قۇرام تاشلار يولنى توستى، «ئونسۇ ناملىق» قېزىش ماشىنىسىنىڭ تىغى ئالماشتۇرۇلۇپ، يەنە قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئاتلاندى
12:25:33 2025-06-27 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ جىڭجىڭ

 غەربىي تىيانشان تېغى ئالاھىدە ئۇزۇن تونېلىدا، بىلەي تاشقا ئوخشايدىغان چىرىمتال كىرىستاللىق ئانورتوزىت تاشلىرى «ئونسۇ ناملىق» TBMنىڭ تېز سۈرئەتتە قېزىپ ئىلگىرىلىشىگە توسالغۇ بولدى. «ئىلگىرى ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 30 مېتىر ئىلگىرىلەيتتۇق، بۇ ئىككى كۈندە ئون مېتىرغىمۇ يەتمىدى، بىر كۈن ئىلگىرىلىسەك، ماشىنىنى ئىككى كۈن توختىتىپ قويۇپ، TBMنىڭ تىغلىق ئەسۋابىنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلدى»، دېدى 6- ئاينىڭ 22- كۈنى جۇڭگو قاتنىشى 1- تاشيول قاتناش ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى G219 لىنىيەسى موڭغۇلكۈرە- ئونسۇ تاشيولى تۈرى 2—EPC بۆلىكىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى سۈن جەنجۈن تىت- تىت بولغان ھالدا.

 شۇ كۈنى، يامغۇرغا قارىماي ئۈچ سائەت يول يۈرگەندىن كېيىن، «چېگرانى بويلاپ تۈمەن چاقىرىملىق سەپەر قىلىش − ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت پائالىيىتى» جەنۇبىي شىنجاڭ گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ئونسۇ ناھىيەسىدىن G219 لىنىيەسى موڭغۇلكۈرە- ئونسۇ تاشيولى تۈرى 2—EPC بۆلىكىگە كەلدى.

ئونسۇ ناھىيەسى تەۋەسىدىكى تىيانشان تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان G219 لىنىيەسى موڭغۇلكۈرە- ئونسۇ تاشيولى قۇرۇلۇش تۈرى نەق مەيدانى (6- ئاينىڭ 22- كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

 موڭغۇلكۈرە بىلەن ئونسۇنى تۇتاشتۇرىدىغان بۇ پەلەك يولى ئارقىلىق، شىنجاڭ ئۈچۈن جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان تومۇر بەرپا قىلىنماقتا. بۇ يول ئۇزارتىلغان يول بۆلىكى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى G219نىڭ ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بولۇپ، پەسىل خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىلىدىغان مايتاغ- كۇچا تاشيولىغا ئوخشىمايدۇ، موڭغۇلكۈرە- ئونسۇ تاشيولىنىڭ لايىھەدىكى نىشانى دائىملىق قاتناشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بولۇپ، بۇ، مەيلى قەھرىتان سوغۇق، تومۇز ئىسسىقتا بولسۇن، G219نىڭ تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى- شىمالىنى مۇقىم تۇتاشتۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 G219 لىنىيەسىنى تۇتاشتۇرۇپ راۋانلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى غەربىي تىيانشان تېغى ئالاھىدە ئۇزۇن تونېلىنى تۇتاشتۇرۇش. غەربىي تىيانشان تېغى ئالاھىدە ئۇزۇن تونېلىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 15.7 كىلومېتىر بولۇپ، «دۇنيادىكى چوڭقۇر كۆمۈلگەن ئەڭ چوڭ كەسمە يۈزلۈك تاشيول تونېلى»، «دۆلەت ئىچىدىكى مۇزلۇقنى كېسىپ ئۆتىدىغان تۇنجى 1- دەرىجىلىك تاشيول تونېلى»دىن ئىبارەت قوش بەلگە بىلەن جۇڭگونىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش خەرىتىسىدە ئىز قالدۇردى. 2024- يىلى 7- ئايدا ئىش باشلانغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، يول باشلاش تەشمىسى جەمئىي 6901 مېتىر قېزىلغان بولۇپ، %43.9 لىك قۇرۇلۇش ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنىڭ ئارقىسىدا قۇرۇلۇشچىلارنىڭ مۇزلۇق، قورام تاش، ناچار گېئولوگىيەلىك شارائىت بىلەن كېچە- كۈندۈز كۈچ سىنىشىشى بار.

 ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى موڭغۇلكۈرە- ئونسۇ تاشيولى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى شۈ جىگاڭ ئۈمىدۋارلىق بىلەن مۇنداق دېدى: «تونېل تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئونسۇدىن موڭغۇلكۈرەگىچە بولغان ئاپتوموبىل مۇساپىسى 16 سائەتتىن بەش يېرىم سائەتكە قىسقىراپ، <ئەتىگەندە ئىلى مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش، كەچتە بىڭتاڭشىن يېيىش> ھەقىقىي ئىشقا ئاشىدۇ».

