شىنجاڭ ئالبۇمى | قەد كۆتۈرۈش نەغمىسى
11:45:31 2025-06-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

1952- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى، پاختەكلى يېزىسىدىكى دېھقانلار رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى. يۈەن گوشياڭ فوتوسى سۈرەتنى شىنجاڭ سۈرەت ئامبىرى تەمىنلىگەن

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ ۋېي

 شىنجاڭ سۈرەت ئامبىرىدىكى قىممەتلىك ساقلانمىلار ئارىسىدا سارغىيىپ كەتكەن بىر پارچە سۈرەتكە تارىخنىڭ ئېغىر ۋەزنى مۇجەسسەملەنگەنىدى − ماۋ جۇشىنىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان جاۋاب خېتىنى پاختەكلى يېزىسىنىڭ باشلىقى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، دېھقانلارنىڭ چېھرىدە ئىس- تۈتەكلەر ئارىسىدىن يېرىپ ئۆتكەن ئاپتاپتەك تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

 فوتو ئاپپارات كۇنۇپكىسى بېسىلغان ئاشۇ دەقىقىدە، جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ ئەينى چاغدىكى فوتو سۈرەت كادىرى يۈەن گوشياڭنىڭ كامېراسىغا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قەد كۆتۈرۈپ ئازاد بولغاندىكى چەكسىز خۇشاللانغان سىيماسى مۇجەسسەملىنىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى «ئېتىز تەقسىملەپ، يەر تەقسىملەپ ئالدىراش بولۇپ كېتىش»تىن ئىبارەت دەۋر ساداسى خاتىرىلەنگەنىدى.

 يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، پاختەكلى يېزىسىنىڭ كۆپ قىسىم يېرىنى بىرنەچچە ئائىلىلىك چوڭ باي ئىگىلىۋالغانىدى، نۇرغۇن ئائىلىلەر «بىر ئېغىز ئۆيى يوق، بىر پۇڭ يېرى يوق» نامرات ئائىلە بولۇپ، كىيىمى تىزىدىن ئاشمايتتى، تويغۇدەك تاماق يېيەلمەيتتى. ۋاقىتنى 1952- يىلىنىڭ بېشىغا قايتۇرساق، شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزى يەر ئىسلاھاتى خىزمەت ئەترىتىنى باشلاپ بۇ جايدا شىنجاڭنىڭ يەر ئىسلاھاتى ئۇچقۇنىنى ياندۇردى. يەر ئىسلاھاتى خىزمەت ئەترىتى دېھقانلار بىلەن تاماقتا، يېتىپ- قوپۇشتا، ئەمگەكتە بىللە بولدى، دەرد تۆكۈش ۋە ھېساب ئېلىش ئارقىلىق، دېھقانلار ئاخىر نامراتلىقنىڭ يىلتىزىنىڭ كىشەنگە ئوخشاش ئېغىر ئاشۇ فېئوداللىق يەر تۈزۈمى ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ يەتتى.

 يەر ئىسلاھاتىنىڭ باھار گۈلدۈرمامىسى پاختەكلىدە ياڭرىدى. %82 نامرات ياللانما دېھقانغا كىشى بېشىغا ئۈچ مودىن كۆپرەك مۇنبەت ئېتىز تەقسىملەپ بېرىلدى، بەزىلىرىگە يەنە ئۆي ۋە دېھقانچىلىق سايمانلىرى تەقسىملەپ بېرىلدى. يەر تەقسىملەش شادلىق ناخشىسى ئىچىدە، يېڭى تۇغۇلغان بىر ئوغۇل بوۋاققا «ئىسلاھجان»(«ئىسلاھات» دېگەن مەنىدە) دەپ ئىسىم قويۇلدى، ھەتتا ئۇنىڭغىمۇ ئىككى مو كۆكتاتلىق تەقسىملەپ بېرىلدى، يېڭىدىن بىنا قىلىنغان يەردىن يېڭى ھاياتلىققا بولغان ئۈمىد تۇغۇلغانىدى.

