2025- يىللىق سودىغا مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى
12:37:05 2025-06-27 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خېي خۇڭۋېي) 6- ئاينىڭ 25- كۈنى، «ئاسىيا- ياۋروپانى تۇتاشتۇرۇش . جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش . شىنجاڭغا كىرىش» باش تېما قىلىنغان جۇڭگو خەلقئارا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى شىنجاڭ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ 2025- يىللىق سودىغا مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

 چېن ۋېيجۈن مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاڭلىق ھالدا شىنجاڭ خىزمىتىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇملۇقىغا قويۇپ پىلانلاپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپتۇرۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى. شىنجاڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق مەركىزىدىن ھالقىپ ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندى، دۇنيادىكى ئەزىز مېھمانلار ۋە كارخانىچىلارنىڭ شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى زورايتىپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر قاتنىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ. شىنجاڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت- سودا مۇھىتىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، پۈتۈن دەۋرىيلىك مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، كارخانىلارنى خاتىرجەم مەبلەغ سېلىش، خاتىرجەم يىلتىز تارتىش، كۆڭۈلدىكىدەك تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

 جۇڭگو خەلقئارا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى سۈن شياۋ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ۋە مول بايلىققا تايىنىپ، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق تۈگۈنىگە ئايلىنىشىنى تېزلەتمەكتە. جۇڭگو خەلقئارا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى شىنجاڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭ پۇرسىتىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەت سودا- سانائەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ «شىنجاڭغا كىرىشى، شىنجاڭنى چۈشىنىشى، شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىشى»نى قوللايدۇ ھەم شىنجاڭ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ ئەلا سۇپا بەرپا قىلىدۇ.

 جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى، قىرغىزىستان دۆلەت سودا- سانائەتچىلەر جەمئىيىتى، رومىنىيە − جۇڭگو سودا- سانائەتچىلەر جەمئىيىتى، پورتۇگالىيە − جۇڭگو سودا- سانائەتچىلەر جەمئىيىتى، خاڭجوۋ يۈشۇ پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىندا پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. ھىندىستان، ئۇرۇگۋاي قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن سودا- سانائەت ساھەسىدىكى ۋەكىللەر، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر ھەم دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى داڭلىق كارخانىلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿地力江·阿力木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125