ئىككى كۈندىن بۇيان
فوتوگراف توقسۇن ناھىيەسىدىكى تىيانشان تېغى ئېتىكىدە
ئۆزگىچە «ۋۇسەيگوۋ جىلغىسى»نىڭ گېئولوگىيەلىك مەنزىرىسىنى سۈرەتكە تارتتى
بوشلۇقتىن قارىغاندا
بۇ يەر يالقۇنجاۋاتقان ئوت يالقۇنىغا ئوخشايتتى
ئالتۇن رەڭلىك كەچكى شەپەق نۇرى
قەدىمىي دېڭىز قاتمىلىرىدەك قارامتۇل كۈل رەڭ
مۆھۈرگە ئوخشاش قارامتۇل يېشىل رەڭ
سۆسۈن قوڭۇر رەڭ، قىزغۇچ ھاڭ رەڭ قاتارلىقلار بىر- بىرى بىلەن گىرەلىشىپ
تاغ گەۋدىسىنى خۇددى غايەت زور تەبىئىي رەڭ تەڭشەش تەخسىسىگە ئوخشىتىپ قويغانىدى
ئىگىلىنىشىچە
«ۋۇسەيگوۋ جىلغىسى»نىڭ گېئولوگىيەلىك مەنزىرىسىدە نامايان بولغىنى
قاتمۇقات تاغ جىنسلىرى قاتلىمىدىن شەكىللەنگەن ئۆزگىچە مەنزىرە بولۇپ
بۇ تاغ قاتلاملىرى مىليون يىللىق گېئولوگىيەلىك ئۆزگىرىش جەريانىدا
چۆكۈش، قىسىلىش ۋە ئوكسىدلىنىشنى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق
ئەڭ ئاخىرىدا بۈگۈنكى كۈندىكى دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان رەڭنى شەكىللەندۈرگەن
توقسۇن رايونىدا
ئۆزگىچە گېئو قۇرۇلمىلىق ھەرىكەت ۋە ئىنتايىن قۇرغاق كىلىماتنىڭ ماسلىشىشى بىلەن
مىنېرال ئېلېمېنتلار بۇ يەردە يۈكسەك دەرىجىدە توپلىشىپ ھەم تولۇق ئوكسىدلىنىپ
بۇ ئۆزگىچە مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن
فوتوگراف: لى جىڭخەي، خۇ گوكەي