ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ دۆلەتنىڭ ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ زور نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىش
12:27:14 2025-06-27 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى

 شىن جېڭيەن

 ئېچىۋېتىش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ روشەن بەلگىسى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۇنيانىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە دەۋر ئېقىمىنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش مۇھىم تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكار بولغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، ئۈچ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى، شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى، مۇھىم يوليورۇق بەردى، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم- كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا كىرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى.

 سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت «دۆلەتنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى»نى پۇختا زىممىگە ئېلىش

 شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى قەدىمىي يولىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ئىرادىسى بار

 باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىلگىرى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئېچىۋېتىش شارائىتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن، كەلگۈسىدە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىمۇ جەزمەن تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن شارائىتتا ئېلىپ بېرىش كېرەك. «ئېچىۋېتىش ئىلگىرىلەش ئېلىپ كېلىدۇ، بېكىنمىچىلىك مۇقەررەر ئارقىدا قالدۇرىدۇ.» دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇق ئالدىدا، ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولىغا جايلاشقان شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش دەۋر دولقۇنىدا، مىسلىسىز تەرەققىيات پۇرسىتىگە يۈزلەنمەكتە، مۇقەررەركى تەڭداشسىز تارىخىي بۇرچنى زىممىگە ئالىدۇ.

 شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشكە نىسبەتەن چوڭقۇر ئىشەنچى بار. شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپ شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرىدىغان ئېچىۋېتىلگەن مۇھىم جاي بولۇپ، مىڭ يىللىق سودا يولىنىڭ تارىخىي جۇغلانمىسى بار. شىنجاڭنىڭ ئورنى ئاسىيا- ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىدە بولۇپ، يېڭى ئاسىيا- ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى، جۇڭگو- موڭغۇلىيە- رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا − غەربىي ئاسىيا ئىقتىساد كارىدورى، جۇڭگو- پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى تۇتاشقان جايغا جايلاشقان، دۆلىتىمىزنى ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ھەتتا ياۋروپاغا تۇتاشتۇرىدىغان ئەڭ قولايلىق قۇرۇقلۇق يولى ھېسابلىنىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش خىزمىتىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈپ، شىنجاڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى، ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بولۇشتىن ئىبارەت مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى بېكىتىپ بەردى، شىنجاڭنى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشكە بولغان ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسى مىسلىسىز يۇقىرى، قوللاش سالمىقى مىسلىسىز زور بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇقى بىزنىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىشىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىشەنچىمىز.

 شىنجاڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە قەتئىي ئىشەنچكە تولغان. شىنجاڭنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ئېچىۋېتىشتە، زاپاس كۈچىمۇ ئېچىۋېتىشتە. دۆلەتنىڭ ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسى ئومۇمىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش شىنجاڭنىڭ ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى «ئالتۇن ئاچقۇچ». دۆلەتنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشى، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ نىسپىي بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىدىن دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا مۇقىملىقنى تۇتۇپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە تەرەققىياتنى كۆزلەپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىك، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈردى، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىدى، يېڭى يول ئاچتى، يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى، بۇ، بىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى. قانچە ئوچۇق، قانچە تەشەببۇسكار بولغانسېرى شۇنچە ئىشەنچكە تولىمىز. شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى تاقىلىپ قالمايدۇ، بەلكى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ.

 غەربكە ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»غا مۇلازىمەت قىلىش

 شىنجاڭنىڭ پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى يېڭى نەتىجىلىرىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى

 باش شۇجى شى جىنپىڭ 3- قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈرتكە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋاسىتىسىنى بېيىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتلىمىنى يۈكسەلدۈرۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىدىكى رايونلارنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش كېرەك. شىنجاڭ «بەش پورت ئارقىلىق سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىدىغان، بىر يول ئارقىلىق ياۋروپا- ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان» ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يوللارنى راۋانلاشتۇرۇش، سۇپا قۇرۇش، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەمكارلىقنى كۆزلەش، ئوبرازنى نامايان قىلىشقا كۈچەپ، غەربكە ئېچىۋېتىشنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش، يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېچىۋېتىش ئومۇمىيىتىدىكى مۇھىم رولىنى كۈنسېرى گەۋدىلەندۈردى.

