ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ يىپەك يولىنىڭ گۈللىنىش يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتەيلى
10:50:09 2025-06-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

 تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈش، يىپەك يولىنىڭ گۈللىنىشىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش. 6- ئاينىڭ 26- كۈنى، 2025- يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا- ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچىدە باشلاندى. 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشقان پەيتتە، بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى باشلىقلار يىغىنى نەتىجە تىزىملىكىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلىدىغان، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىچكى- تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىدىغان، جۇڭگو ۋە چەت ئەل كارخانىلىرى بىلەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا قول تۇتۇشۇپ سىڭىشىدىغان مۇھىم سۇپا بەرپا قىلدى.

 «ھازىر، يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىپ، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى. پەقەت ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ياقلايدىغان مەقسەتتىن ئېغىپ كەتمىگەندىلا، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش ئىرادىسىنى يوقاتمىغاندىلا، ئاندىن دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغدىغىلى، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ». رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت سۆزى ھېلىھەم قۇلاق تۈۋىمىزدە ياڭراپ تۇرماقتا، «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا روھى» بىزنىڭ قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ قويۇق بولغان جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىمىزنى ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك ۋە مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

 ئاسىيا- ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش خەلقئارا ھەمكارلىقىدىكى نۇقتىلىق رايون. بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسى «ئاسىيا- ياۋروپا ھەمكارلىقى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىش، يىپەك يولىنىڭ گۈللىنىشىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش»نى باش تېما قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدە، جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتە باشتىن- ئاخىر تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىدىغان قەتئىي ئېتىقادىنى يەتكۈزدى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئاسىيا- ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەيدىغان چوڭ دۆلەتكە خاس كەڭ قورساقلىقىنى نامايان قىلدى.

 مىڭ يىللىق يىپەك يولىدىكى كولدۇرما ئاۋازىدىن تارىخنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن تارقالغان ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش قەلب ساداسى ياڭرىماقتا؛ «تۆمۈر تۆگە»، «كۈمۈش قانات»لار ئالدىراش ئۆتۈشۈپ، ئاسىيا- ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئورتاق تەرەققىيات سەھىپىسىنى پۈتمەكتە. بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسى دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى 2800دىن ئارتۇق كارخانىنى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى قاتارلىق دۆلەت (رايون)لەردىن كەلگەن مېھمانلار كۆرگەزمىنىڭ خەلقئارا «دوستلار چەمبىرىكى»نىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقانلىقىغا گۇۋاھ بولماقتا. يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئوبرازىنى نامايان قىلىش باش تېمىسى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى سىستېمىلىق نامايان قىلىنىپ، ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان شىنجاڭ تاۋار سودا كۆرگەزمىسى سۇپىسى ئارقىلىق، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى پۇرسىتىدىن تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە رايون بىلەن ئورتاق بەھرىلىنىدۇ.

 شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ئۆزگىچە، ئېنېرگىيە بايلىقى مول، ئادىمىيەت بايلىقى كۆزنى چاقنىتىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى كارخانىلار ياقتۇرىدىغان تەرەققىيات ئېگىزلىكى، ئېچىۋېتىش ئالدىنقى سېپى، مەبلەغ سېلىش مۇنبەت تۇپرىقىغا ئايلانماقتا. دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپە ۋە ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت دەۋر باش تېمىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئۆزگىچە بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى»نى تىرەك قىلغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ھەر تەرەپلىمە خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى دۇنيادا تېخىمۇ كەڭ دائىرىگە كېڭەيتتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلدى.

 ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت دەۋر باش تېمىسى قەلبلەرنى لەرزىگە سېلىپ دىللارنى يورۇتىدۇ، تارىخىي تەرەققىيات پۇرسىتىدە ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ. مەۋقەنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىگە قويۇپ، بىز «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا روھى»نىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تىنچ ھەمكارلىشىش، ئوچۇق- سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش»تىن ئىبارەت يىپەك يولى روھىنى تولۇق ئەۋج ئالدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا تېخىمۇ چوڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقى ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

 ئۆزئارا ئىناق ئۆتكەندىلا، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئالغىلى بولىدۇ. يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، دۇنيا داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويغانسېرى، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ئارقىلىق ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. بىز ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يىپەك يولىنىڭ ئاۋاتلىقىنى ئورتاق يارىتىپ، ھەمكارلىق كاتتا پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشايلى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125