بۆگدۆر ئوڭۇشسىز شارائىتنى ئۆزگەرتىپ ئالغا ئىلگىرىلىدى
11:00:44 2025-06-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە

 «زىياپەت زالى 9- ئايغىچە زاكاز قىلىنىپ بولدى»، «بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئائىلىۋى مېھمانخانىدىن ياتاق تېپىش بەك تەس»... 6- ئاينىڭ 21- كۈنى، «چېگرانى بويلاپ تۈمەن چاقىرىملىق سەپەر قىلىش − ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت پائالىيىتى» شىمالىي شىنجاڭ گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ دالىمتى يېزىسى بۆگدۆر كەنتىگە باردى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئايگۈل جۇماتاي مۇخبىرلارنى باشلاپ، كەنتنىڭ ساياھەتچىلىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

 مۇشۇ پەيتتىكى بۆگدۆر كەنتىنىڭ ھەممە جايى ھاياتىي كۈچكە ۋە جۇشقۇنلۇققا تولغانىدى: مەدەنىيەت تېمى ئالدىدا، ساياھەتچىلەر بەس- بەستە رەڭگارەڭ تام رەسىملىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى؛ دېھقانلار ئارامگاھى ئالدىدا، دۇكان ئىگىلىرىنىڭ قىزغىنلىق بىلەن خېرىدار چاقىرغان ئاۋازلىرى ئۈزۈلمەيتتى؛ مەدەنىيەت ئىجادىيىتى دۇكىنىدا، ساياھەتچىلەر ياقتۇرغان ئۆزگىچە خاتىرە بۇيۇملارنى تاللاۋاتاتتى.

 كۆز ئالدىمىزدىكى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولغان قاينام- تاشقىنلىق مەنزىرىدىن بۇ جاينىڭ ئىلگىرى ھېچكىم بىلمەيدىغان چارۋىچىلار ئولتۇراقلىشىش نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى.

 بۆگدۆر كەنتى بورتالا دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقان بولۇپ، ھەيۋەتلىك قارلىق تاغ بىلەن شىنجاڭ ئارشاڭ بورتالا دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى ئوراپ تۇرىدۇ. بۇ جايدا كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ- ئادەتكە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما تەرەققىياتى ئارقىدا قالغاچقا، ئۇزاقتىن بۇيان كىشىلەر ئانچە بىلىپ كەتمەيتتى.

 ئايگۈل ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئون يىل ئىلگىرى كەنتىمىز ناھايىتى چۆلدەرەپ قالغان بولۇپ، نوپۇستىكى ئاھالە 181 ئائىلىلىك، 457 كىشى بولسىمۇ، دائىم تۇرۇشلۇق ئائىلە يېرىمغىمۇ يەتمەيتتى. كەنت ئاھالىلىرى ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىققا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى، كىرىمى ئاز ئىدى. ئوڭغۇل- دوڭغۇل يول، كەمچىل بولۇۋاتقان ئۇل ئەسلىھەلەر كەنتنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى قاتمۇقات قىيىنچىلىق ئىچىدە قويغانىدى.

 پۇرسەت 2016- يىلى يېتىپ كەلدى، ئارشاڭ ناھىيەسى 130 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ يېزا تاشيولىنى ئۆزگەرتتى، بۆگدۆر كەنتىنىڭ يول ئەھۋالى يېپيېڭى تۈسكە كىردى، قاتناش تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرىدىغان بوغما ھالەت ئەمدى كەلمەسكە كەتتى. كەنت بۇ پۇرسەتنى تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەل تەبىئىي بايلىقى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى خاس ئائىلىۋى مېھمانخانا ۋە دېھقان- چارۋىچىلار ئارامگاھى بەرپا قىلىشقا يېتەكلەپ، ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى.

 2021- يىلى، ئارشاڭ ناھىيەسى «كەسىپ + مەدەنىيەت + ساياھەت» ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، چيالۇن مەدەنىيىتىنى يادرو قىلىپ، چيالۇن مەدەنىيىتى باش تېمىلىق كەنت ۋە ھېس قىلىش رايونى بەرپا قىلدى. چيالۇن چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چېگرا مۇداپىئە قاراۋۇلخانىسى. 200 نەچچە يىل ئىلگىرى، چاخار قەبىلىسى غەربكە كۆچۈپ چېگرانى قوغداپ، ئارشاڭنىڭ چېگرا مۇداپىئەسىدە 13 جايدا چيالۇن تەسىس قىلغان. بۆگدۆر كەنتى بۇنى پۇرسەت بىلىپ، رايون تارىخى ۋە ئادىمىيەت مەنزىرىسىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە چېگرانى قوغداش مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلدۇردى.

 سىياسەتنىڭ كۈچلۈك تۈرتكىسىدە، بۆگدۆر كەنتى ھەر تەرەپلىمە ئۆزگىرىشكە باشلىدى.

 مىللەت خاسلىقى بويىچە ساياھەت ئىقتىسادى ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى قەد كۆتۈردى، ساياھەت ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كېلىپ، بىكار تۇرغان ئۆيلەر بېزىلىپ خاس ئائىلىۋى مېھمانخانىغا ئايلاندۇرۇلدى. يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش سارىيى، سەيلە- ساياھەت باغچىسى ئارقا- ئارقىدىن قۇرۇلدى، تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش، كۆرگەزمە، سەيلە- ساياھەت قاتارلىق تۈرلەر ئۈزلۈكسىز يولغا قويۇلدى. كەنتتە يەنە كېچىلىك ئىستىراھەت ۋە مەدەنىيەت بايلىقى چوڭقۇر قېزىلىپ، گۈلخان كېچىلىكى، ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرى نۆۋەت بىلەن ئورۇنلاندى...

 كەنت ئاھالىلىرى بەس- بەستە ئىگىلىك تىكلەش دولقۇنىغا ئاتلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، كەنتتە 28 دېھقان- چارۋىچىلار ئارامگاھى بار بولۇپ، كۈندىلىك كۈتۈۋالىدىغان ساياھەتچى 5000دىن ئاشتى. 2024- يىلى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 25 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

 نامى چىقمىغان چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىن ساياھەت جانلانغان ۋاڭخۇڭ كەنت بولۇشقىچە، بۆگدۆر كەنتىنىڭ ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتنى يېڭىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى قىممەتلىك تەجرىبە بىلەن تەمىنلىشى يەنە ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ يېزا- كەنت ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشى ئۈچۈن ئۈمىد نۇرىنى ياندۇردى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125