 − چەكسىز چۆل- جەزىرىلەرنى، تىيانشان تېغىنى كېسىپ ئۆتۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش داغدام يول قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق- دېڭىز يېڭى يولىنى ئورتاق قۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، تۆمۈريول، تاشيول، ئاۋىياتسىيە ۋە سودا ئەشيا ئوبوروت تورى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىپ، «قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىز ئىچكى- تاشقى جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولىدىغان، شەرق بىلەن غەرب قوش يۆنىلىشتە ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان» سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. 2024- يىلى، شىنجاڭ ئارقىلىق چېگرادىن ئۆتىدىغان جۇڭگو- ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 16 مىڭ 400 قېتىمغا يېتىپ، 2023- يىلىدىكىدىن %14 ئېشىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. شىنجاڭدىن ياۋروپاغا بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى، ئىككى تەرەپلىك خەلقئارا يول تىرانسپورت لىنىيەسىدىن 119ى ئېچىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت تىرانسپورت لىنىيەسى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى. تىرانسپورت ئايرودۇرۇمىنىڭ سانى 27گە يېتىپ، خەلقئارا يولۇچى توشۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 25ى، يۈك تىرانسپورت لىنىيەسىدىن 24ى تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈپ، 17 دۆلەتتىكى 24 شەھەرگە قاتناش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. تۆمۈريول- ئاۋىياتسىيە بىرلەشمە تىرانسپورتى، تۆمۈريول- تاشيول بىرلەشمە تىرانسپورتى، تۆمۈريول- دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورتى شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سۈرئىتىنى تېزلەتتى، بارغانسېرى كۆپ تاۋارلارنى توشۇشتا شىنجاڭدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا، ياۋروپاغا چىقىرىش تاللاندى.

 بۈگۈنكى شىنجاڭدا، كېچە- كۈندۈز تېز قاتناۋاتقان جۇڭگو- ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزلىرى، توختىماي قاتناۋاتقان يۈك تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرى، توختىماي ئۇچۇۋاتقان ئاۋىياتسىيە نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى يېڭى دەۋردىكى «يىپەك يولى كارۋىنى»نى ئورتاق بەرپا قىلدى. تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى- شىمالىدىكى ئاسىيا- ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى تۇتاشتۇرىدىغان چوڭ يوللار چەكسىز سوزۇلۇپ، تۈركۈم- تۈركۈم ماللار شىنجاڭدىن يولغا چىقىپ، تاغ- دېڭىزلاردىن ھالقىپ، ھەممە دۆلەتكە تۇتىشىپ، «چېگرا رايون مەركەزگە ئايلىنىش، ئاخىرقى ئۇچ ئالدىنقى سەپكە ئايلىنىش»تىن ئىبارەت كۆركەم ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

 − ئاساسنى پۇختىلاپ يۇقىرى سۈپەتلىك سۇپا قۇرۇپ، نۇقتىلىق ئېچىۋېتىش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون، چېگرا بويى ئېچىش- ئېچىۋېتىش سىناق رايونى، چېگرا ھەمكارلىق رايونى قاتارلىق ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىق سۇپىلىرىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، تۈرلۈك سۇپا ۋاسىتىلىرىنىڭ كەسىپلەرنى توپلاش، ئەۋزەللىكلەرنى يېتىلدۈرۈش، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى سىجىل جارى قىلدۇردى. ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىنىڭ تۈگۈنلۈك ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، TIR خەلقئارا يول تىرانسپورت يىغىلىش مەركىزى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى. 2024- يىلى، قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2023- يىلىدىكىدىن %15.2، %6.1 ئاشتى، تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 2023- يىلىدىكىدىن %37.8، %43.5 ئېشىپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندى. قورغاس، ئالاتاۋ، تورغات، ئەركەشتام قاتارلىق پورتلارنىڭ يولۇچى- يۈك مىقدارىدا تارىخىي چوققا قىممەتتە ئۇدا بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، تۆت ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق تاشقى سودا يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى، جۇڭگو- قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد- سودا ئالاقىسى ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشىنىڭ مۇھىم سۇپىسىغا ئايلاندى، تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش- ئېچىۋېتىش سىناق رايونىنىڭ پورت ئىقتىسادىدا كۈنسېرى گۈللىنىش ياخشى ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى.

