«ئون چوڭ كەسىپ توپى» تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە جۇلالاندى
11:57:38 2025-06-30 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ

 يىپەك يولىدا سودا دولقۇنى مەۋج ئۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ سالاپىتى بەس- بەستە نامايان قىلىندى.

 2025- يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا- ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە، تۇنجى قېتىم تەسىس قىلىنغان «ئون چوڭ كەسىپ توپى» كۆرگەزمە سارىيى دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن كېلىپ كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى: يېڭى ئېنېرگىيە كۆرگەزمە رايونىدىكى يورۇقلۇق ۋولت تاختىسى قاتار تىزىلىپ كۆزنى چاقناتتى، يېشىل كانچىلىق رايونىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كان ئاپتوموبىلى مودېلى كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى...

 بۇ جاي تاۋار كۆرگەزمە سۇپىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بويىچە ئۇدۇللىشىدىغان جاي.

 بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسى «N + 10 + 1» كۆرگەزمە رايونى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭدىكى «ئون چوڭ كەسىپ توپى»نى كوللېكتىپ ھالدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كەسىپداشلارنىڭ نەزەر دائىرىسىگە قويۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشتىكى مەزمۇت قەدىمىگە گۇۋاھ بولدى.

 پەن- تېخنىكا تۇيغۇسى يېتەرلىك بولۇپ، يېڭى مەھسۇلاتلار دىققەتنى تارتتى

 6- ئاينىڭ 26- كۈنى، تاۋار سودا كۆرگەزمىسى باشلانغان كۈن بولۇپ، 6- نومۇرلۇق كۆرگەزمە سارىيىدا، تۇنجى قېتىم نامايان قىلىنغان ھىدروگېن ئېنېرگىيەلىك ھەمبەھرە توكسىكىلىت كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

 ساۋما قىلىپلا مىنگىلى بولىدۇ، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى ئىشلىتىلىدۇ، ئېنېرگىيە تېجەپ مۇھىت قوغدايدۇ، بۇ يارقىن بەلگىلەر ئۇنى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندۇردى. جۇڭنېڭجيەن چىڭچى ۋېيلەي (بېيجىڭ) ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ھىدروگېن يېقىلغۇ باتارېيەسىنى يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلغان بۇ خىل ھىدروگېن ئېنېرگىيەلىك ھەمبەھرە توكسىكىلىت ھەقىقىي تۈردىكى «كاربونسىز سەپەرگە چىقىش قورالى» دەپ ئاتاشقا مۇناسىپ.

 شىركەتنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ۋاڭ شى مۇنداق تونۇشتۇردى: شىركىتىمىز شىنجاڭدا بىر بالا شىركەت قۇرۇپ، بۇ يىل ئىچىدە 15 مىڭ توكسىكىلىت ئىشلەپچىقىرىشنى ھەم ئۈرۈمچى گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(سانائەت رايونى)دا ئىشلىتىشنى پىلانلىدى. شۇنداق بولۇپلا قالماي، شىركىتىمىز يەنە گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا ھىدروگېن گازى قاچىلاش پونكىتى قاتارلىق بىر قاتار تۈرلەرنى ماكانلاشتۇرۇپ، ھەمبەھرە توكسىكىلىتنى تەدرىجىي ھالدا ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى، سودا چەمبىرىكى قاتارلىق جايلاردا ئومۇملاشتۇرىدۇ.

 بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسى شىنجاڭنىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى»نى چىڭ كۆزلەپ، ھەربىر كەسىپ توپىغا قارىتا بىر مەخسۇس ساراي تەسىس قىلدى، شىنجاڭنىڭ كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىنى سىستېمىلىق نامايان قىلىش ئۈچۈن 1500دىن ئارتۇق ئالاقىدار كارخانا كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتتى.

 «كۆمۈرنىڭ بۇنداق نەپىس گىلەمگە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئەسلا ئويلاپ باقماپتىكەنمەن!» 6- نومۇرلۇق كۆرگەزمە سارىيىدا، ئېكسكۇرسىيەچىلەر ئىختىيارسىز بەس- بەستە ماختاشتى. گىلەمگە ئىشلىتىلگەن خام ماتېرىيال گونېڭ شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان پولىپىروپىلېن مەھسۇلاتى ئىدى. شىنجاڭدىكى چوڭ تىپتىكى كۆمۈردىن ئولېفىن ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىركەت ئالىي دەرىجىلىك گىلەم، بىر قېتىملىق تاماق قاچىسى، يېڭى ساقلاش ئورالمىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار يۇقىرى دەرىجىلىك، كۆپ خىللاشقان مەھسۇلاتلارنى ئېلىپ كەلدى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تۈرلۈك كۆرگەزمە بۇيۇملىرى كىشىلەرگە يېڭىچە تۇيغۇ بېغىشلىدى.

