ئەركىن تۇنىياز 2025- يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا- ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان چەت ئەللىك مېھمانلار بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى
10:59:28 2025-06-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ)  6- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 2025- يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا- ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزىدە كۆرگەزمىگە قاتناشقان قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ مىنىستىر دەرىجىلىك ئەزىز مېھمانلىرى، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە ھۆكۈمەت، كارخانا ۋەكىللىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى.

 ئەركىن تۇنىياز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، ھەرقايسى ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى بېكىتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېيىتىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى بېكىتىپ بەردى. جۇڭگو شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، مەدەنىيەت رەڭدار، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار رايىش بولغان يېڭى كەيپىيات ئۈزلۈكسىز نامايان بولماقتا. جۇڭگو شىنجاڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، بايلىق ۋە كەسىپ ئەۋزەللىكى، ئېچىۋېتىش سۇپىسى ئەۋزەللىكى، تارىخىي ئادىمىيەت ئەۋزەللىكىگە ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مول ساياھەت بايلىقىغا ئىگە بولۇپ، تەرەققىيات ئىستىقبالى ئىنتايىن پارلاق. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن كەسىپ تەرەققىياتى، ئىقتىساد- سودا ئالاقىسى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. كۆپچىلىكنىڭ كۆپرەك كېلىپ كۆرۈپ بېقىشىنى، ھەقىقىي جۇڭگو شىنجاڭنى بىۋاسىتە ھېس قىلىشىنى ھەم تېخىمۇ كۆپ كىشىگە تونۇشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 بېلارۇسىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئالېكساندىر چېرۋىياكوۋ، رۇسىيە ئالتاي چېگرا رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يېۋگېنى جېسسىۋېخ قاتارلىقلار سۆز قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: كۆرگەزمىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايمىز، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىككى تەرەپلىك ئالاقىنى كېڭەيتىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز.

 چېن ۋېيجۈن، جۇ لىفەن قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125