− 2025- يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا- ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ باشلانغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ
ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلار، دوستلار جەم بولدى، بەش قىتئەدىكى سودا پۇرسىتى توپلاندى. 6- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزىدە، «ئاسىيا- ياۋروپا ھەمكارلىقى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىش، يىپەك يولىنىڭ گۈللىنىشىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش» باش تېمىسىدىكى 2025- يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا- ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسى قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلدى.
«بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىش دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۈزلۈكسىز تارتتى. شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتىدە، ھەرقايسى تەرەپلەر بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىگە نىسبەتەن ئۈمىدكە تولدى. 50 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 2800دىن ئارتۇق كارخانا مەھسۇلات، تېخنىكا ۋە ھەمكارلىق ئارزۇسىنى ئېلىپ كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ، يىغىنغا قاتنىشىپ، ئاسىيا- ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش يېڭى مەنزىرىسىنى ئورتاق سىزىپ چىقىدۇ.
ئەتىگەندىلا، يىغىنغا قاتناشقان جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار كۆرگەزمە باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانىغا ئارقا- ئارقىدىن يېتىپ كەلدى. يىغىن مەيدانىنىڭ مەركىزىدىكى چوڭ ئېكراندا قويۇلۇۋاتقان كۆرگەزمە- يىغىن مەخسۇس فىلىمى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ھەيۋەتلىك، گۈزەل تىيانشان تېغىدىن بىپايان تەكلىماكان قۇملۇقىغىچە، مىللىي ئۆرپ- ئادەت نامايان بولۇپ تۇرغان قەدىمىي شەھەر كوچىلىرىدىن قاينام- تاشقىنلىققا تولغان ئاۋات زامانىۋى شەھەرلەرگىچە، رەڭدار، گۈزەل شىنجاڭ كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى. «بىز ئېكران ئارقىلىق، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، ھەمكارلىشىش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئالىدىغان بىر داغدام يولنى كۆردۇق»، دېدى يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار ھاياجانلانغان ھالدا.
سائەت 10دا، كۆرگەزمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى باشلاندى. خاڭجوۋ يۈشۇ پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى قالتىس باشلىنىش ئۇسسۇلى ئېلىپ كەلدى، ئادەم سىياقلىق ماشىنا ئادەم مۇزىكىغا ئەگىشىپ گەۋدىسىنى جانلىق ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ھەرىكەتنى دەل جايىدا قىلىپ، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارغا مىڭ يىللىق يىپەك يولىدىكى پەن- تېخنىكا يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلدى.
«ئاسىيا- ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە يوشۇرۇن كۈچىگە تولغان بولۇپ، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىش خەلقئارا ھەمكارلىقىدىكى نۇقتىلىق رايون».
«جۇڭگو شىنجاڭ ئاسىيا- ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم تۈگۈن نۇقتا ۋە <بىر بەلباغ، بىر يول> يادرولۇق رايونى بولۇپ، جۇڭگو- غەرب مەدەنىيلىكىنى تۇتاشتۇرۇش، جۇڭگونىڭ ئاسىيا- ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىزچىل مۇھىم رول ئويناپ كەلدى».
«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، <بىر بەلباغ، بىر يول> يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە رايوننىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى».
...
قىزغىنلىق ئۇرغۇپ تۇرغان سۆز قىلىشتىن كېيىن، 2025- يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا- ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسى رەسمىي باشلاندى.
