گۇڭشېڭ كەنتى يېزا- كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ يېڭى شىفىرىنى يەشتى
13:49:21 2025-06-27 تىيانشان تورى

6- ئاينىڭ 19- كۈنى، ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى يۇڭفېڭ بازىرى گۇڭشېڭ كەنتىدىكى تيەنيۈەن شياڭخۇاگۇ ئۇنىۋېرسال ئىستىراھەت رايونىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى يۇڭفېڭ بازىرى گۇڭشېڭ كەنتى «يېزا ئىگىلىكى + ساياھەت» ئەندىزىسىگە تايىنىپ، يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىقى بىلەن ئېكولوگىيەنى ھېس قىلىشنى چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى سىجىل ئۇزارتتى. بۇ تۈر رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، 20 كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە ئەتراپتىكى يېمەك-ئىچمەك، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. ئىلگىرىكى نوقۇل تېرىقچىلىق مەنزىرىسى تەدرىجىي ھالدا كەسىپلەر يۇغۇرۇلغان ئورتاق بېيىش يېڭى مەنزىرىسىگە ئايلاندى. (ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ)

ئىشچىلار تيەنيۈەن شياڭخۇاگۇ ئۇنىۋېرسال ئىستىراھەت رايونىدا ئائىلىۋى مېھمانخانا سالماقتا.

 كۆلىمى تەخمىنەن 90 مو كېلىدىغان، شەھەر رايونى بىلەن بولغان ئاپتوموبىل مۇساپىسى 30 مىنۇتلا كېلىدىغان بۇ سەھرا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىدە گۈل- چىچەك، مېۋە ئۈزۈش رايونى، دالا رايونى، كۆڭۈل ئېچىش رايونى بىر گەۋدە قىلىنغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر ئەتراپىنى ساياھەت قىلىدىغان يېپيېڭى يوقلىمىدىن ئۆتىدىغان جايغا ئايلاندى.

ساياھەتچىلەر تيەنيۈەن شياڭخۇاگۇ ئۇنىۋېرسال ئىستىراھەت رايونىدا ساياھەت قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125