ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سو رۇڭجى
«بىر كىلوگىرام ئۈزۈمنى 18.98 يۈەنگە ساتقىلى بولىدۇ، ئىلگىرى بۇنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم». 6- ئاينىڭ 25- كۈنى، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى قىزىليۇلتۇز تەۋەلىك رايونى جاي كەنتىدىكى ئۈزۈمزاردا، قۇربان ئىسمائىل ئىشچىلارنى ماسلاشتۇرۇپ ئەتىسىدىكى ئۈزۈم ئۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. تۇتاش كەتكەن پارنىكلاردىكى پىشىش ئالدىدا تۇرغان ئۈزۈملەرگە قاراپ، ئۇ قەلبىدىكى ھاياجېنىنى باسالماي مۇنداق دېدى: «بۇ يىل بۇ 12 مو ئۈزۈمزارلىقتىن مۆلچەرىمچە 250 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمەن، بۇ، بۇلتۇرقىدىن بىر ھەسسە كۆپ!»
شۇ كۈنى، «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت ئۆمىكى بۇ ئۈزۈمزارغا كەلدى. كامېرا ئالدىدا، قۇربان جىددىيلىشىپ كالپۇكلىرىمۇ تىترەپ كەتتى، ئەمما جاي كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى رازىيەم ئابلىم ئۈزۈم بارىڭىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۇنى ئۆستۈرۈش تەجرىبىلىرىنى ھەمبەھرىلەشكە تەكلىپ قىلغاندا، ئۇ دەرھال تونۇشتۇرۇشنى باشلىدى: «بۇلتۇر 11- ئايدا، ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، كونا سورت ئاق كىشمىشنى يېڭى تېخنىكا بويىچە ئۆستۈردۇق، ئويلىمىغان يەردىن بۇ يىللا مول ھوسۇل ئالدۇق، بۇ ئۈزۈملەر پۇلغا يارايدىغان <ئالتۇن ئۈنچە>لەرگە ئايلاندى».
«پارنىكىمدىكى ئۈزۈملەر سىرتتا ئۆستۈرۈلگەن ئۈزۈملەردىن 20 كۈن بالدۇر پىشىدۇ». قۇربان يوپۇرماقلارنى يېنىك قايرىدى، ساپاق- ساپاق دانىسى تولغان ئۈزۈملەر پارنىكتىكى نۇردا كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرۈپ پارقىراپ تۇراتتى. ئۇ بىر تال ئۈزۈمنى ئۈزۈپ يەرگە تاشلىدى، ئۈزۈم قاڭقىپ كەتتى. «بۇ ئۈزۈم ئىنتايىن تاتلىق، يەرگە چۈشۈپ كەتسىمۇ ئېزىلىپ كەتمەيدۇ، شۇڭا بىز ئۇنىڭغا <شوخ، كەپسىز ئۈزۈم> دەپ قىزىقارلىق ئىسىم قويۇپ قويدۇق»، دەپ چۈشەندۈردى قۇربان كۈلۈپ تۇرۇپ.
ۋاقىتنى 6- ئاينىڭ 22- كۈنىگە قايتۇرايلى، قىزىليۇلتۇز تەۋەلىك رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈزۈمگە خېرىدار چاقىرىش يىغىنىدا، «شوخ، كەپسىز ئۈزۈم»نىڭ ھەر كىلوگىرامى 8.88 يۈەندىن باشلاپ كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلدى. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن سودىگەرلەر بەس- بەستە تاختا كۆتۈرۈپ باھادا رىقابەتلەشتى، نەق مەيدان كەيپىياتى قىزغىن بولۇپ، باھا تېز ئۆرلىدى. ئەڭ ئاخىرىدا، شاڭخەيلىك بىر سودىگەر رىقابەتلىشىپ ھەر كىلوگىرامى 18.98 يۈەنلىك يۇقىرى باھا بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بۇ 12 مو يەردىكى ئۈزۈمگە ئېرىشتى. بۇ سودىگەر مۇنداق بىلدۈردى: «تۇرپان ئۈزۈمىنىڭ سۈپىتى ئەلا، مەن سېتىش يولىغا نىسبەتەن ئىشەنچكە تولدۇم، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ بۇنداق ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن مۇناسىپ باھا قويۇشنى خالايمەن».
بۇ «شوخ، كەپسىز ئۈزۈم»نىڭ قىممىتى زادى قانداق قىلىپ ھەسسىلەپ ئاشۇرۇلدى؟ بۇلتۇر، جاي كەنتى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى باشقا شەھەرلەردە ئۆگىنىش ئارقىلىق ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قارار قىلدى، قۇربان نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىملاتتى.