 مىننەتدارلىق ھېسسىياتى خۇددى قەشقەر دەرياسىنىڭ سۈيىدەك مەۋج ئۇردى. 1952- يىلى 3- ئاينىڭ 23- كۈنى، يەر ئىسلاھاتى غەلىبىسىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، يۇرتداشلار سەمىمىي ھېسسىياتى بىلەن، يەر ئىسلاھاتى خىزمەت ئەترىتىدىكى شائىر تېيىپجان ئېلىيوفنى ئۆزلىرىگە ۋاكالىتەن قەلەم تەۋرىتىشكە تەكلىپ قىلىپ، قەد كۆتۈرۈش خۇشاللىقى ۋە مىننەتدارلىقىنى 208 مىسرالىق داستان «ماۋجۇشىغا تەقدىم»گە مۇجەسسەملىدى. دېھقانلار شائىرنى ئورىۋېلىپ، كونا جەمئىيەتتىكى قان- ياشلىرى ۋە يېڭى ھاياتىنىڭ خۇشاللىقىنى بەس- بەستە ئىزھار قىلىشتى. «سىز ئازاب- ئوقۇبەت ئىچىدىن بىزنى قۇتقۇزۇۋالدىڭىز، سىز يەنە بىزنى قەد كۆتۈرگۈزدىڭىز، دەل سىز بولغاچقا، بۈگۈنكىدەك ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۇق. بىز ئازاد قىلىنغان بۇ قولىمىز ئارقىلىق سىزگە بۇ خەتنى ھۆرمەت ئىلكىدە سۇندۇق.» «قەد كۆتۈرۈش نەغمىسى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ داستان تىيانشان تېغىدىن ھالقىپ جۇڭنەنخەيگە قاراپ ئۇچتى.

 شۇ يىلى 8- ئاينىڭ 30- كۈنى، رەئىس ماۋ زېدۇڭ ئۆز قولى بىلەن جاۋاب خەت قايتۇردى: «سىلەر پومېشچىكلار سىنىپى فېئودال يەر مۈلۈكچىلىكىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ ئازادلىققا ئېرىشتىڭلار، سىلەرنىڭ ۋەتەننى سۆيۈپ، مول ھوسۇل ئېلىش شوئارى ئاستىدا تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، تىرىشىپ ئىشلەپچىقىرىپ، ئۆزۈڭلارنىڭ ماددىي تۇرمۇشۇڭلارنى ياخشىلىشىڭلارنى، ھەم مۇشۇ ئاساستا، ئۆزۈڭلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەڭلەرنى قەدەممۇقەدەم ئۆستۈرۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.» ئۇ يەنە ئالايىتەن سەيپىدىنگە خەت يېزىپ، ئۇنىڭغا جاۋاب خەتنى يۇرتداشلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بېرىشنى ھاۋالە قىلدى.

 1952- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى سەھەردە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بىيۇروسىنىڭ 1- شۇجىسى ۋاڭ ئېنماۋ بىلەن مۇئاۋىن رەئىس سەيپىدىن جاۋاب خەتنى ئېلىپ يېزىلىق ھۆكۈمەت دەرۋازىسى ئالدىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە كەلگەندە، پۈتكۈل پاختەكلى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدى. يۈەن گوشياڭنىڭ كامېراسىدا بۇ تارىخىي دەقىقە خاتىرىلەندى: كىشىلەر قىزىل بايراقنى ئېگىز كۆتۈرگەن، سېۋەتكە ئالتۇن رەڭلىك شال، تولۇق دان تۇتقان قوناق، چوڭ كاۋا ۋە قوغۇنلارنى لىق قاچىلىغان، بايراملىق كىيىملىرىنى كىيگەنىدى... بۇ، ئۇلارنىڭ يېڭى دەۋرگە تەقدىم قىلغان ئەڭ ئاددىي مەدھىيەسى ئىدى. ماۋ جۇشىنىڭ جاۋاب خېتى قايتا- قايتا ئۈنلۈك ئوقۇلدى، ئالقىش ۋە تەنتەنە سادالىرى خۇددى باھار گۈلدۈرمامىسىدەك ئۇزاققىچە ياڭرىدى. يۈەن گوشياڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «يۇرتداشلار ئۇ خەتنى چۆرىدەپ، قانداق قىلغاندا ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بۇ مېھىر- شەپقەتكە جاۋاب قايتۇرۇش توغرىسىدا قىزغىن مۇزاكىرىلىشىۋاتاتتى».

 70 يىللىق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش داۋامىدا، داھىينىڭ ئۈمىدى بۇرۇنلا پاختەكلى يېزىسىدىكى مۇنبەت ئېتىزلاردا ئالتۇن رەڭلىك شال دولقۇنىغا ئايلاندى.