 بۇ يۇقىرى پەن- تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلار تېخنىكىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ۋەكىللىك قىلىپلا قالماي، يەنە كەسىپلەرنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشىدىن بېشارەت بېرەتتى، بۇ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئۆزىنىڭ بايلىق ۋە كەسىپ ئاساسىغا تايىنىپ، كەسىپلەر توپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغانلىقىنىڭ جانلىق ئىپادىسى.

 سانجى يۈنشېڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن- تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ چارلىغۇچى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسى، چىتيەن ئاپتوموبىل پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ چوڭ تىپتىكى شوپۇرسىز كان يۈك ئاپتوموبىلى قاتارلىق كۆپلىگەن ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان يۇقىرى پەن- تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرىمۇ تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە تۇنجى قېتىم نامايان قىلىنىپ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى كۆرگەزمە ئورنىنىڭ پەن- تېخنىكا تۇيغۇسىنى يېتەرلىك قىلدى.

 بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى «ئالقىشقا ئېرىشىش»تىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ جۇڭتەي شىركىتىنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستىدا يىلىغا 1 مىليون 200 مىڭ توننا پولىئېستېر ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنىڭ 1- قارارلىق يىلىغا 500 مىڭ توننا پەرقلىق فۇنكسىيەلىك تالا ئىشلەپچىقىرىش تۈرىدە كېلىشىم ئىمزالاشنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىپ، «نېفىت ئايرىش، خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق بىر گەۋدىلەشكەن» كەسىپ زەنجىرىنى يەنىمۇ ئۇزارتىپ، بۇ كەسىپ توپىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۈچلۈك ئېلاستىكلىق قوشتى.

 «زەنجىر» ئارقىلىق يۇقىرى- تۆۋەن ئېقىنغا تۈرتكە بولۇندى، «ئۆمەك تەشكىللەش» ئارقىلىق بازار كېڭەيتىلدى

 6- ئاينىڭ 27- كۈنى، تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ زال سىرتى كۆرگەزمە رايونىدا، بىر مەيدان يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق ياسىمىچىلىقى كاتتا مەرىكىسى قالتىس ئۆتكۈزۈلدى. خاسلىققا ئىگە ياساش ئۈسكۈنىلىرى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، ئاپتوموبىللارغا ئىشلىتىلىدىغان رام، ماي باكى، چاق گىرۋىكىدىكى سۈرئەت ئاستىلاتقۇچ قاتارلىق زاپچاسلار تەرتىپلىك كۆرگەزمە قىلىنىپ، پۈتۈن ئاپتوموبىل بىلەن ماسلاشتۇرۇلۇپ، جابدۇق ياسىمىچىلىقى كەسپىنىڭ يادرولۇق زاپچاسلاردىن پۈتۈن ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇشقىچە بولغان مۇكەممەل جەريانى تولۇق نامايان قىلىندى. قارىماققا پارچە- پۇرات كۆرۈنىدىغان بۇ زاپچاسلار ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل كەسىپنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ئىتتىپاق تۈزۈش شەكلى ئارقىلىق كەسىپ تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولىدىغان بىر توپ زىچ ھەمكارلاشقان كارخانىلار بار.

 ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) جابدۇق ياسىمىچىلىقى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى(كەسىپلەر ئىتتىپاقى)گە شىنجاڭ داداۋ ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى، تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى، شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كۆپلىگەن جابدۇق ياسىمىچىلىقى كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن ئېقىنىدىكى نۇقتىلىق كارخانىلار مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئۇ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق، بازار ئېچىش، بايلىقنى بىرىكتۈرۈش ۋە كەسىپ مۇلازىمىتى بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال سۇپا.

