قورغاس ناھىيەسى لۇساۋگوۋ بازىرى سىگۇڭ كەنتىنىڭ بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرىتى (6- ئاينىڭ 24- كۈنى تارتىلغان). ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈن
6- ئاينىڭ 24- كۈنى، «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» زىيارەت ئۆمىكى «جۇڭگو ئۈستىقۇددۇس ماكانى» قورغاس ناھىيەسىگە كەلدى، «خۇاڭخۇاڭ» نامى بىلەن پۈتۈن مەملىكەتتە داڭق چىقارغان لۇساۋگوۋ بازىرىنىڭ سىگۇڭ كەنتىگە كېلىپ، «خۇاڭخۇاڭ كەنت باشلىقى نىگارە» سۆزلىگەن سىگۇڭ كەنتىنىڭ «تاشلىق كەنت»تىن ئۈستىقۇددۇس «گۈل دېڭىزى كەنتى»گە ئۆزگەرگەنلىكىدەك «تاشلىقتىن گۈل دېڭىزىغا ئۆزگىرىش» ھېكايىسىنى ئاڭلاپ، ئەركىن- ئازادە بولغان ئاستا رىتىملىق تۇرمۇشنى ھېس قىلدى.
«بۇ جاي شىمالدا تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي بۆلىكىدىكى تارماق تاغ تىزمىسى كۆكۈرچىن تېغىغا تۇتىشىدۇ، شىمالىي كەڭلىك 43 گىرادۇسلۇق ئالتۇن كىلىمات بەلبېغىغا جايلاشقان...» ئۈستىقۇددۇس گۈزەل- سەنئەت مۇزېي سارىيىدا «تاشلىقتىن گۈل دېڭىزىغا ئۆزگەرگەن خۇاڭخۇاڭ كەنتىدىكى ئىشلار»نى سۆزلەش قورغاس ناھىيەسى لۇساۋگوۋ بازىرى سىگۇڭ كەنتى يېزا تەرەققىيات مەركىزىنىڭ مۇدىرى نىگارە ئابدۇنەبىنىڭ ئاساسلىق خىزمەتلىرىنىڭ بىرى، لېكىن نۇرغۇن كىشى ئۇنى بۇ جايدا ئەمەس، بەلكى دوۋيىن سۇپىسىدا تونۇغان، «خۇاڭخۇاڭ كەنتى باشلىقى نىگارە» 22 مىڭ مەستانىسى بار «توردا ئالقىشلانغۇچى».
«ھەئە مەن، توغرا دېدىڭىز، مەن دەل خۇاڭخۇاڭ كەنتىنىڭ باشلىقى نىگارە». نىگارە ئابدۇنەبى كۈلۈپ تۇرۇپ ئۆزىنى جەمئىيەتتە چېنىققاندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن قىز داشۆ ئوقۇغۇچىسى، دېدى.
2021- يىلى، نىگارە ئابدۇنەبى ئىلى سىفەن داشۆسىنى پۈتكۈزۈپ، مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ لۇساۋگوۋ بازىرىغا قايتىپ كەلدى، ئۇ ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى. 2024- يىلى 11- ئايدا، سىگۇڭ كەنتىگە بېرىپ ۋەزىپە ئۆتىگەندىن كېيىن، ئۇ خۇاڭخۇاڭ كەنتنىڭ «ۋاكالەتچىسى»گە ئايلاندى.
«نېمە ئۈچۈن خۇاڭخۇاڭ كەنتى دېيىلىدۇ؟»
سانسىز قېتىم سورالغان بۇ سوئالغا نىگارە ئابدۇنەبى سەۋرچانلىق بىلەن مۇنداق جاۋاب بەردى: خۇاڭ (晃) خېتى كۈن ۋە نۇردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇ جايدا كۈن نۇرىنىڭ بىرقەدەر يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى، ئۈستىقۇددۇسنىڭ بولۇق ئۆسۈشىگە ئىنتايىن ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بىر خىل ئەركىن- ئازادە بولغان ئاستا رىتىملىق تۇرمۇشنى تەشەببۇس قىلىش، كۆپچىلىكنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر ئېسىدە ساقلىۋېلىشى ئۈچۈن «خۇاڭخۇاڭ» دېگەن سۆزنى ئىشلەتتىم.
«قايتىپ كېلىشنى تاللىشىم يۇرتۇمنى تېخىمۇ ياخشى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن». كىچىكىدىن لۇساۋگوۋ بازىرىدا چوڭ بولغان نىگارە ئابدۇنەبى سىگۇڭ كەنتىنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىدۇ.
