ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما بېي
6- ئايدىكى ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا قۇياش نۇرى يالقۇنجاپ تۇراتتى، ئاپتوموبىل قازانچى خەلق ئۆرپ- ئادەت ساياھەت رايونىغا كىرگەندە، 69 ياشلىق قۇربانجان مامۇت ھويلىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرۇپ، ساياھەتچىلەرگە راۋان پۇتۇڭخۇا بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى چالغۇسى دۇتارنى تونۇشتۇرۇۋاتاتتى. ئۇنىڭ كەينىدىكى ھويلىدا، ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدىكى ئۇزۇن ئۈستەلگە پەسىللىك مېۋە- چېۋە، نان ۋە ئەتكەنچايلار لىق تىزىلغان بولۇپ، جاي- جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر چۆرىدىشىپ ئولتۇراتتى، ئاپپاراتنىڭ زاتور ئاۋازى بىلەن كىشىلەرنىڭ كۈلكە ئاۋازى ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
6- ئاينىڭ 24- كۈنى، «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت ئۆمىكى تۇنجى بېكەتتە غۇلجا شەھىرىنىڭ قازانچى خەلق ئۆرپ- ئادەت ساياھەت رايونىغا كەلدى، ئىلگىرىكى خىلۋەت ھالەتتە تۇرغان بۇ كونا شەھەر رايونى قاتناشنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا تايىنىپ، «يول راۋانلىشىپ مەنزىرە گۈزەللىشىش، ئادەم كۆپىيىپ كەسىپلەر روناق تېپىش»تىن ئىبارەت تەسىرلىك ھېكايىلەرنى بايان قىلماقتا ئىدى.
بىرنەچچە يىل ئىلگىرى، قۇربانجان ئائىلىسىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدى ئوڭغۇل- دوڭغۇل توپا يول ئىدى. «ئۇ چاغدا ساياھەتچىلەرلا ئەمەس، ھەتتا يەرلىك كىشىلەرمۇ بۇ تەرەپكە ناھايىتى ئاز كېلەتتى». بوۋاي قولىدىكى چاي پىيالىسىنى يېنىك سىلاپ قويدى، قاراشلىرىدىن ئۇنىڭ ئىنتايىن ھاياجانلانغانلىقى چىقىپ تۇراتتى: «ھازىر ئىشلار ياخشى بولۇپ كەتتى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۇتاشتۇرۇلدى، ساياھەت ئايلانما لىنىيەسى ساياھەت رايونىمىز بىلەن سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى، نارات مەنزىرە رايونىنى تۇتاشتۇردى، ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە، ھەر كۈنى ئۆيىمىزگە 500دىن 600گىچە ساياھەتچى ئېكسكۇرسىيەگە كېلىدۇ، ئايلىق كىرىمىمىز 20 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى».
G30 يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ساياھەتچىلەرنى كۆل، يايلاق قاتارلىق شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىلىرىدىن ھۇزۇرلانغاندىن كېيىن، ئەركىن- ئازادە ھالدا بۇ يەرگە كېلىپ، ئۆزگىچە خەلق ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، قازانچى خەلق ئۆرپ- ئادەت ساياھەت رايونى ساياھەتچىلەر كۆپ مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدىن ھۇزۇر ئالىدىغان مۇھىم كۆزنەككە ئايلاندى. قۇربانجاننىڭ ئۆيىدە ساياھەتچىلەر بىللە چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، خۇش پۇراق چاي ۋە تاتلىق پېچىنە- پىرەنىكلەرگە ئېغىز تېگىپ، شىنجاڭنىڭ خەلق ئۆرپ- ئادەتلىرىنى چوڭقۇر چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلدى. قۇربانجاننىڭ ئۆيىگە ئوخشاش مۇشۇنداق ھېس قىلىش نۇقتىسى قازانچى خەلق ئۆرپ- ئادەت ساياھەت رايونىدا 88 ئورۇندا بار.
ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، كونا شەھەر رايونى ئاھالىلەر تۇرالغۇسىنى قوغداش، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، خاسلىقنى ھېس قىلىش بىر گەۋدىلەشكەن چوڭ تىپتىكى ئادىمىيەت مەنزىرە رايونىغا ئايلىنىپ، شۇ جايدىكى 3000دىن ئارتۇق كىشىنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلىپ، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىللە، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.
قازانچى خەلق ئۆرپ- ئادەت ساياھەت رايونىدىكى خادىك توختىتىش مەيدانىدا، 20 مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا، بىر خادىك يولغا چىقىپ، ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ خاس كوچا ۋە ئاھالىلەر تۇرالغۇسىنى سەيلە- ساياھەت قىلدۇرىدۇ.
