غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 4- لىنىيەسى (تۇرپان − جۇڭۋېي) پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
11:05:15 2025-06-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ جياڭيەن)  6- ئاينىڭ 26- كۈنى، دۆلەتنىڭ «14- بەش يىل»لىق نېفىت- تەبىئىي گاز تەرەققىيات يىرىك پىلانىدىكى نۇقتىلىق تۈر − غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 4- لىنىيەسى (تۇرپان − جۇڭۋېي)نىڭ گەنسۇ- نىڭشيا بۆلىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇنىڭ بىلەن، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 4- لىنىيەسى (تۇرپان − جۇڭۋېي) پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا نېفىت- تەبىئىي گاز بايلىقىنى تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئېچىۋېتىش شارائىتىدىكى ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى يېشىل ئېنېرگىيە يىپەك يولىنى ئورتاق بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

 غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 4- لىنىيەسى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشنىڭ 1- لىنىيەسى، 2- لىنىيەسى، 3- لىنىيەسىدىكى تۇرۇبا يولىدىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىياغا تۇتىشىدىغان يەنە بىر ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيە چوڭ لىنىيەسى. قۇرۇلۇشتا بۆلەكلەرگە بۆلۈپ قۇرۇلۇش قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، تۇرپاندىن جۇڭۋېيغىچە بولغان بۆلەكنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1745 كىلومېتىر كېلىدۇ، شىنجاڭ، گەنسۇ، نىڭشيادىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكە (ئاپتونوم رايون)دىكى 17 ناھىيە(شەھەر)دىن ئۆتىدۇ، ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن يىللىق گاز يەتكۈزۈش ئىقتىدارى 15 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا 27 مىليون توننىدىن ئارتۇق ئۆلچەملىك كۆمۈرنىڭ ئورنىنى ئالغانغا، تەخمىنەن 50 مىليون توننا كاربوننىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئازايتقانغا باراۋەر كېلىدۇ.

 غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 4- لىنىيەسىنىڭ تۇرپان- قومۇل بۆلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 583 كىلومېتىر بولۇپ، لىنىيە بويىدا بىرلەشتۈرۈلۈپ قۇرۇلغان پونكىت- مەيداندىن تۆتى تەسىس قىلىنغان، لىنىيەدە كىلاپان ئېتىش ئۆيىدىن 18ى تەسىس قىلىنغان، چوڭ، ئوتتۇرا دەريا- ئېقىنلار 12 جايدىن كېسىپ ئۆتىدۇ، تۆمۈريول كېسىپ ئۆتىدىغان ۋە 2- دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تاشيول كېسىپ ئۆتىدىغان جايدىن جەمئىي 15ى بار، 2024- يىلى 9- ئاينىڭ 29- كۈنى ئالدى بىلەن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.

 غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 4- لىنىيەسىنىڭ گەنسۇ- نىڭشيا بۆلىكىدىكى تۇرۇبىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1162 كىلومېتىر بولۇپ، خۇڭليۇ گاز بېسىمى پونكىتىدىن باشلىنىپ، جۇڭۋېي ئالاقە پونكىتىدا ئاخىرلىشىدۇ، غەربىي قىسىم خام نېفىت تۇرۇبىسى، غەربىي قىسىم تەييار ماي تۇرۇبىسى، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 2- لىنىيەسى، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 3- لىنىيەسىدىن ئىبارەت تۆت نېفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى بىلەن ئۇزۇن ئارىلىققا يانداش ياتقۇزۇلغان بولۇپ، كېسىشىپ ئۆتىدىغان نۇقتىلار زىچ.

 غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 4- لىنىيەسى (تۇرپان- جۇڭۋېي) پۈتۈن لىنىيەسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 2- لىنىيەسى، 3- لىنىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ يۈرۈشتۈرۈلۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئېنېرگىيە لىنىيەسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تۇرۇبا تورى سىستېمىسىنىڭ گاز بىلەن تەمىنلەش ئىشەنچلىكلىكى ۋە جانلىقلىقى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇلىدۇ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تېخىمۇ كۆپ تەبىئىي گازى، شىنجاڭ تارىم ئويمانلىقىنىڭ تەبىئىي گازى ۋە شىنجاڭنىڭ كۆمۈردىن ئېلىنغان گازى بوخەي دېڭىزىنى چۆرىدىگەن رايونلار، ئوتتۇرا قىسىم ۋە شەرقىي جەنۇب دېڭىز بويىدىكى رايونلارغا يەتكۈزۈلۈپ، رايوننىڭ ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئاتموسفېرا مۇھىتىنى ياخشىلاش ۋە لىنىيە بويىدىكى جايلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125