بۇ، بىر مەيدان «دىققەت كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈلگەن» كاتتا يىغىن −
بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە «N + 10 + 1»دىن ئىبارەت ئىجادىي ئەندىزە بويىچە كۆرگەزمە رايونى لايىھەلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، «10» دىققەتنى شىنجاڭنىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ مەخسۇس تېمىلىق ساراي تەسىس قىلىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ − يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىدە يېڭى تىپتىكى ماتېرىياللارنى كۆرگەزمە قىلىشتىن، رەقەملىك ئىقتىساد كەسپىدە ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلارنى ئەمەلىي قوللىنىشقىچە، يەنە خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىشقىچە، تولۇق ئامىللىق كەسىپ زەنجىرىنىڭ نامايان قىلىنىشى يۇقىرى- تۆۋەن ئېقىندىكى كارخانىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
تۇنجى قېتىم كۆرگەزمىگە قاتناشقان لۈنېڭ خۇيچۇڭ رەقەملىك ئېنېرگىيە تېخنىكىسى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇدىرى جاۋ تۇڭيۈ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك ئىكەن، بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسى سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، بىز نۇرغۇن كەسىپداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى- تۆۋەن ئېقىن كارخانىلىرىنى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا جەلپ قىلىمىز».
بۇ، «قوش ئايلىنىش»نى راۋانلاشتۇرىدىغان بىر كۆۋرۈك −
بىر ئۇچى سودا پۇرسىتى چەكسىز بولغان مەملىكەت سىرتى چوڭ بازىرىغا تۇتاشقان، بىر ئۇچى ئېھتىياجى كۈچلۈك بولغان دۆلەت ئىچىدىكى «يېڭى بازار بوشلۇقى»غا تۇتاشقان بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە دۇنيادىكى ياخشى بۇيۇملار نامايان قىلىنىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى «قوش ئايلىنىش»نىڭ مۇستەھكەم كۆۋرۈكىنى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىلىدۇ.
ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قاتارلىق جايلاردىن كەلتۈرۈلگەن خاس تاۋارلار كۆزلەرنى قاماشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى سېتىۋېلىش سودىگەرلىرىنى قەدىمىنى توختىتىپ كېڭىشىشكە جەلپ قىلدى. دۆلەت ئىچىدىكى ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلار ۋە ئىجادىي تېخنىكىلار ئوخشاشلا چەت ئەللىك سودىگەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى 17 كارخانىنى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىدى، 50كە يېقىن كۆرگەزمە بۇيۇمى كۆرگەزمە قىلىندى. خېجوۋ خۇجىن مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى ئېلىپ كەلگەن ھەر خىل چايلار كۆرگەزمە ئىشكاپىدا رەت بويىچە تىزىلغان بولۇپ، چاينىڭ سۇس خۇش پۇرىقى دىماققا ئۇرۇلاتتى. «بىز ئىنتايىن تولۇق تەييارلىق قىلىپ، ئەڭ يېڭى، ئەڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەلدۇق.» بۇ شىركەتنىڭ خىزمەتچىسى مو يوۋمىڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، شىركىتىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارغا سېتىلدى، بۇ قېتىمقى سەپىرىمىزدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كەڭ بازىرىنى ئېچىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
بۇ، بىر قېتىملىق «ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش»نىڭ جاكارلىنىشى −
ھازىر، دۇنياۋى ئىقتىساد ئەندىزىسى چوڭقۇر تەڭشىلىۋاتىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئىرادىسى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىندى.
«جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار بولۇشتىكى جەلپكارلىقى ۋە پۇرسىتى، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىرادىسى ۋە ئەمەلىيىتى، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى شارائىتى ۋە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنى بىر پارچە غايەت زور <ماگنىت>تەك ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنى بۇ جايدا جەم بولۇشقا جەلپ قىلدى.» نېپاللىق سودىگەر داكالنىڭ بۇ قېتىم شىنجاڭغا 8- قېتىم كېلىشى بولۇپ، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بارغانسېرى ئەلالىشىۋاتقان كۆرگەزمىدە، كەينى- كەينىدىن كۆرگەزمىگە قاتنىشىش جەريانىدا، بارغانسېرى كۆپ كارخانىلار ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭدا يېڭى پۇرسەت تاپتى».
ئادەملەر بىلەن لىق تولغان كۆرگەزمە سۇپىسى، ئەمەلىي ئىمزالانغان كېلىشىم، قىزغىن، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇش، مول ھوسۇلغا تولغان ھېكايىلەر... بىر مەيدان كاتتا يىغىن يىپەك يولى روھىنى يېڭى دەۋردە تېخىمۇ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نۇر چېچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)