«بايا ئېسىل ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆردۈم، شىنجاڭنىڭ ناخشا- ئۇسسۇللىرى ناھايىتى تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىكەن، ھازىر خادىكقا ئولتۇرۇپ يەرلىك مەززىلىك تائاملارنى تېتىغىلى ماڭدۇق». شۇ كۈنى، چۇڭچىڭلىق ساياھەتچى خاۋ رۇيجۈەن ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ قازانچى خەلق ئۆرپ- ئادەت ساياھەت رايونىدا سەيلە قىلدى، بالىلىرى تۇنجى قېتىم خادىكقا ئولتۇرۇپ ئىنتايىن ھاياجانلاندى.
ئالغا كوچىسى تارىخ- مەدەنىيەت كوچا رايونى غۇلجا شەھىرى تارىخ- مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرىنىڭ مۇھىم نام كارتىسى، شۇنداقلا قازانچى خەلق ئۆرپ- ئادەت ساياھەت رايونىنىڭ مۇھىم كىرىش- چىقىش ئېغىزى.
بۇ يىل، غۇلجا شەھىرى ئالغا كوچىسى تارىخ- مەدەنىيەت كوچا رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، قۇرۇلۇش دائىرىسى سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورىنى ئۆزگەرتىش، يېڭىدىن ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قۇرۇش، ئاسما سىملارنى يەر ئاستىغا تارتىش، يوللارنى رېمونت قىلىش، تارىخىي قۇرۇلۇشلارنى رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
«تۈر يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بۇ بۆلەك رايوندىكى مەينەت، قالايمىقان، ناچار ھالەت ئۆزگەرتىلدى، ئاجىز توك، كۈچلۈك توك سىملىرىنىڭ ھەممىسى يەر ئاستىغا تارتىلدى، مەنزىرە رايونىنىڭ مەنزىرىسى تېخىمۇ ياخشىلاندى. تۈر تاماملانغاندىن كېيىن، ئاھالىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشى تېخىمۇ قولايلىشىدۇ، ساياھەتچىلەرنىڭ تەسىراتى تېخىمۇ موللىشىدۇ»، دېدى غۇلجا شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى تارىخ- مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى بىن.
قاتناش لىنىيەسىنىڭ مۇكەممەللىشىشى يەنە قازانچى خەلق ئۆرپ- ئادەت ساياھەت رايونى كەسىپ ھالىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى جانلاندۇردى. قۇربانجاننىڭ ئۆيى يېنىدىكى ئىلگىرى بىكار تۇرغان كونا ئۆي بۈگۈنكى كۈندە ۋاڭخۇڭ ئائىلىۋى مېھمانخانا «كۆك رەڭلىك ھويلا»غا ئايلاندى، ئۆي ئىگىسى مەھلىيەم ئابلىمىت مۇنداق تونۇشتۇردى: «ساياھەت ئايلانما لىنىيەسى ئېچىلغاندىن كېيىن، ساياھەتنىڭ ئاۋات پەسلى كېلىشى بىلەنلا، ئائىلىۋى مېھمانخانام كۈندە مېھمان بىلەن لىق تولدى، ئىلگىرى مېھمانلار قاتناش قولايسىز، دەپ ئاغرىناتتى، ھازىر ئايرودۇرۇمدىن بۇ يەرگە تاكسى توسۇپ 20 مىنۇتتىلا كەلگىلى بولىدۇ، نۇرغۇن كونا خېرىدار قاتناش قولاي بولغاچقا يەنە كەلدى».
قازانچى خەلق ئۆرپ- ئادەت ساياھەت رايونىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى سودىگەرلەرمۇ بۇ ھەقتە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە. ئۆزى ماروژنى ياساپ ساتىدىغان ھۈسەنجان ھەسەنجان مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى دۇكىنىمغا كېلىدىغانلار ئاساسلىقى يەرلىك كىشىلەر ئىدى، ھازىر ساياھەت ئاپتوبۇسى كېلىدىغان بولدى، مەن بىر كۈندە 300- 400 كىشىلىك ماروژنى ساتالايمەن». ئۇ ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسى بېكەت تاختىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسى بىۋاسىتە مەنزىرە رايونىغا تۇتىشىدۇ، ساياھەتچىلەر ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپلا ھەقىقىي ئىلىچە تەمنى تېتىيالايدۇ»، دېدى.
ئىلگىرىكى كونا شەھەر رايونىدىن بۈگۈنكى داڭلىق مەنزىرە رايونىغىچە، قازانچىدىكى قالتىس ئۆزگىرىش شىنجاڭنىڭ قاتناش ۋە ساياھەت يۇغۇرما تەرەققىيات نەتىجىلىرىنىڭ جانلىق كارتىنىسى. دەل قۇربانجان ئېيتقاندەك: «يول راۋانلاشتى، قەلبىمىز يورۇدى، ياخشى كۈنلىرىمىز تېخى ئالدىمىزدا».
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)