 ئۆتمۈشتىكى شورلۇق سايلىق يەر بۈگۈنكى كۈندە «گۈزەل شال ماكانى»غا ئايلاندى. شېنجېن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كۈچلىرى ۋە جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ پەن- تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇشى بىلەن، شورغا چىداملىق دېڭىز شالى بۇ جايدا يىلتىز تارتتى. يەتتە يىل سىناق قىلىپ تېرىش ئارقىلىق، شورغا چىداملىق دېڭىز شالىدىن نۇرغۇن ئەلا سورتلار بارلىققا كەلتۈرۈلۈپ، ئىلگىرىكى «ئاپئاق شورلۇق يەر» كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىپ «گۈرۈچ، ئاشلىق ماكانى»غا ئايلاندى. شال كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئۇزىرىشى يېزا- كەنت ئىقتىسادىي ئېكولوگىيەسىنى قايتا بەرپا قىلماقتا: تولۇق ئاپتوماتىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق پىششىقلاش زاۋۇتىدا ماشىنىلار گۈرۈلدەيتتى، شاللار ئون نەچچە ئىش تەرتىپىدىن ئۆتۈپ، «چىسەي پاشياڭ» ماركىلىق گۈرۈچكە ئايلاندى، ئېتىز ئارىسىدىن تاماق ئۈستىلىگىچە بولغان قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى كەسىپ زەنجىرى كۈنسېرى پىشىپ يېتىلدى.

 «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسى ئۇيقۇدىكى بايلىقنى تېخىمۇ جانلاندۇردى. پاختەكلى يېزىسىنىڭ يۇقارقى قاقۇللا كەنتىدىكى 30 نەچچە بۇلاقنىڭ سۈيى شىرىلداپ ئېقىپ، «شال يېزىسى بۇلاق كەنتى»نى ۋاڭخۇڭ داكا جايغا ئايلاندۇردى. دېھقانلار تۇرالغۇلىرى ئائىلىۋى مېھمانخانىلارغا ئايلاندى، ئېتىزلار مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى، «بىر كەنتتە بىر مەنزىرە بولۇش، بىر كەنتتە بىر كەسىپ بولۇش»تىن ئىبارەت گۈللىنىش مەنزىرىسى كەسىپلەرنىڭ گۈللىنىشى بىلەن تۇرمۇش گۈزەللىكىنىڭ يۇغۇرۇلۇپ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى جانلىق ئىزاھلاپ بەرمەكتە.

 يەر ئىسلاھاتى مەزگىلىدە تۇغۇلغان ئىسلاھجانغا تەقسىملەپ بېرىلگەن ئىككى مو كۆكتاتلىقتىن بۈگۈنكى كۈندىكى 10 مىڭ مولۇق ئالتۇن رەڭلىك شال دېڭىزىغىچە؛ ئەينى يىلى جاۋاب خەتنى تۇتۇپ تۇرغاندا تىترەپ تۇرغان جۈپ قوللاردىن بۈگۈنكى كۈندىكى «چىسەي پاشياڭ» ماركىسىنىڭ تەرەپ- تەرەپكە تارقىلىشىغىچە... پاختەكلىدىكى زور ئۆزگىرىش دەل شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ دەۋر ئىخچام كۆرۈنۈشى. سارغىيىپ كەتكەن ئاشۇ سۈرەت بىلەن بۈگۈنكى كۈندىكى يېپيېڭى يېزا- كەنت مەنزىرىسى ئۇزاق تارىخىي مۇساپە جەريانىدا بىر- بىرىنى نۇرلاندۇرۇپ، ئوخشاش بىر ھەقىقەتنى بايان قىلماقتا: پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى كەڭ تۇپراقتا يىلتىز تارتقاندا، خەلقنىڭ كۈرەش قىلىش ئۇلۇغ كۈچى تاشنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇپ، ئىلگىرىكى قەھرىتان سوغۇق بولىدىغان جايدا ئەڭ شېرىن كۈنلەرنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ.

 پاختەكلى يېزىسىدا دولقۇنلاپ تۇرغان شاللار دەل يېڭى دەۋرگە بېرىلگەن ئەڭ چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببەتلىك جاۋاب خەت − تېخىمۇ ھەيۋەتلىك، گۈزەل «قەد كۆتۈرۈش نەغمىسى»دۇر.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125