تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قۇربان بولغان قەھرىمانلارنى ياد ئېتەيلى | يەككە- يېگانە قان كېچىپ جەڭ قىلىپ تۆت بانكا ئامبىرىنى ساقلىغان «800 ئەزىمەت»
11:48:26 2025-06-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

يەككە- يېگانە قان كېچىپ جەڭ قىلىپ تۆت بانكا ئامبىرىنى ساقلىغان «800 ئەزىمەت»نىڭ نامى يىراقلارغا تارالدى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۈ شياۋچىڭ

 شاڭخەي سۇجوۋ دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقى، گۇاڭفۇ يولى 1- نومۇردىن 21- نومۇرغىچە، سۈرلۈك جىمجىتلىققا چۆمگەن بېتون قۇرۇلمىلىق ئىمارەتنىڭ سىرتقى تېمىغا «مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى − ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى تۆت بانكا ئامبىرىنىڭ كونا ئورنى» دېگەن نام تاختىسى ئېسىلغانىدى. غەربكە قاراپ ماڭغاندا، نەچچە ئون قەدەم يىراقلىقتىكى خاتىرە مەيدانىدا ئېھتىرام بىلدۈرگۈچىلەر ناھايىتى كۆپ ئىدى، كىشىلەر تۆت بانكا ئامبىرىنىڭ غەربىي تېمىدا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە قېپقالغان ئوق ئىزلىرىغا قاراپ، تىك تۇرۇپ، تەزىم قىلىپ، گۈل تەقدىم قىلىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى قەھرىمانلىرىغا ئېھتىرام بىلدۈرۈۋاتاتتى.

 88 يىل ئىلگىرى، بۇ جاي سۇڭخۇ بىرلەشمە جېڭى تۆت بانكا ئامبىرىنى قوغداش جېڭىنىڭ ئىس- تۈتەكلىرى بىلەن قاپلانغان ئىستىھكام بولۇپ، شيې جىنيۈەن قاتارلىق «800 ئەزىمەت»نىڭ خەتەرلىك پەيتتە بۇيرۇق تاپشۇرۇۋېلىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرى بىلەن بۇ جايدا تۆت كېچە- كۈندۈز كەسكىن ھۇجۇم- مۇداپىئە جېڭى قىلىپ، «800 ئەزىمەت»نىڭ تىللاردا داستان بولغۇدەك قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى قالدۇرۇپ، پۈتۈن مىللەتنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بەرگەنىدى. ئەينى چاغدا «جۇڭگو ھالاك بولمايدۇ، جۇڭگو ھالاك بولمايدۇ، كۆردىڭىزمۇ، ئاشۇ مىللىي قەھرىمان شيې تۇەنجاڭنى؛ جۇڭگو ھالاك بولمايدۇ، جۇڭگو ھالاك بولمايدۇ، كۆردىڭىزمۇ، ئاشۇ 800 ئەزىمەت يەككە- يېگانە كۈرەش قىلىپ ساقلىغان جەڭ مەيدانىنى.» دېگەن ناخشا كەڭ ئېيتىلغانىدى.

 شيې جىنيۈەن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جياۋلىڭ ناھىيەسىدىن، 1905- يىلى تۇغۇلغان. 1922- يىلى گۇاڭجوۋ دۆلەتلىك ئالىي سىفەنگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن. 1925- يىلىنىڭ ئاخىرىدا خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىگە يۆتكىلىپ 4- قارارنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغان. 1926- يىلى 10- ئايدا ئوقۇش پۈتكۈزۈپ، شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1934- يىلى 9- ئايدا لۇشەن ئوفىتسېرلار مەشىق تۇەنىدە 2- قاراردا ئوقۇش پۈتكۈزگەن. ئىككىنچى يىلى 88- شىنىڭ تولۇقلانغان تۇەنىدە جۇڭشياۋ دەرىجىلىك يىڭجاڭ بولغان.

 1937- يىلى، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپون ئارمىيەسى ئالۋاستى چاڭگىلىنى شاڭخەيگە سوزدى. «13- ئاۋغۇست» سۇڭخۇ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ياپونىيە تەرەپنىڭ ياردەمچى قوشۇنى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىدىن ئارقا- ئارقىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ شاڭخەيگە كىردى، جۇڭگو تەرەپ ئارمىيەسى ۋە خەلقىدىن ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلار ئىنتايىن كۆپ بولدى. ئۇرۇش ئىككى ئايدىن ئارتۇق داۋاملاشقاندىن كېيىن، شاڭخەينىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جاي بولغان داچاڭ قولدىن كەتتى، 88- شى 262- لۈ 524- تۇەن تۇەنجاڭىنىڭ ياردەمچىسى شيې جىنيۈەن بۇيرۇق تاپشۇرۇۋېلىپ، ئوفىتسېر- ئەسكەرلەردىن بولۇپ 420 نەچچە كىشىنى باشلاپ، 10- ئاينىڭ 26- كۈنى يېرىم كېچىدە سۇجوۋ دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى تۆت بانكا ئامبىرى (88- شىنىڭ قوماندانلىق ئاپپاراتى تۇرۇشلۇق جاي)غا ئورۇنلىشىپ، ئاساسىي كۈچنىڭ چېكىنىشىنى قوغدىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلقئارا ئاممىۋى پىكىرنىڭ قوللىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قولغا كەلتۈردى. دۈشمەننى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن، تۆت بانكا ئامبىرىنى ساقلاۋاتقان قوشۇن سىرتقا «بىنا ئىچىدە 800 ئادەم بار» دەپ جاكارلىدى، شۇڭا سىرتتىكىلەر ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ «800 ئەزىمەت» دەپ ئاتىدى.