 بۈگۈنكى شىنجاڭدا، سىرتقا ئېچىۋېتىش سۇپىسى ۋاسىتىسىدە كۆپ نۇقتىدىن مول نەتىجىلەر يارىتىلدى. ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدە جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى يولغا چىقىشقا ھازىرلاندى، چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدە ھەرقايسى دۆلەت سودىگەرلىرى ۋە ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ھەممىلا جايدا كۆرگىلى بولىدۇ، باقتۇ پورتى چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرىدا سودا گۈللەندى، ھەيۋەتلىك دۆلەت دەرۋازىسى پورتلارنىڭ يېڭى قىياپىتىگە، ھاياتىي كۈچكە تولغان چېگرا شەھەرگە گۇۋاھ بولماقتا.

 − كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئىقتىدارنى كېڭەيتىپ سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ، سىرتقا يۈزلەنگەن خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى، بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە كەسىپ ئاساسىدىن پايدىلىنىپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقنىڭ ھەمتۈرتكىلىك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، غەربىي قىسىمدىكى ئۆلكىلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ماسلىشىپ غەربكە ئېچىۋېتىپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىمدىكى كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى پائال قوبۇل قىلىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ خاس كەسىپلىرى بىلەن ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشنى شەكىللەندۈرۈپ، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش، غەربتىن كىرگۈزۈپ شەرقتىن ئېلىپ كېلىشتىن ئىبارەت كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇردى. ھازىرغىچە، شىنجاڭدا جەمئىي تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسىدىن 2 مىليون 637 مىڭ 600ى بار بولدى، ئەمەلىي نەتىجە ياراتقان تاشقى سودا تىجارەت كارخانىسى 3000دىن ئاشتى، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ئاشۇرۇلۇپ، سۈرئىتى تېزلىتىلدى. شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، تېببىي دورا قاتارلىق ساھەلەردىكى بىر تۈركۈم ئەۋزەل كارخانىلار «سىرتقا چىقىپ» بازارنى كېڭەيتتى، جىنفېڭ پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى پۈتۈن دۇنيادىكى 42 دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىندى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى، ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردى، شىنجاڭنىڭ جابدۇق ياسىمىچىلىقى، تېخنىكا مۇلازىمىتى كارخانىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا بازارلىرىغا يۈرۈش قىلىشنى تېزلەتتى.

 بۈگۈنكى شىنجاڭ دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش شەرق شامىلىنىڭ تۈرتكىسىدە، پۈتۈن مەملىكەت، ھەتتا پۈتۈن دۇنيادىكى نۇرغۇن سودىگەر مەبلەغ سالىدىغان مېھىرلىك تۇپراققا ئايلانماقتا. تېخىمۇ كۆپ «شىنجاڭدا ياسالغان» مەھسۇلاتلار دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقتى، كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋەزىيىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش- تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى تېخىمۇ كۈچىيىپ، كەسىپ تۈرلىرى ئۈزلۈكسىز موللىشىپ، ئاسىيا- ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى كەسىپ زەنجىرى ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم تۈگۈنلۈك فۇنكسىيەسى يەنىمۇ گەۋدىلەندى.

 − تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كۈچ قوشۇپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ زور ئىستراتېگىيەلىك پۇرسىتىنى مەھكەم ئىگىلەپ، قائىدە، تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم ئىجادىي نەتىجىلەرنى شەكىللەندۈردى. «تاشيول، تۆمۈريول پورتى + تەۋەلىك بويىچە بىۋاسىتە ئۆتۈش» ئەندىزىسى ئىسلاھاتى، چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ئاپتوموبىللارغا قارىتا كۆپ پورتتا ئۇچۇرنى ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش- ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش، جەنۇبىي شىنجاڭ كەسىپلەرنى مەركەزلىك تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ ئىجادىي ئەندىزىسى، چوڭ تىپتىكى ئۈسكۈنىلەرنى چېگرا ھالقىپ ھەمتۈرتكە بولۇپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش قاتارلىق بىر تۈركۈم سىياسەت- تەدبىرلەر شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇشقا يېڭى قۇۋۋەت قوشتى. 2024- يىلى، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئۈچ بۆلەك رايونىدا يېڭىدىن كۆپەيگەن كارخانا 8500دىن ئاشتى، يېڭىدىن قۇرۇلغان چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانا 104 بولۇپ، قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم %46.18، %77.59 ئاشتى، ئىمپورت- ئېكسپورت سوممىسى 189 مىليارد 975 مىليون يۈەنگە يېتىپ، شىنجاڭ بويىچە %43.7نى ئىگىلىدى، سىياسەتتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ پايدىسى ئۈزلۈكسىز قوزغىتىلماقتا. جەنۇبىي شىنجاڭدا چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تېز قەد كۆتۈردى، قەشقەر بۆلەك رايونىدا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسى 88، مەملىكەت سىرتى ئامبىرى 16 بولۇپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا 10 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك كەسىپكە ئايلاندى.