 «بىلەي تاش» ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ قويغان «ئونسۇ ناملىق» TBM  غەربىي تىيانشان تېغى ئالاھىدە ئۇزۇن تونېلى ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان پۈتۈن كەسمە يۈزلۈك قورام تاش قېزىش ماشىنىسى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى بىر ئايدا 862.4 مېتىر قېزىش نەتىجىسى بىلەن ئوخشاش دەرىجە، ئوخشاش تىپ، ئوخشاش قۇرۇلۇش ئۇسۇلى بويىچە بىر ئايلىق ئەڭ يۇقىرى قېزىش رېكورتىنى يېڭىلىغان.

 ئىش توختىتىپ ئالماشتۇرۇشقا تېگىشلىكى «ئونسۇ ناملىق» TBMنىڭ ئەڭ ئالدى بۆلىكىدىكى تىغ تەخسىسىدىكى تىغلىق ئەسۋاب ئىدى. «تىغلىق ئەسۋاب چىشقا ئوخشايدىغان بولۇپ، تاغ جىنسلىرىنى قېزىپ ئۇششاقلايدۇ، قۇرۇلۇشنىڭ ئالدىنقى يېرىم بۆلىكىدە قېزىلغىنىنىڭ كۆپ قىسمى چۈرۈك مەرمەر تاش بولۇپ، ھازىر قېزىش تەس بولغان قورام تاشقا دۇچ كەلدۇق، گېئولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى ھازىر يولدا كېلىۋاتىدۇ، ئاۋۋال تاغ جىنس قاتلىمىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەھلىل قىلىپ، ئاندىن ئالاھىدە تىغلىق ئەسۋابلارنى زاكاز قىلىپ ياسىغاندىلا، ئاندىن قېزىش سۈرئىتىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ»، دېدى سۈن جەنجۈن.

 قورام تاشقا قارىغاندا تېخىمۇ قىيىن بولغىنى مۇزلۇق ئاستىدىكى يوشۇرۇن ئېقىن ئىدى. غەربىي تىيانشان تېغى ئالاھىدە ئۇزۇن تونېلىنى تۇتاشتۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ تېخنىكىلىق قىيىن نۇقتا دەل مۇزلۇقنى كېسىپ ئۆتۈش بولدى، تونېلنىڭ ئۈستى تەرىپى دەل دۇنياغا داڭلىق بولغان تۆمۈر- خانتەڭرى مۇزلۇق توپى بولۇپ، قۇرۇلۇش رايونىنىڭ %70ىدىن كۆپرەكى مۇزلۇق بىلەن قاپلانغان. قۇرۇلۇش چاڭ- توزانلىرى ۋە ئاپتوموبىل قالدۇق گازىدىن شەكىللەنگەن «تۇرخۇن ئۈنۈمى»نىڭ مۇزلۇقنى بۇلغىشى ھەم ئۇنىڭ ئېرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تونېلنى لايىھەلىگەندە تىك قۇدۇق ۋە يانتۇ قۇدۇق ئېچىشنى ئويلاشماي، بەلكى يەر شەكلى، گېئولوگىيە ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئىجادىي ھالدا ئىككى ئۇدۇل تەشمىنىڭ يان تەرىپىگە بىر يول باشلاش تەشمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، لېكىن بۇ قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇۋەتتى.

 «تونېل قېزىشتا سۇ ئېتىلىپ چىقىشتىن ئەنسىرەيمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز تېخى مۇزلۇق ئاستىدا تونېل قازىمىز»، دېدى سۈن جەنجۈن. بۇ يىل باھار بايرىمىدىن كېيىن، تونېلدىن پەۋقۇلئاددە زور سۇ ئېتىلىپ چىقتى، بىر كۈندە تۇيۇقسىز ئېتىلىپ چىققان سۇ  50 مىڭ كۇب مېتىردىن ئاشقان بولۇپ، بىر كىچىك تىپتىكى سۇ ئامبىرىنىڭ كۈندىلىك سۇ قويۇپ بېرىش مىقدارىغا باراۋەر كېلىدۇ. ئېتىلىپ چىققان سۇ يەنە زور دەرىجىدىكى تاش ئۇۋاقلىرىنى ئېقىتىپ كېلىپ، TBMنىڭ تىغ تەخسىسىگە كەپلىشىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چوڭقۇرلۇقى 15 مېتىردىن ئاشىدىغان بىر بۆلەك قۇرۇلمىدىكى چاك كەتكەن بەلباغ ئالدى تەرەپنى توغرىسىغا توسۇۋالغان بولۇپ، تاغ جىنسلىرى بوش، يېرىق كۆپ ئىدى.