 10- ئاينىڭ 27- كۈنى سەھەردە، ياپونىيە ئارمىيەسى تۆت بانكا ئامبىرى ئىچىدە يەنىلا بۇ يەرنى ساقلاۋاتقان جۇڭگو ئارمىيەسى بارلىقىنى بايقاپ، دەرھال ھۇجۇم قوزغىغاندا، «800 ئەزىمەت»نىڭ باتۇرلۇق بىلەن توسۇپ زەربە بېرىشىگە ئۇچرىدى. 10- ئاينىڭ 28- كۈنى كەچتە، شيې جىنيۈەن ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرگە «ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بازا بىلەن ھايات- ماماتتا بىللە بولۇش» بۇيرۇقىنى يەتكۈزۈپ، بارلىق ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە ھايات- ماماتتا بىللە بولۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى ھەم ئۇلارنى قان تۆكۈپ قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان ھەربىيلەرنىڭ جاسارىتىنى ۋە دۆلەتنى، مىللەتنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇش روھىنى نامايان قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

 ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى شاڭخەي تۆت بانكا ئامبىرى خاتىرە سارىيىنىڭ باشلىقى ما يوۋجيۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: شيې جىنيۈەن قالتىس جاسارىتى ۋە زېرەكلىكى بىلەن قوماندانلىق قىلىپ، قىسىمنى باشلاپ ئالىقانچىلىك يەردە ياۋۇز ياپون ئارمىيەسى بىلەن تۆت كېچە- كۈندۈز كەسكىن جەڭ قىلىپ، دۈشمەننىڭ ئون نەچچە قېتىملىق غالجىرانە ھۇجۇمىنى چېكىندۈرۈپ، 200 دىن ئارتۇق ياپون ئارمىيەسىنى ئۆلتۈرۈپ، يارىلاندۇرۇپ، ھاياتى ۋە ئىسسىق قېنى ئارقىلىق تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ زەپەر مارشىنى ياڭراتتى.

 ئەينى چاغدا، سۇجوۋ دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى ھەر ساھەدىكىلەر ئۈزۈلدۈرمەي ياردەم بەردى، پۇقرالار بۇ جاينى ساقلاۋاتقان ئارمىيەگە بايراق، يېمەكلىك، دورا قاتارلىقلارنى ئۆزلۈكىدىن يەتكۈزۈپ بەردى. شاڭخەي سىفەن داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى سۇ جىلياڭ مۇنداق دېدى: «800 ئەزىمەت»نىڭ يەككە- يېگانە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلغانلىق ئىش ئىزلىرى ئەينى چاغدا شاڭخەيدىكى تەرەققىي قىلغان تاراتقۇ كۈچلىرىنىڭ ياردىمىدە يىراق- يېقىنغا تونۇلۇپ، جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ چېكىنىپ چىقىشى ئۈچۈن ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكىلەرنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى كۈرەش ئىرادىسىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، دۇنياغا بارلىق جۇڭگولۇقلارنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش جاسارىتى ۋە ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

 2015- يىلى 8- ئايدا، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى شاڭخەي تۆت بانكا ئامبىرى خاتىرە سارىيى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى، ئىمارەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامبارنىڭ غەربىي تېمى قاتارلىقلار «ئەسلىي ھالىتىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا رېمونت قىلىندى.» يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان، بۇ جايغا كېلىپ ئېھتىرام بىلدۈرىدىغانلار كۆپىيىپ، جەمئىي 6 مىليون 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. شيې جىنيۈەننىڭ ئوغلى شيې جىمىن، نەۋرە قىزى شيې جۈن قاتارلىقلار ئارقا- ئارقىدىن پىدائىي چۈشەندۈرگۈچىلەر سېپىگە قوشۇلدى.

 بۈگۈنكى كۈندىكى سۇجوۋ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرگەن بولۇپ، ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدۇ. شيې جۈن مۇنداق دېدى: «نەچچە مىڭ قېتىملىق بايان قىلىپ چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، بىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى روھىغا ۋارىسلىق قىلىمىز، تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلىساقلا، ئاندىن بۈگۈننى قەدىرلەپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتالايمىز».

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 6- ئاينىڭ 24- كۈنى تېلېگراممىسى)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125