 بۈگۈنكى شىنجاڭدا ئەركىن سودا سىناق رايونى «تەجرىبە ئېتىزى»لىق، «باشلامچى»لىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى تۈزۈمدە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا ئايلاندى. ھەربىر «تۇنجى زاكاز» «تۇنجى قېتىم» «تۇنجى كارخانا» ئىسلاھاتىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، سودا قولاي بولغان، قانۇنچىللىق قوغدايدىغان، ئىختىساسلىقلار توپلاشقان خەلقئارالاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى بەستە- بەستە ئۇرغۇپ، ئېچىۋېتىش، تەرەققىيات يېڭى قۇۋۋىتى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلمەكتە.

 − مېخانىزمنى بىرلىشىپ بەرپا قىلىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەت باشلىقى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ كۆپلىگەن دۆلەت باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولۇپ، شىنجاڭ بىلەن يەرلىكلەر ئارا دائىملىق ھەمكارلىشىش، ئالاقىلىشىش مېخانىزمى ئورناتتى. شىنجاڭ 213 دۆلەت ۋە رايون بىلەن ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇردى، تاشقى سېلىنما 60 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىدى، تاشقى سودا «دوستلار چەمبىرىكى» بارغانسېرى زورايدى. شىنجاڭنىڭ چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى كىرىم- چىقىمى 60 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. 7- نۆۋەتلىك، 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىمزالانغان ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىق تۈرى 800دىن، كېلىشىم ئىمزالانغان ئومۇمىي سومما 1 تىرىليون 700 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسى 2022- يىلى 200 مىليارد يۈەندىن بۆسۈپ ئۆتۈشتىن 2023- يىلى 300 مىليارد يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلدىن ھالقىپ ئۆتۈشكىچە، يەنە 2024- يىلى بىراقلا 400 مىليارد يۈەنلىك پەللىگە ئۆرلەپ، 435 مىليارد 110 مىليون يۈەنگە يېتىشكىچە، 100 مىليارد يۈەنلىك پەللىگە يېتىشتە «ئۇدا ئۈچ قېتىم سەكرەش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «شىددەت بىلەن» ئېشىش ۋەزىيىتىنى نامايان قىلدى.

 بۈگۈنكى شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تۈگۈن نۇقتىسىغا ئايلاندى. تاشقى سودا ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك بولدى، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدا تاشقى سودا ياۋا غاز سېپى ئەندىزىسى نامايان بولدى، ھەرقايسى جايلار تەڭ ئىلگىرىلەپ، تېز تەرەققىي قىلدى، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىنىڭ قىزغىن دولقۇنى توختىماي مەۋج ئۇردى.