 جابدۇق ياسىمىچىلىقى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى(كەسىپلەر ئىتتىپاقى)نىڭ جەمئىيەت باشلىقى ئورنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ داداۋ ئوقەتچىلىكى بۇ قېتىم  كۆپ خىل مەھسۇلاتلارنى ئېلىپ كەلدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇزۇنلۇقى 12 مېتىر كېلىدىغان، ساپ توك بىلەن ماڭىدىغان، پەشتاقسىز شەھەر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى،CTلىق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىلغان ئاپتوموبىل قاتارلىق يېڭى مەھسۇلاتلار بار، ئۇلار يەنە ئالاھىدە ئاپتوموبىل، مەخسۇس ئاپتوموبىل، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ قاتارلىقلارنى كۆرگەزمە قىلىپ، شىركەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق ياسىمىچىلىقى ساھەسىدىكى كۆپ خىللاشقان ئورۇنلاشتۇرۇشىنى نامايان قىلدى.

 شىركەتنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاۋ تيەنشياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ساپ توك بىلەن ماڭىدىغان، پەشتاقسىز شەھەر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنى لايىھەلەشتە ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجى تولۇق نەزەرگە ئېلىندى، كوزۇپ ئىچىدىكى ئالاھىدە رايوندا پەلەمپەي يوق بولۇپ، ياشانغانلار، ھەرىكىتى قولايسىز كىشىلەرنىڭ چىقىپ چۈشۈشىگە زور قولايلىق يارىتىلدى. CTلىق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىلغان ئاپتوموبىلمۇ ئوخشاشلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئاپتوموبىل ئىچىگە داۋالاش مەشغۇلات سۇپىسى، ئۇلترا بىنەپشە نۇرلۇق دېزىنفېكسىيە چىرىغى قاتارلىق كەسپىي داۋالاش ئەسلىھەلىرى ئورنىتىلدى، يەنە ئەمەلىي ئېھتىياجغا ئاساسەن CT ئۈسكۈنىسى، رېنتىگېن ئاپپاراتى، شىنديەنتۇ ئاپپاراتى قاتارلىقلار تاللاپ ئورنىتىشقا بولىدۇ، ئۇ داۋالاش مۇلازىمىتىنى كېڭەيتىشنى جانلىق ھەم يۇقىرى ئۈنۈملۈك كۆچمە سۇپا بىلەن تەمىنلەيدۇ.

 شىنجاڭ داداۋ ئوقەتچىلىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇق ياسىمىچىلىقىدىكى «زەنجىر باشلامچىسى» كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى لياڭخې يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق پەن- تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسىنى تايانچ نۇقتا قىلىپ، نۇقتىلىق تۈرلەردە «زەنجىر» ئارقىلىق يۇقىرى- تۆۋەن ئېقىندىكى كەسىپلەرنى ماسلاشتۇرۇپ تۇتاشتۇرۇش بىلەن بىللە، كەسىپ زەنجىرىدىكى بىر تۈركۈم يانداش كارخانىلارنى ئارقا- ئارقىدىن ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى.

 بۈگۈنكى كۈندە، لياڭخې يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق پەن- تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل تەتقىق قىلىپ ياساش، لايىھەلەش، پۈتۈن ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، زاپچاسلارنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش- ئۆلچەشنى بىر گەۋدە قىلغان پۈتۈن كەسىپ ئېكولوگىيە زەنجىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلدى.

 مەدەنىيەت- ساياھەت بىلەن سودا قوشۇلدى، يۇغۇرۇلۇش كەڭ دائىرىلىك بولدى

 يېڭى ئېنېرگىيەلىك شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلىرى چۆللۈكتە قەد كۆتۈرگەندە، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ سانلىق مەلۇمات ئېقىمى تىيانشاننى كېسىپ ئۆتكەندە، شىنجاڭنىڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى بىلەن مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىنى باشقا بىر خىل ئۇسۇل بىلەن ئىزاھلىماقتا.

 5- نومۇرلۇق كۆرگەزمە زالىدا، مېيكې مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆرگەزمە سارىيى ئۆزگىچە شەكىل بىلەن نامايان قىلىنىپ، ۋاڭخۇڭ داكا جايغا ئايلاندى. ئۇ يىراقتىن قارىغاندا تىيانشاندىكى ھازىرقى زامان مۇزلۇقىغا، يېقىندىن قارىغاندا يارداڭلىق يەر شەكلىگە ئوخشايدىغان بولۇپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

 تاۋار سودا كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە، مېيكې گۇرۇھى قارىمىقىدىكى مېيكې ئۆي جاھازلىرى يەنە مىلان خەلقئارا ئۆي جاھازلىرى كۆرگەزمىسىدە ئېلان قىلغان ئىككى چوڭ يۈرۈشلۈك ئۆي جاھازلىرى مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ كېلىدۇ، بۇمۇ مۇشۇ يۈرۈشلۈكنىڭ جۇڭگودا تۇنجى قېتىم رەسمىي نامايان قىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.

