ئۈرۈمچى: مەدەنىيەت مەيدان- سارايلىرىدا مەدەنىيەت ئىجادىيىتى جانلاندى، «شىنجاڭ ئەسلىمىسى» ئۆيلەرگە ئېلىپ كېتىلدى
13:34:41 2025-06-27 تىيانشان تورى

 ئۈرۈمچى سەپىرى ئاخىرلاشقاندا، ساياھەتچىلەرنىڭ چامادانىدىكى كۆڭۈل قويۇپ تاللىغان مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى ئۆزگىچە «شىنجاڭ ئەسلىمىسى»گە ئايلاندى. مۇزېي، گۈزەل سەنئەت سارىيى قاتارلىق مەدەنىيەت سارايلىرى كۆڭۈل قويۇپ ياساپ چىققان مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى شىنجاڭنىڭ تارىخىي ئاساسى، ئۆزگىچە بەدىئىي جەلپكارلىقىنى تۇتۇشقا بولىدىغان ئەمەلىي بۇيۇمغا ئايلاندۇرۇپ، ساياھەتچىلەر ئەتىۋارلاپ ساقلايدىغان گۈزەل بۇيۇمغا ئايلاندۇردى.

6- ئاينىڭ 24- كۈنى، شىنجاڭ مۇزېيىدا، گۇاڭشىدىن كەلگەن ساياھەتچى «سۈرەتتەك گۈزەل شىنجاڭ» يۈرۈشلۈك شارپىلىرىنى تاللىماقتا.

 شىنجاڭ مۇزېيىدا، مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ لايىھەلەنگەن «فۇشى نۈۋا» يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى ھەم مودا ھەم قىزىقارلىق بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. سۈرەتتە شەندۇڭدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر «فۇشى نۈۋا» چاچ قىسقۇچ تاللىماقتا (6- ئاينىڭ 24- كۈنى تارتىلغان).

6- ئاينىڭ 24- كۈنى، شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت سارىيىدا، ساياھەتچى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى قالپىقىنى كىيىپ سىنىماقتا.

شىنجاڭ مۇزېيى «شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش يۇلتۇز، جۇڭگو ئېلىگە نەپ يېتەر» كىمخاب مۇھاپىزەت يەڭلىكىدىن ئىلھام ئېلىپ لايىھەلىگەن يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى مەدەنىيەتنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە ئىجادىي لايىھەسى بىلەن ساياھەتچىلەر ياقتۇرىدىغان سوۋغاتلىققا ئايلاندى. سۈرەتتە: 6- ئاينىڭ 24- كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ مۇزېيىدا «شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش يۇلتۇز، جۇڭگو ئېلىگە نەپ يېتەر» يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالماقتا.

6- ئاينىڭ 24- كۈنى، شىنجاڭ مۇزېيىدا، ساياھەتچىلەر تامغا رايونىدا تامغا بېسىپ يوقلىمىدىن ئۆتمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125