«ئىلگىرى بۇ يەرنىڭ تۇپرىقى ئۈنۈمسىز، تۇپراق قاتلىمى نېپىز، تاش كۆپ، ھوسۇلى ئاز بولۇپ، قىزلار ياتلىق بولۇپ كېلىشنى خالىمايدىغان يىراق- يېقىندا داڭقى بار <تاشلىق كەنت> ئىدى»، دەپ تونۇشتۇردى نىگارە ئابدۇنەبى.
ئۆزگىرىش 2009- يىلى 60 مو يەردىكى ئۈستىقۇددۇس گۈللۈكىنىڭ سىناق تەرىقىسىدە تېرىلىشىدىن باشلاندى. ئەنئەنىۋى زىرائەتلەرگە قارىغاندا پايدىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى پۇقرالارنىڭ تېرىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. 2017- يىلى، ئۈستىقۇددۇس تېرىلغۇ كۆلىمى پۈتۈن كەنت ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ %95تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى.
2019- يىلىدىن باشلاپ، سىگۇڭ كەنتى «ئاستا رىتىملىق تۇرمۇش» ئىستىراھەت ھالىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىشقا باشلىدى، ئائىلىۋى مېھمانخانىلار قۇرۇلدى، ئاشخانىلار ئېچىلدى، ئۈستىقۇددۇسنى تايانچ قىلغان كەسىپلەر ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشكە باشلىدى.
بۈگۈنكى كۈندە، 12 مىڭ مو يەردىكى ئۈستىقۇددۇس گۈل دېڭىزىغا تايىنىپ، ئۈستىقۇددۇس ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سەيلە- ساياھەت، يېمەك- ئىچمەك، ياتاق بىر گەۋدە قىلىنغان 1-، 2-، 3- كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يولى ماڭغانسېرى كېڭەيمەكتە.
2024- يىلى، سىگۇڭ كەنتىنىڭ كوللېكتىپ كىرىمى 2 مىليون 910 مىڭ يۈەن، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 22 مىڭ 500 يۈەن بولۇپ، يىراق- يېقىنغا داڭلىق «ۋاڭخۇڭ كەنت»كە ئايلاندى.
ھازىرغىچە، سىگۇڭ كەنتىدە جەمئىي 62 ئائىلىۋى مېھمانخانا، 30دىن ئارتۇق يېمەك- ئىچمەك دۇكىنى، 40تىن ئارتۇق ئۈستىقۇددۇس خاس مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش دۇكىنى بار بولۇپ، بۇلتۇر 400 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالدى.
يۇرتىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تونۇشتۇردى، مەدەنىيەت- ساياھەت پائالىيەتلىرىنى تەشۋىق قىلدى ۋە تارقاتتى، ئۈستىقۇددۇس خاس مەھسۇلاتلىرىنى توردا كۆرگەزمە قىلدى، ئۇزۇن چاچلىرى يەلپۈنۈپ تۇرىدىغان، ئوبرازى ياخشى، سالاپەتلىك «خۇاڭخۇاڭ كەنتى باشلىقى نىگارە» يۇرتىنى تونۇشتۇرغاندا، پەخىرلىنىش ۋە ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى چىقىپ تۇراتتى.
بىر- بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن سۆسۈن رەڭلىك گۈل دېڭىزى شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ ھەميېنىنى تومپايتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى «كەنت باشلىقى نىگارە»گە ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ ياشنى «ئون چاقىرىم يىراقلىقتىن كېلىپ ياشلىق باھارىنى ئورتاق پۈتۈش»كە يېتەكلىدى.
2024- يىلى، سىگۇڭ كەنتىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇرتىغا قايتقانلار 68 كىشى بولۇپ، ئوتتۇرىچە يېشى 28.7 ياش ئىدى.
بۈگۈنكى كۈندە سىگۇڭ كەنتىنىڭ گۇيخۇا يولىدا لايىھەلەش ئىشخانىسى، ۋاڭخۇڭ ئاشخانىلار ئەنئەنىۋى تۇرالغۇلار بىلەن قوشنا بولۇپ، مودىلىق بىلەن ئەنئەنىۋىلىك بىر- بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇرىدۇ.
مەيلى G30 لىنىيەسى ليەنيۈنگاڭ- قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا مېڭىڭ، ياكى G312 دۆلەت يولى لىنىيەسىدە مېڭىڭ، ھەممىسىدە خۇاڭخۇاڭ كەنتىدىن ئۆتىسىز، كەڭساي بىلەن قورغاسقا بېرىپ كېلىدىغان ساياھەت لىنىيەسىدە، ئەگىلىپ ئۆتۈپ، قەدىمىڭىزنى ئاستىلىتىپ، ئەركىن- ئازادە بولغان ئاستا رىتىملىق تۇرمۇشنى ھېس قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)