگەزمە نەق مەيدانىدىكى ماي بوياق رەسىم ئەسەرلىرىدە نەپىس قەلەم ماھارىتى ۋە يارقىن رەڭلەر ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل مەنزىرىسى ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى مەنزىرىسى سىزىپ چىقىلدى. ھەيۋەتلىك قارلىق تاغلار تاڭ نۇرىدا چاقناپ تۇراتتى، بىپايان ئوتلاق شامالغا ئەگىشىپ دولقۇنلاپ تۇراتتى، توغراقلىقتىكى مەزمۇت توغراقلار مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. يەنە، سەنئەتكارلار نەپىس قەلەم ماھارىتى ئارقىلىق، يارغول قەدىمىي شەھىرىدىكى تارىخىي ئۆزگىرىشلەر، نېفىتلىك قۇرۇلۇشىدىكى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن مەنزىرە ھەمدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پارلاق تەبەسسۇمىنى رەسىم رەختلىرىگە جانلىق سىزىپ، بۇ تۇپراقتىكى تەسىرلىك ھېكايىلەرنى بايان قىلدى. كۆرۈرمەنلەرنىڭ بەزىلىرى قەدىمىنى توختىتىپ زەن قويۇپ قارىسا، بەزىلىرى سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى، پات- پات ماختاش سادالىرى ئاڭلىنىپ تۇردى.
بېيجىڭدىكى پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى ۋاڭ لى بەي شياۋگاڭنىڭ «كۈزدىكى ئاققابا» ناملىق ئەسىرىنى كۆرۈپ چوڭقۇر ھاياجانلاندى. ئۇ رەسىم رەختىدىكى ئالتۇن رەڭلىك ئاق قېيىنزارلىق بىلەن يىراقتىكى ئاپئاق قارلىق تاغقا زەن سالغىنىچە مۇنداق دېدى: «رەسىمدىكى رەڭدار كۈز مەنزىرىسى ۋە ئاددىي- ساددا تەبىئىي شارائىت ھەم ئۆرپ- ئادەت مەنزىرىسى ماڭا <شىنجاڭ ياخشى جاي> دېگەن سۆزنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى».
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شەن خەنچىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى بەدىئىي جەھەتتىن نامايان قىلىش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم ئەمەلىيەت، سەنئەتنىڭ كۈچى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىنى شىنجاڭنى چۈشىنىش، شىنجاڭنى سۆيۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
كۆرگەزمىنى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ھۆسنخەت- رەسىم ئىشخانىسى، جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، 7- ئاينىڭ 14- كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.