 «كىچىك يول باشلاش تەشمىسى ياساپ سۇ چىقىرىلدى، تىغ تەخسىسىدىكى يىغىلىپ قالغان داشقاللار ئادەم كۈچى بىلەن تازىلاندى، 12 كۈندىن كېيىن، <ئونسۇ ناملىق> قېزىش ماشىنىسى ئاندىن يەنە ئايلىنىشقا باشلىدى». بۇ قېتىمقى كەچۈرمىشنى ئەسلىگەندە، سۈن جەنجۈننىڭ مۇشتۇمى ئىختىيارسىز چىڭ تۈگۈلدى. «توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان، چىقىرىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان» ئادەتتىن تاشقىرى ئېتىلىپ چىققان سۇ ئالدىدا، ئۇلار سۇ چىقىش ئېغىزىدىكى پارچىلانغان ئۇششاق تاشلارنى تازىلىۋېتىپ، سۇ ئېتىلىپ چىققان بۆلەككە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئېتىپ توسۇپ ھەم ئېقىتىپ چىقىرىپ، ئۇزاققا سوزۇلغان 41 كۈندە «سۇ كېچىپ جەڭ قىلىش» ئارقىلىق، ئاخىر مۇزلۇق ئاستىدىكى شىددەتلىك ئېقىننى مۇۋەپپەقىيەتلىك كېسىپ ئۆتتى.

 سۇدىن باشقا، تونېل قۇرۇلۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يەنە ھىدروگېن سۇلفات قاتارلىق زەھەرلىك، زىيانلىق گازلار بايقالدى، ئالدىنى ئېلىش- تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈش، مەخسۇس ئادەم كۆزىتىپ ئۆلچەش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق 18 كۈندىن كېيىن ئاندىن خەۋپ- خەتەر تۈگىتىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇزۇنلۇقى 400 مېتىرغا يېتىدىغان تاش ئېتىلىپ چىقىدىغان خەتەرلىك رايوندا، مىكرو تەۋرىنىشنى كۆزىتىپ ئۆلچەش تېخنىكىسى ئارقىلىق ھەر ۋاقىت ئالدىن سىگنال بېرىپ، كەشتە تىككەندەك ماھارەت بىلەن قېزىش پارامېتىرلىرىنى تەڭشەش، تىرەك قويۇشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئاندىن گېئولوگىيەلىك خەتەرلىك رايوندىن ئوڭۇشلۇق بۆسۈپ ئۆتتى... «تونېلنى ھەر بىر مېتىر قېزىش قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا تولدى، لېكىن مەن تونېلغا كىرىپ، قېزىپ تۇتاشتۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقىنىمنىڭ تىيانشان تېغى ئىكەنلىكىنى ئويلىغىنىمدا، قەلبىم كۈچكە تولدى»، دېدى جۇڭگو قاتنىشى 1- تاشيول قۇرۇلۇشى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى G219 لىنىيەسى موڭغۇلكۈرە- ئونسۇ تاشيولى تۈرى 2 −EPC بۆلىكىنىڭ TBM ئۈسكۈنىسىنى باشقۇرۇش خادىمى كاڭ يۇڭتې.

 23 ياشلىق كاڭ يۇڭتې بۇلتۇر خىزمەتكە چۈشۈپلا غەربىي تىيانشان تېغى ئالاھىدە ئۇزۇن تونېلىغا كەلگەن، «خىزمەتداشلىرىمدىن ئاڭلىشىمچە، موڭغۇلكۈرە تەرەپتىكى تونېل ئېغىزى ئالدىدىكى مەنزىرە ئاجايىپ گۈزەل ئىكەن، تۇتاشتۇرۇلغان كۈنى مەن چوقۇم تونېلدىن ئۆتۈپ كۆرۈپ كېلىمەن».

 G219 لىنىيەسىدىكى موڭغۇلكۈرە- ئونسۇ تاشيولى پۈتكەندىن كېيىن،G217 لىنىيەسىدىن چېگراغىچە بولغان تەخمىنەن 300 كىلومېتىر ئارىلىقتا جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان يول بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ. بۇ يول يەنە دەنشيا، قارلىق تاغ، يايلاق قاتارلىق يەر شەكىللىرىنى تۇتاشتۇرىدۇ، پۈتۈن كۈن ماڭغاندا «بىر كۈندە تۆت پەسىلنى كۆرگىلى بولىدىغان» بولۇپ، دۇنيا دەرىجىلىك ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ مەنزىرە تاماشا قىلىدىغان كارىدور ھېسابلىنىدۇ. «راۋان يول»دىكى ئۆتكەللەرنى تۇتاشتۇرۇش شىفىرىمۇ غەربىي تىيانشان تېغىدىكى تاغ جىنس قاتلاملىرىنىڭ ئىچكىرىسىگە ئويۇلىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿地力江·阿力木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125