 − كۆپ خىل يۇغۇرۇلۇشنىڭ يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، «تەكلىپ قىلىش، سىرتقا چىقىش»نىڭ ئۈنۈمىنى بارغانسېرى روشەنلەشتۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ تاشقى تەشۋىقات خىزمىتىنى سىجىل كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆپ يول، كۆپ شەكىلدە ياخشى سۆزلەپ، ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان يېڭى قىياپەت، يېڭى كەيپىياتنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلدى. 2024- يىلى شىنجاڭنىڭ «ئىككى يىغىن»ىدا چەت ئەللىك مېھمانلارنى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلاشقا، چېگرا سىرتىدىكى تاراتقۇلارنى يىغىننى خەۋەر قىلىشقا تۇنجى قېتىم تەكلىپ قىلدى، 6- نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلار يىغىنى، 2025- يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاراتقۇلار ھەمكارلىق مۇنبىرىنى ئېچىپ، جۇڭگو- ئۆزبېكىستان، جۇڭگو- قازاقىستان يەرلىكلەر ھەمكارلىق مۇنبىرىنى ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ھەقىقىي شىنجاڭنى نامايان قىلدى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مائارىپ، پەن- تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 25 دۆلەت بىلەن ئىلىم- پەن، مەدەنىيەت جەھەتتە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئۈچ دۆلەت رايوندا داۋالاش مەركىزى قۇرۇپ ئىشقا كىرىشتۈردى. بىر تۈركۈم چېگرا ھالقىغان ئېسىل ساياھەت لىنىيەلىرىنى يولغا قويدى، 2024- يىلى چېگرادىن كىرگەن 5 مىليون 148 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرى، گۈزەل مەنزىرىلىرىنى نامايان قىلىدىغان بىر قاتار سىن مەملىكەت سىرتىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا «قىزىق نۇقتا»غا ئايلاندى.

 بۈگۈنكى شىنجاڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى، مەدەنىيلىك جەلپكارلىقى، ئېچىۋېتىش قىياپىتى، ئۆزىگە ئىشىنىش ھالىتىدە سالماقلىق، كەڭ قورساقلىق بىلەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا، تەرەپ- تەرەپتىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش، پۈتۈن دۇنيانىڭ ساداسىنى قوبۇل قىلىشتەك سەمىمىي كۆڭلى- كۆكسىنى نامايان قىلماقتا. ھەر يىلى ياز كېچىسى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار ۋە قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى كەچلىك بازىرىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن تېرە رەڭگى ئوخشاش بولمىغان دوستلار مەشرەپ ئوينايدىغان، شىخو پىۋىسىنى قانغۇچە ئىچىدىغان مەنزىرە نورمال ھالەتكە ئايلانغان بولۇپ، شىنجاڭ بەئەينى دۇنيانىڭ «مېھمان كۈتۈش زالى» بولۇپ قالدى.

 تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت «دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى»نى چىڭ كۆزلەش

 تىرىشىپ دۆلەتنىڭ ۋەزىپەنامىسىنى شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش يول خەرىتىسىگە ئايلاندۇرىدۇ

 باش شۇجى شى جىنپىڭ 4- قېتىملىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا يېڭى باسقۇچتىكى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا قارىتا يېڭى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇل ئەسلىھەلەرنى «قاتتىق تۇتاشتۇرۇش»، قائىدە- ئۆلچەملەرنى «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش» ۋە ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر خەلقى بىلەن «قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش»نى بىرتۇتاش پىلانلاپ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. شىنجاڭ ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بولۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، تېخىمۇ يۈكسەك نەزەر دائىرە بىلەن بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۇلۇغ پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «قاتتىق تۇتاشتۇرۇش، يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش، قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش»نى زىچ چۆرىدەپ، تېخىمۇ چوڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ كەڭ ساھەلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدۇ.

 «قاتتىق تۇتاشتۇرۇش»نى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، قاتناش چوڭ تۈگۈنى، ئىقتىساد- سودا چوڭ يولىنى ھەر تەرەپلىمە بەرپا قىلىدۇ. يول راۋان بولسا، ماللار توسالغۇسىز يۆتكىلىدۇ، ماللار توسالغۇسىز يۆتكەلسە تۈگۈن كۈچىيىدۇ. سودا ھەمكارلىقىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئەڭ تۆۋەن چەك تەلىپى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە «ئون تور»ى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش، كىشىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئەشيا ئوبوروتىنى راۋانلاشتۇرۇشتىكى بىخەتەر، تېز، يېشىل يولنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سودا ئالاقىسى، خادىملار جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ئۇچۇر يەتكۈزۈشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۈرۈمچى رايون خاراكتېرلىك خەلقئارا سودا ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، ياۋروپاغا يۈزلەنگەن بىرىكمە خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ ئېچىۋېتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش- ئېچىۋېتىش سىناق رايونى، جېمىنەي يېزا ئىگىلىكىنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ھەمكارلىق سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، چېگرا بويىدىكى كەسىپلەر باغچە رايونىنى يېتىلدۈرىدۇ ۋە زورايتىدۇ.

