تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قۇربان بولغان قەھرىمانلارنى ياد ئېتەيلى | ​«قىلىچۋاز جياڭجۈن» جاۋ دېڭيۈ
12:40:13 2025-06-27 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

«قىلىچۋاز جياڭجۈن» جاۋ دېڭيۈ: ھەققانىيەت يولىدا تاۋلانغان قەھرىمانلىق روھى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيا كې

 بېيجىڭ شەھىرى فېڭتەي رايونى ۋەنپىڭچېڭنىڭ شەرق تەرىپىگە ئانچە يىراق بولمىغان جايدا، بىر قەھرىماننىڭ قەبرىسى بار، بۇ جايدا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا ۋەتەن ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلغان تۇنجى شىجاڭ جاۋ دېڭيۈ مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن. 80 نەچچە يىل ئىلگىرى، ياپون ئارمىيەسىنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ باتۇرلۇق بىلەن دۈشمەننى يوقىتىپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

 1898- يىلى تۇغۇلغان جاۋ دېڭيۈ 1914- يىلى فېڭ يۈشياڭنىڭ قوشۇنىغا قاتنىشىپ، ھەرقايسى ئۆلكىلەردە ئايلىنىپ يۈرۈپ جەڭ قىلغان.

 1933- يىلى 3- ئاينىڭ 11- كۈنى كېچىدە، جاۋ دېڭيۈ يارىلانغان بولسىمۇ قوماندان- جەڭچىلەرنى باشلاپ تاغ- داۋانلاردىن ئېشىپ، ئوت كۈچىنىڭ ھىمايىسىدە ياپونىيە ئارمىيەسىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. قوماندان- جەڭچىلەر قىزىل پۆپۈكلۈك قىلىچىنى چىقىرىپ، دۈشمەننى باتۇرلۇق بىلەن يوقىتىپ، دۈشمەننىڭ 18 زەمبىرىكىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، 18- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرغان. شۇنىڭدىن باشلاپ «قىلىچۋاز قوشۇن»نىڭ نامى جاھانغا تارالغان.

 يىراق شاڭخەيدىكى مۇزىكانت مەي شىن بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھاملانغان، 1937- يىلى، ئۇ قىلىچۋاز قوشۇننىڭ ئىش ئىزلىرى ئاساسىدا، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى داڭلىق ناخشا «قىلىچۋازلار مارشى»نى يېزىپ چىققان. «قىلىچىمىزنى ئالۋاستىلارنىڭ بېشىغا چاپايلى» دېگەن ناخشا پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلاپ، مىللەت روھىنى ئۇرغۇتۇش، مىللەت ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ بۇرغىسى بولۇپ قالغان.

 7- ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ياپونىيە ئارمىيەسى بېيپىڭ، تيەنجىن ھەم قوشنا ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جايلارغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلغان. جاۋ دېڭيۈ قوشۇننى باشلاپ قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، بېيپىڭ شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى نەنيۈەننى قوغدىغان. ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ زەمبىرەك ۋە ئايروپىلانلىرىنىڭ شىددەتلىك بومباردىمانىدا، جاۋ دېڭيۈنىڭ قىسمى ئېچىنىشلىق تالاپەتكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئىستىھكامنى جان تىكىپ ساقلىغان.

 1937- يىلى 7- ئاينىڭ 28- كۈنى، نەنيۈەندىكى ئىستىھكام قولدىن كەتكەندىن كېيىن، مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيە 29- جۈن 132- شىنىڭ شىجاڭى بولغان جاۋ دېڭيۈ بۇيرۇق بويىچە قىسىمنى باشلاپ چېكىنگەندە، يول ئۈستىدە ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ يوشۇرۇن ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ۋەتەن ئۈچۈن قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئۇ 39 ياشتا ئىدى.

 جاۋ دېڭيۈ بىلەن نەنيۈەندىكى جەڭدە قۇربان بولغان 29- جۈننىڭ مۇئاۋىن جۈنجاڭى تۇڭ لىنگې پۈتۈن مىللەت ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، جۇڭگو ئارمىيەسىدىكى جەڭ مەيدانىدا ئەڭ بالدۇر ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك جياڭلىڭ، ئۇلارنىڭ قەھرىمانلارچە قۇربان بولۇشى پۈتۈن مەملىكەتتە غايەت زور زىلزىلە پەيدا قىلغان، ھەرقايسى جايلار ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا قۇربان بولغان بۇ ئىككى قەھرىمانغا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

 ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، جاۋ دېڭيۈ قۇرۇقلۇق ئارمىيە شاڭجياڭى دەپ تولۇقلاپ ئېتىراپ قىلىنغان، ئۇنىڭ جەسىتى لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكى بويىغا قايتىدىن دەپنە قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ساداقەتمەنلىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن بېيپىڭ شەھىرى بېيگۇيەننىڭ نامىنى جاۋ دېڭيۈ يولىغا، تۇڭشيەن ناھىيەسى (ھازىرقى بېيجىڭ تۇڭجوۋ) قەدىمكى قانالنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى دۇڭداجيې كوچىسىنىڭ نامىنى جاۋ دېڭيۈ كوچىسىغا ئۆزگەرتكەن.

