ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى
6- ئاينىڭ 23- كۈنى سەھەردە، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ يامانسۇ بەخت يېڭى رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق چېگرا قوغدىغۇچى تۇراخۇن ئايۇپ بىر ھەپتىلىك چېگرا چارلاش- قوغداش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، موتوسىكلىتىنى مىنىپ تاغ ئېتىكىگە ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى. ئۇنىڭ بۇ قېتىم نۆۋەت بىلەن دەم ئېلىپ ئۆيىگە قايتقان مەزگىلى دەل يامانسۇ بەخت يېڭى رايونىغا كۆچۈپ كەلگەنلىكىگە بىر يىل بولغان كۈن ئىدى.
يامانسۇ بەخت يېڭى رايونى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يامانسۇ قىرغىز يېزىسى بوز كەنتىگە جايلاشقان. بۇلتۇر 6- ئاينىڭ ئاخىرىدا، تۇراخۇن ئائىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى 7.1 بال يەر تەۋرەشتە بىر قەدەر ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان 41 دېھقان ئائىلىسى يېڭىدىن قۇرۇلغان يامانسۇ بەخت يېڭى رايونىغا ئارقا- ئارقىدىن كۆچۈپ كەلدى. بىر يىلدىن بۇيان، بەخت يېڭى رايونى ئاپەتكە ئۇچرىغانلىقتىن كۆچۈپ كەلگەن، ئىشەنچ ۋە ئۈمىدكە تولغان ئائىلىلەر تەرىپىدىن بېزىلىپ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى، چېگرادىكى ناھىيە، چېگرادىكى يېزىلاردا يارىتىلغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پايدىسى بۇ ئاھالىلەر يېڭى رايونىنى تېخىمۇ رەڭدار، گۈزەل تۈسكە كىرگۈزدى.
مۇھىت گۈزەللىشىپ، ئائىلىلىكلەر رايونى گۈللۈككە ئايلاندى
ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن تۇراخۇن ئاراممۇ ئالماي، ئۈزۈم بارىڭى ئاستىغا قويۇلغان تەشتەكتىكى گۈللەرنىڭ يەنە قانچىلىك ئېچىلغانلىقىغا، كۆكتاتلىقتىكى شوخلىلارنىڭ قانچىلىك چوڭايغانلىقىغا قارىدى. خوتۇنى ئامانگۈل راخمان بىر چۆگۈن سۇ ئېلىپ كەلدى، ئەر- خوتۇن ئىككىيلەن گۈللەرنى سۇغارغاچ بەخت يېڭى رايونىدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا پاراڭلاشتى.
«يەر تەۋرەشتە بۇزۇلۇپ كەتكەن ئۆيدىن بەخت يېڭى رايونىغا كۆچۈپ كەلگىنىمىزگە بىر يىل بولدى، چۈش كۆرۈۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن. بۇ جاينىڭ تۇرمۇش مۇھىتى بۇرۇنقىدىن خېلىلا راھەت، خېلىلا زامانىۋى، گۈلزارلىقتا ياشاۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ»، دېدى تۇراخۇن ئايالىغا.
ئەر- خوتۇن ئىككىيلەن ئەسلىدە يامانسۇ قىرغىز يېزىسى يۇلتۇزبۇلاق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئىدى، 2024- يىلى 1- ئاينىڭ 23- كۈنى سەھەردە ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرى ھەم ئاپەتكە ئۇچرىغان باشقا ئامما بىخەتەر ئورۇنغا يۆتكەلدى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مىنۇت- سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىلەن بىللە، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنىمۇ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. شۇ يىلى 6- ئايدا، يەر تەۋرەشكە چىداملىقلىقى كۈچلۈك، كۆركەم- ئازادە، ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان ئورۇنلاشتۇرۇش رايونى بوز كەنتىنىڭ كەنت بېشىدىكى چۆللۈكتە قۇرۇلدى، ئاپەت رايونىدىكى خەلق ئۇنى «بەخت يېڭى رايونى» دەپ ئاتىدى.
تۇراخۇننىڭ قوشنىسى رايىلە قېيۇمنىڭ ئۆيىنىڭ ئىچى- سىرتى ناھايىتى رەتلىك يىغىشتۇرۇلغان بولۇپ، مېھمانخانىغا تىزىلغان گۈللەر بۇ بەش جان ئائىلىنىڭ گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇراتتى. «بەخت يېڭى رايونىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، بىز بىر تەرەپتىن دۇكان ئاچتۇق، كالا، قوي باقتۇق، بىر تەرەپتىن ئۆي جاھازلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى تولۇقلاپ، ئۆينى سەرەمجانلاشتۇردۇق»، دېدى تىككۈچىلىك ھۈنىرى بار رايىلە.