 «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش»نى سىجىل كۈچەيتىپ، ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكى، يىپەك يولى يېڭى ئۈلگىسىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە بەرپا قىلىدۇ. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، قائىدە- ئۆلچەمنىڭ ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىقتىساد- سودا ئالاقىسىنى قولايلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم رولى كۈنسېرى گەۋدىلەندى. تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى تېز يولغا قويۇپ، تىرىشىپ سودا، سېلىنما، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە تەسىر كۈچى زور، قاپلاش دائىرىسى كەڭ، سىستېمىلىق توپلىنىش دەرىجىسى يۇقىرى بولغان بىر تۈركۈم تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى مەركەزلىك ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، تىرىشىپ چېگرا بويىدىكى رايونلارنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى «شىنجاڭ ئۈلگىسى» بىلەن تەمىنلەيدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا چوڭقۇر سىڭىشىپ، 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد- سودا، ئېنېرگىيە، پەن- تېخنىكا، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى كەسىپلەرنى پەرقلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، «ئىككى دۆلەت قوش كەسىپلەر باغچە رايونى» «دۆلەت كەسىپلەر باغچە رايونى» ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جۇڭگو (شىنجاڭ، شياڭگاڭ)نىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

 «قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش»نى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، بايان قىلىش يېڭى سىستېمىسى، تارقىتىش يېڭى ئەندىزىسىنى ئىستېرېئولۇق بەرپا قىلىدۇ. دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەت خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشىگە باغلىق، خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشى خەلق قەلبىنىڭ تۇتىشىشىغا باغلىق. ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستانە ئالاقىسى ۋە چۈشىنىشى، قوللىشى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى. جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ تاغ- دەريالىرى تۇتاش بولۇش، تىل ئورتاقلىقى بولۇش، ئۆرپ- ئادىتى يېقىن بولۇشتەك تەبىئىي شارائىتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، «تەكلىپ قىلىش، سىرتقا چىقىش» سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، چەت ئەل تاراتقۇلىرى، چەت ئەللىك مېھمانلارغا شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن ئوبرازىنى نامايان قىلىشتىكى تەجرىبە، ئۇسۇللارنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شىنجاڭغا بولغان ئىجابىي تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىدۇ. پەن- تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى سىجىل كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم «ئاددىي ھەم گۈزەل» خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان، ئاممىغا يېقىن بولغان تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

 ھەمكارلىق «ئورتاق پايدا ئېلىش زەنجىرى»نى تۇتاشتۇرۇپ، مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى چوڭقۇر قاتلامدىن بەرپا قىلىدۇ. تارىخ شۇنى قايتا- قايتا ئىسپاتلىدىكى، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشلا جاھاندىكى توغرا يول. شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشىدىكى كۆۋرۈك بولۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ئوبرازى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىي كۈچى ۋە ئېچىۋېتىش قىياپىتىنى بىۋاسىتە نامايان قىلماقتا. ئورتاق مەنپەئەتنى ۋاسىتە، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى نىشان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنياۋى كەسىپ ئىش تەقسىماتى ۋە ھەمكارلىقىغا چوڭقۇر قاتنىشىپ، كۆپ خىل، مۇقىم بولغان خەلقئارا ئىقتىساد ئەندىزىسى ۋە ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى قوغداپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەنپەئەت رىشتىنى چىڭىتىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئادىل ئورتاق بەھرىلىنىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 دەۋر چوڭ ۋەزىيىتىگە تايىنىپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ، جاھاندىكى توغرا يولدا مېڭىپ يىراققا يۈرۈش قىلىش كېرەك. بۈگۈنكى شىنجاڭ ئېچىۋېتىش سەۋەبلىك چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە، ئەتىكى شىنجاڭ مۇقەررەر ئېچىۋېتىش سەۋەبلىك تېخىمۇ قالتىس بولىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، بارلىق پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بارلىق پايدىلىق شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ، ئايدىڭلاشتۇرغان ھامان چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، كۆپ ئىشلىگىلى بولسىلا كۆپ ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ، تىرىشىپ دۆلەتنىڭ ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا تېخىمۇ زور شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشايلى!

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿地力江·阿力木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125