 1952- يىلى 6- ئايدا، يولداش ماۋ زېدۇڭ ئۆزى ئىمزا قويۇپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا قۇربان بولغان جاۋ دېڭيۈ قاتارلىق ئۈچ قەھرىمانغا ئىنقىلابىي قۇربانلار گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەرگەن. 1980- يىلى 7- ئايدا، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جياڭجۈن جاۋ دېڭيۈنىڭ قەبرىسىنى رېمونت قىلىپ يېڭىلىغان ھەم قەبرە تېشىنى قايتىدىن تىكلىگەن، قەبرە تېشىنىڭ ئوڭ يۈزىگە «ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان قەھرىمان جاۋ دېڭيۈ جياڭجۈننىڭ قەبرىسى» دېگەن خەتلەر ئويۇلغان، بۇ قەبرە فېڭتەيدىكى رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى، بېيجىڭ شەھىرىدىكى تۇنجى تۈركۈم يۆتكەلمەيدىغان ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقى، 2- تۈركۈمدىكى 100 جايدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى خاتىرە ئەسلىھەسى، خارابىسى دەپ ئېلان قىلىنغان.

 جاۋ دېڭيۈ قۇربان بولغان بۈگۈنكى فېڭتەي رايونىنىڭ داخۇڭمېن رايونىدا، تارىخنى ئەستە ساقلاش، قەھرىمانلارنى ياد ئېتىش ئۈچۈن، داخۇڭمېن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ نامى 1997- يىلى «بېيجىڭ شەھەرلىك جاۋ دېڭيۈ ئوتتۇرا مەكتىپى»گە ئۆزگەرتىلگەن، 2003- يىلى «بېيجىڭ شەھەرلىك جاۋ دېڭيۈ مەكتىپى»گە ئۆزگەرتىلگەن.

 جياڭجۈن جاۋ دېڭيۈنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى تېخىمۇ ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن، مەكتەپ جياڭجۈن جاۋ دېڭيۈنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمە سارىيىنى قۇرۇپ، مول تارىخىي ماتېرىياللار ۋە كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ئارقىلىق جياڭجۈن جاۋ دېڭيۈنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى چوڭقۇر ياد ئېتىپ، ئۇنىڭ ئاجايىپ تۆھپىسىنى ئەسلەپ، ياش- ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى سۇپىسى ھازىرلاپ بەردى.

 «جاۋ دېڭيۈ مەكتىپىنىڭ ئوقۇش باشلىغاندىكى بىرىنچى دەرسى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەشتىكى بىرىنچى دەرسى جياڭجۈن جاۋ دېڭيۈنىڭ روھى ۋە ئىش ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىش بولۇپ، بۇ، جياڭجۈن جاۋ دېڭيۈنىڭ روھى ۋە ئىش ئىزلىرىنى ئوقۇغۇچىلارنى يېتىلدۈرۈش تەربىيەسى بىلەن زىچ يۇغۇرۇپ، جياڭجۈن جاۋ دېڭيۈنىڭ روھىنى ئۈزلۈكسىز ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن»، دېدى مەكتەپ مەسئۇلى.

 ھەر يىلى چىڭمىڭ مەزگىلىدە، تەرەپ- تەرەپتىن كەلگەن ئامما جياڭجۈن جاۋ دېڭيۈنىڭ قەبرىسى ئالدىغا يىغىلىپ ئۇنى ياد ئېتىدۇ، ئەسلەيدۇ. يېشىل تاغلار جىمجىت تۇرسىمۇ، «ھەققانىيەت يولىدا تاۋلانغان قەھرىمانلىق روھى»نى نامايان قىلغان قەھرىمانلىق سەھىپىسىگە گۇۋاھ بولۇپ كەلمەكتە، جياڭجۈن جاۋ دېڭيۈنىڭ ئىسمى خۇددى بىر بايراقتەك تارىخ ئاسمىنىدا ئېگىز جەۋلان قىلىپ تۇرماقتا.

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 23- كۈنى تېلېگراممىسى)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿地力江·阿力木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125