بىر يىللىق ۋاقىت ئىزنالىرى بەخت يېڭى رايونىدىكى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان بەخت تۇيغۇسى ئىچىگە خاتىرىلەندى، يەنە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈزبەرگەن رايوندىكى چوڭ- كىچىك ئۆزگىرىشلەردە خاتىرىلەندى. «چېگرانى بويلاپ تۈمەن چاقىرىملىق سەپەر قىلىش − ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت پائالىيىتى» جەنۇبىي شىنجاڭ گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ شەھەر- بازار، يېزا- كەنتلىرىدە شۇنى ھېس قىلدىكى، ھەر مىللەت خەلق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بەرگەنلىكىنى قەلبىدە چىڭ ساقلاپ، چېگرانى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ، ماكانىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرمەكتە ئىدى، بۇ دەل شۇ جاينىڭ پارتىيەنىڭ 104 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىگە تەقدىم قىلغان سوۋغىسى ئىدى.
خەلقنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولدى، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى
بەخت يېڭى رايونى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان 41 ئائىلىنىڭ ماكانى، بوز كەنتىدىكى بىر كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى بولۇپلا قالماي، يەنە يامانسۇ قىرغىز يېزىسىدىكى ئامما مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدىغان يېڭى سۇپا، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى يېڭى نام كارتىسى.
بۇلتۇر 6- ئاينىڭ 30- كۈنى، بوز كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەمەت ياسىن بەخت يېڭى رايونىغا كۆچۈپ كەلدى. ئۇ يېپيېڭى قىياپەتنى كۆرگەندىن كېيىن، ئىختىيارسىز ماختاپ كەتتى. «جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى + قىرغىز مىللىتى مەدەنىيىتى»نىڭ قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى، كەڭ كەتكەن مەدەنىيەت چوڭ سەھنىسى، چېنىقىش مەيدانى، ئىقتىدارى تولۇق بولغان دەم ئېلىش ئۆيى، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۆيى، پائالىيەت ئۆيى، كىتاب ئوقۇش ئۆيى، ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كەلگەن دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى.
خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئىشلار چىگىش ھەم مۇرەككەپ. يامانسۇ قىرغىز يېزىسىدا بىر يىلدىن بۇيان، يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى تۈرلۈك ئۆزگەرتىپ- كېڭەيتىپ قۇرۇلغان، يېڭىدىن قۇرۇلغان ئۇل ئەسلىھەلەر ھەم خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلققە پايدىلىق بولغان، خەلققە قولايلىق يارىتىدىغان نۇرغۇن تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى خەلق تۇرمۇشى بىلەن چەمبەرچاس باغلاندى. بەخت يېڭى رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاھالىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئاھالىلەر خەلق تۇرمۇشى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلگەن ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تولۇق ھېس قىلدى.
بەخت يېڭى رايونىغا تەخمىنەن بىر كىلومېتىر كېلىدىغان يامانسۇ قىرغىز يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ياتاق بىناسى يەر تەۋرەشتە خەتەرلىك ئۆيگە ئايلىنىپ قالدى، ھۆكۈمەت تېزدىن مەبلەغ ئاجرىتىپ ئۇنى مۇستەھكەملىدى ھەم نۇرغۇن ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى كۆپەيتتى، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار بۇلتۇر 6- ئايدا ۋاقىتلىق ئوقۇتۇش نۇقتىسىدىن مەكتەپكە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، بىخەتەر، ئازادە مۇھىت كۆپچىلىكنى ھەر كۈنى ياخشى كەيپىياتتا دەرس ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بۇ مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خې لى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ يىل باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھان نەتىجىسى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆرۈنەرلىك ياخشى بولۇپ، 24 ئوقۇغۇچى شىنجاڭ رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپىغا ئۆتتى.
