جياڭشى پىڭشياڭ: سۇنى «تومۇر» قىلىپ، يېزا- كەنت ئىستېمالىنىڭ يېڭى موتورىنى قوزغىتىش
13:42:28 2025-06-27 تىيانشان تورى

 يېقىندا، جياڭشى ئۆلكىسى پىڭشياڭ شەھىرى شياڭدۇڭ رايونى تۇڭخۇاگۇ سۇ ئۈستى لاگېرىدا كۈلكە سادالىرى ئۈزۈلمىدى، ساياھەتچىلەر قولۋاق سەيلىسى قىلىش، شياڭجياۋ كېمىسىگە ئولتۇرۇش قاتارلىق سۇ ئۈستى تۈرلىرىنى ھېس قىلدى. بۇ يەر زۇمرەتتەك سۈزۈك، يېشىل تاغلار بىلەن ئورالغان بولۇپ، خۇددى بىر پارچە جانلىق، گۈزەل ئېكولوگىيەلىك رەسىمگە ئوخشايدۇ.

 تۇڭخۇاگۇ جىلغىسى سۇ ئۈستى لاگېرى بەيجۇ يېزىسى چۇڭيۈەن كەنتىگە جايلاشقان، چۇڭيۈەن كەنتىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى مەۋقە قىلىپ، يېزا- كەنت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە پائال ئىزدەنگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ئېلىپ كەلدى. لاگىرنىڭ ئىشىك بېلىتى كىرىمى، ساياھەت تۈرى ھەققى ۋە يېمەك-ئىچمەك، قونالغۇ قاتارلىق ئالاقىدار يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلەرنىڭ پايدىسى كەنت كوللېكتىپىغا كۆرۈنەرلىك كىرىم ئېلىپ كەلدى. بۇ كىرىملەر كەنتنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىلدى، شۇنداقلا كەنتنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنى مەبلەغ مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئەسلىدە سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرى يۇرتىنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۆرۈپ، بەس- بەستە يۇرتىغا قايتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تاللىدى، ئۇلار ئىشىكى ئالدىدىلا «ئېكولوگىيە تامىقى» يېيەلەيدىغان بولۇپلا قالماي، يەنە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىغان بولدى، «ئىشقا ئورۇنلىشىشتا يۇرتىدىن ئايرىلماسلىق» ئارزۇسى ئىشقا ئاشتى. (ياۋ يۈتىڭ)

شياڭدۇڭ رايونى بەيجۇ يېزىسى چۇڭيۈەن كەنتىدىكى تۇڭخۇاگۇ جىلغىسى سۇ ئۈستى لاگېرىدا ساياھەتچىلەر شياڭجياۋ كېمىسى قاتارلىق سۇ ئۈستى تۈرلىرىنى ھېس قىلماقتا. شىنخۇا تورى تارقاتقان (ياۋ يۈتىڭ فوتوسى)

ساياھەتچىلەر سەيلە كېمىسىدە بەخىرامان مەنزىرە تاماشاسى قىلماقتا. شىنخۇا تورى تارقاتقان (ياۋ يۈتىڭ فوتوسى)

ساياھەتچىلەر سۇ ئۈستى تۈرلىرىنى ھېس قىلماقتا. شىنخۇا تورى تارقاتقان (ياۋ يۈتىڭ فوتوسى)

لاگېرنى يېشىل تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ، زۇمرەتتەك سۇلار مەۋج ئۇرۇپ تۇرىدۇ. شىنخۇا تورى تارقاتقان (ياۋ يۈتىڭ فوتوسى)

ساياھەتچىلەر ياپيېشىل تاغ- دەريالار ئارىسىدا كېمىگە ئولتۇرۇپ سەيلە قىلماقتا. شىنخۇا تورى تارقاتقان (ياۋ يۈتىڭ فوتوسى)

بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شياڭدۇڭ رايونى بەيجۇ يېزىسى چۇڭيۈەن كەنتىدىكى تۇڭخۇاگۇ جىلغىسى سۇ ئۈستى لاگېرى، بۇ يەردە زۇمرەتتەك سۇلار دولقۇنلاپ، ئەتراپنى ياپيېشىل تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ. شىنخۇا تورى تارقاتقان (ياۋ يۈتىڭ فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125