 مېيكې گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋاڭ گاڭ مۇنداق بىلدۈردى: گۇرۇھىمىز بىر تەرەپتىن شىنجاڭ مەدەنىيەت- ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، شىنجاڭدىكى يېڭىدىن قۇرۇلۇش تىپىدىكى مەدەنىيەت- ساياھەت تۈرى ۋە كونىسىدىن پايدىلىنىش تىپىدىكى ئۆزگەرتىش تۈرىگە قارىتا كۆپ خىل جانلىق ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت داڭلىق ماركىسى ئۈلگە تۈرىنى ئورتاق بەرپا قىلدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، فىرانسىيە يوۋنو شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە كەسپىي تەجرىبىسىدىن پايدىلىنىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى كەسىپ توپىنىڭ خاس سۇيۇقلاندۇرۇلغان مەھسۇلاتلارنى توشۇشتىكى بايلىق تەقسىماتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئەشيا ئوبوروتى ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، دۇنيادىكى كەسىپ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، گۇرۇھنىڭ خەلقئارا بازاردىكى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇردى.

 ئۆي جاھازلىرى مەھسۇلاتلىرىدىن مەدەنىيەت- ساياھەت تۈرلىرىگىچە، يەنە خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى ھەمكارلىقىغىچە، مېيكې گۇرۇھى شىنجاڭنىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» چوڭ رامكىسىدا، مەدەنىيەت- ساياھەت ۋە سودا كەسپىنى ئەپچىللىك بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، ئۆزگىچە تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقتى.

 تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ سەھنىدە، «ئون چوڭ كەسىپ توپى»نىڭ شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ مەدەنىيەت- ساياھەت بىلەن سودا كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى.

 خوتەن ۋىلايىتى كوئىنلۇن تېغى مەنزىرە رايونى قاتارلىقلارنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، دىققەتنى مەدەنىيەت- ساياھەت ۋە ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ يادرولۇق ئامىللىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۆت چوڭ خاس كۆرگەزمە رايونىنى كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتە مەدەنىيەت- ساياھەت كارخانىسى 132 خىل خاس تاۋارنى ئېلىپ كەلدى، ئۈچ ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكى كارخانىسى 30 خىل مەھسۇلاتنى كۆرگەزمە قىلدى. «شەرقتىن كۆتۈرۈلدى بەش يۇلتۇز» ناملىق مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتىدىن خوتەن قاشتېشى بۇيۇملىرىغىچە، ئەتلەستىن ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكى مەھسۇلاتلىرىغىچە خوتەننىڭ چوڭقۇر ئاساسى نامايان بولدى.

 ئاپتونوم رايوننىڭ زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى كەسپىدىكى «زەنجىر باشلامچىسى» كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ 360 كىۋادرات مېتىرلىق ئالاھىدە بېزەلگەن كۆرگەزمە ئورنىغا قۇرۇق- ھۆل مېۋىلەر، پاقلان گۆشى، ياغلىق توخۇ، كوئىنلۇن شاھ كەپتىرى، شوخلا قىزىل پىگمېنتى قاتارلىق شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ۋە چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ماللىرى تىزىلغانىدى.

 «بۇ، گۇرۇھىمىز قۇرۇلۇپ ئىككى يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم كوللېكتىپ ئۆزىنى نامايان قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.» شىركەتنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خاۋ شى مۇنداق دېدى: شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى گۇرۇھىنىڭ «جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى» «ئىمپورت- ئېكسپورت سودىسى» «شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش»تىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ يادرولۇق تۈرى ھەمدە جۇڭگو- قازاقىستان ئەشيا ئوبوروتى كەسىپلەر باغچىسى، ئوتتۇرا شەرق مەملىكەت سىرتى ئامبىرى كەسپى، تاشيول، تۆمۈريول، ھاۋا يولى، دېڭىز يولىدىن ئىبارەت كۆپ خىل ئۇلاپ توشۇش سىستېمىسىنى ھەر تەرەپلىمە نامايان قىلىپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلاشقۇچى تەرەپنى ئىزدەپ، چوڭ ئەشيا ئوبوروتى، چوڭ سودا، چوڭ يول قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىمىز.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125