بۇلتۇر 6- ئايدىن بۇيان، يامانسۇ قىرغىز يېزىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ كادىرى بەي رەنرەن خىزمەتداشلىرى بىلەن دائىم بەخت يېڭى رايونىغا بېرىپ ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلدى، ئۇلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئائىلىلەرنىڭ روھىي قىياپىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى روشەن ھېس قىلدى. «مەيلى قايسى ئۆيگە بارايلى، ئەگەر بىز بىر يۇتۇم چاي ئىچمىسەك، ئۆي ئىگىسى تۇتۇۋېلىپ ماڭغىلى قويمايدۇ. ئىلگىرى ئائىلىلەرگە كىرگىنىمىزدە، ھەمىشە ئاممىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىغا نېمە قىلىپ بەرگەنلىكىنى تەشۋىق قىلاتتۇق؛ ھازىر ئائىلىلەرگە كىرگىنىمىزدە، ئامما تەشەببۇسكارلىق بىلەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارغا نېمە قىلىپ بەرگەنلىكىنى تەپسىلىي ساناپ بېرىدۇ»، دېدى بەي رەنرەن.
كىرىم مۇقىم ئاشتى، ئورتاق بېيىش چۈش ئەمەس
كۆچۈپ كەتكەن ئىنىم قانداقراق ئۆتۈۋاتقاندۇ؟ بۇ، بىر مەھەل نۇرئايشا ئىسمايىل كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالغانىدى. بەخت يېڭى رايونىغا بېرىپ ئىنىسى خۇشتاربېك ئىسمايىلنى يوقلاش قېتىم سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، نۇرئايشا ئىنىسىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئەنسىرەشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوقلۇقىنى بايقىدى.
«ئاچا، بۇ، بۇلتۇر 6- ئاينىڭ ئاخىرى مەن كۆچۈپ كەلگەندە، سىز ماڭا سوۋغا قىلغان بۇستارتقۇ. كۆچۈپ كەلگەن بۇ بىر يىلدا، تۇرالغۇ مۇھىتىمىز ئىلگىرىكىدىن ياخشىلاندى، تاپقان پۇلىمىز ئىلگىرىكىدىن كۆپەيدى.» 6- ئاينىڭ 23- كۈنى، بەخت يېڭى رايونى ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ يان تەرىپىدە ئولتۇرۇشلۇق خۇشتاربېك ئاچىسىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئاشخانىدا تاۋۇز تىلغاچ شۇنداق دېدى.
ئاچا- ئىنى ئىككىيلەن ئىلگىرى يامانسۇ قىرغىز يېزىسىنىڭ ئايدىڭ كەنتىدىكى تۇرمۇشى توغرىسىدا، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىرىم ئاشۇرۇش يولىنى ئېلىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا پاراڭلاشتى. پاراڭلىشىش جەريانىدا، خۇشتاربېك ئاپتوبۇسقا ئولتۇرىدىغان يۇرتداشلارنىڭ ۋېيشىن ئۇچۇرىنى پات- پات تاپشۇرۇۋالدى. ئۇ بەخت يېڭى رايونىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، يېزا- كەنت يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ھەيدىدى، كونا خېرىدارلىرىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى.
تۇراخۇن بىلەن ئامانگۈل مەسلىھەتلەشتى، ئۇلار بەخت يېڭى رايونىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن مۇقىم كىرىمى بار بولدى، چوڭ قىزى بۇلتۇر يېزىلىق ھۆكۈمەتتە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنىغا ئېرىشتى، 2- قىزى بۇ يىل داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىر ئائىلىدىكى بەش جان كىشى ئىچىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوغلىدىن باشقا ھەممىسى خىزمەت قىلىپ، تۇرمۇشى ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتىدۇ.
«بەخت يېڭى رايونىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلارنىڭ ھەممىسى ئىشقا ئورۇنلاشتى.» بەخت يېڭى رايونىدا كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان ئامانگۈل مۇنداق دېدى: «سىلەر نۇرغۇن ھويلىلارنىڭ ئىشىكىنىڭ قۇلۇپلاقلىق ئىكەنلىكىنى، ئۆيدە ئادەم يوقلۇقىنى كۆردۈڭلار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سىرتقا ئىشلىگىلى ياكى سودا قىلغىلى چىقىپ كەتتى».
ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايوندا، بەخت يېڭى رايونىدىكى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنىڭ مۇقىم ئېشىشى، ئورتاق بېيىشقا قاراپ مېڭىشى ئايرىم ئەھۋال ئەمەس. يامانسۇ قىرغىز يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شى جيەن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى مىسالغا ئالساق، پۈتۈن يېزىدا ئەمەلىي بار بولغان ئەمگەك كۈچى 4928كىشى بولۇپ، كېسەل سەۋەبىدىن ئۆيىدە كۈتۈنۈۋاتقانلار، بالىسىنى ئېمىتىۋاتقان ئاياللار قاتارلىقلاردىن باشقا، 4710 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى. 2024- يىلى يېزا بويىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر 74 بولۇپ، 71ى ئىشقا ئورۇنلاشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)