قۇربان ئائىلىسىنىڭ تۇتاش كەتكەن پارنىكىغا سۇغىرىش، ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تېخنىكىسى قوللىنىلغان، پارنىك ئىچىدىكى قوش قەۋەتلىك توك بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان دېرىزە ئېچىش سىستېمىسى ئاپتوماتىك تەڭشەپ شامال ئۆتۈشتۈرەلەيدۇ، ئىككى تەرىپىدىكى ھاشاراتتىن ساقلىنىش تورى يېشىل مۇداپىئە تورى ھاسىل قىلغان، ئىككى كىچىك تىپتىكى مېتېئورولوگىيەلىك كۆزىتىپ ئۆلچەش ئۈسكۈنىسى تېمپېراتۇرا، نەملىك، يورۇقلۇق سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئەمەلىي ۋاقىتتا توپلايدۇ. «باراڭ شەكلىدە ئۆزگەرتىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش، سۇغىرىش، ئوغۇتلاشنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش، ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىپ ئۆلچەش» بىر گەۋدە قىلىنغان بۇ بىر يۈرۈش ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېما ئۈزۈمنى تەك كۆمۈش، تەك ئېچىشتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى ئىش تەرتىپىدىن ئۈزۈل- كېسىل خوشلاشتۇرۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى دەل جايىدا «تېمپېراتۇرىنى كونترول قىلىش، سۇنى كونترول قىلىش، يورۇقلۇقنى كونترول قىلىش» ئارقىلىق ئۈزۈمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مەخسۇس كىچىك كىلىمات يارىتىپ بەردى.
رازىيەم مۇنداق تونۇشتۇردى: ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرتۇتاش ئۇرۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش، بىرتۇتاش تەكشۈرۈش- ئۆلچەش، بىرتۇتاش سېتىشتىن ئىبارەت تىجارەت ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، قەتئىي تۈردە ئۈزۈمنى ئۆلچەم بويىچە ئۆستۈردى، ھەتتا ئۈزۈم ئۈزۈش ئىشچىلىرىنىمۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرتۇتاش تەقسىملىدى. ئىشچىلار يەنە ئۈزۈمنىڭ دانىلىرىنى شالاڭلىتىپ، كىچىك دانىلىق ئۈزۈملەرنى ئېلىۋەتتى. بۇنداق بولغاندا، پىشقاندىن كېيىنكى ئۈزۈملەر توڭلىتىش ئامبىرىدا سوغۇق ساقلانغاندا سوغۇق ھاۋا ھەربىر يوچۇقتىن تەكشى ئۆتۈپ، توشۇش جەريانىدىكى خوراش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
ھەرقانچە ياخشى ئۈزۈممۇ «كىشىلەرنىڭ بىلمەي قېلىشى»دىن قورقىدۇ، قاتناش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى «شوخ، كەپسىز ئۈزۈم»نىڭ قىممىتىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىشىدىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل. بۇ يىل 5- ئايدا، جاي كەنتىدە يېڭىدىن ياسالغان يول G312 يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى ھەم بۇ ئارقىلىق G30 ليەنيۈنگاڭ- قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىغا بىۋاسىتە بارغىلى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق قاتناش تورى بەرپا قىلىندى.
يېڭىدىن ياسالغان يول يەنە توڭلىتىش ئامبىرى، مېۋە ئۈزۈش باغچىسى، ئائىلە زىيارىتى تىجارەت رايونىنى تۇتاشتۇردى. رازىيەم مۇنداق دېدى: «ھازىر ئۈزگەن ئۈزۈملەرنى ئاپتوموبىل ھەيدەپ نەچچە مىنۇتتىلا توڭلىتىش ئامبىرىغا ئاپىرىپ ساقلىغىلى بولىدۇ». مۇكەممەل تاشيول تورىدىن نەپكە ئېرىشىپ، كەنتتىكى ئائىلىۋى مېھمانخانا ۋە ئۈزۈم ئۈزۈش قاتارلىق يېزا- كەنت ساياھەت تۈرلىرى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى كېلىپ ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى.
تاشيولدا ئاپتوموبىللار توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇراتتى؛ ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا كىشىلەرنىڭ چېھرىدە مول ھوسۇل شادلىقىغا تولغان تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. بۇ ساپاق- ساپاق «شوخ، كەپسىز ئۈزۈم»لەر تەرەپ- تەرەپكە تۇتاشقان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورىنى بويلاپ، شىنجاڭدىكى يېزا- كەنتلەرنىڭ شېرىن تەمىنى ۋەتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يەتكۈزدى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)