تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قۇربان بولغان قەھرىمانلارنى ياد ئېتەيلى | ۋاڭ شاۋچى
12:12:15 2025-06-30 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ۋاڭ شاۋچى: ئىنقىلاب قىلىمەن دەيدىكەنمىز ئۆلۈمدىن قورقماسلىقىمىز كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يىن سىيۈەن

 تيەنجىن شەھىرى جىجوۋ رايونىنىڭ پەنشەن تېغىدىكى تاشلاردا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشتىكى نۇرغۇن شوئارلارنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ، ۋاڭ شاۋچىنىڭ ئەينى يىلى شۇ جايدىكى ئارمىيە ۋە خەلقنى باشلاپ بۇ رايوندا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغانلىقىنىڭ ئىزناسى.

 ۋاڭ شاۋچى، ئەسلىي ئىسمى ۋاڭ يۈكۇن، تەخەللۇسى جىرۇ. 1912- يىلى خېبېي ئۆلكىسى شياڭخې ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1926- يىلى، ئۇ خېبېي ئۆلكىسى لىتۇڭ ناھىيەلىك سىفەن مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن، مەكتەپتىكى مەزگىلدە ئۇ دائىم ئىلغار كىتاب- ژۇرناللارنى ئوقۇپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقان. 1935- يىلى، ۋاڭ شاۋچى جۇڭخۇا مىللەت ئازادلىقى ئاۋانگارتلار ئەترىتىگە قاتناشقان، 1936- يىلى 3- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.

 1936- يىلى، ۋاڭ شاۋچى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن جىشيەن ناھىيەسى (ھازىرقى تيەنجىن شەھىرىنىڭ جىجوۋ رايونى)گە بېرىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. ۋاڭ شاۋچى يىغقان پۇلىنىڭ ھەممىسىنى چىقىرىپ بىر ئامبۇلاتورىيە ئېچىپ، ھەر كۈنى دورا ساندۇقىنى يۈدۈپ، بىر تەرەپتىن ئاممىنىڭ كېسىلىنى كۆرگەن، بىر تەرەپتىن ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغان. يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىلا، ئۇ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش جەمئىيىتىنىڭ زور بىر تۈركۈم ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغان ھەم بەنچياۋ بازىرى ئەتراپىدىكى 20 نەچچە كەنتتە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش جەمئىيىتى تەشكىلاتى قۇرغان.

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جىشيەن ناھىيەلىك كومىتېتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ۋاڭ شاۋچى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جىشيەن ناھىيەسى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش باش جەمئىيىتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

 1940- يىلى، باۋ سېن، لى زىگۇاڭ ۋە ۋاڭ شاۋچى قاتارلىق كىشىلەر پەنشەن تېغىنى تايانچ قىلىپ، پەنشەن تېغى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تايانچ بازىسىنى ئېچىپ قۇرغان. كېيىن، ياپون تاجاۋۇزچى ئارمىيەسى خۇابېي رايونىدا جەمئىي بەش قېتىم ئادەم قېلىپىدىن چىققان پاجىئەلىك «ئامانلىقنى كۈچەيتىش ھەرىكىتى»نى ئېلىپ بېرىپ، ۋەھشىي بولغان كۆيدۈرۈپ تۈگىتىش، ئۆلتۈرۈپ تۈگىتىش، بۇلاپ تۈگىتىشتىن ئىبارەت «ئۈچ تۈگىتىش» سىياسىتىنى يولغا قويغان. ياپون ئارمىيەسى «جىدۇڭنى تارمار قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن جىشيەن ناھىيەسىنى تارمار قىلىش كېرەك، جىشيەن ناھىيەسىنى تارمار قىلىش ئۈچۈن، جەزمەن پەنشەن تېغىنى تارمار قىلىش كېرەك» دەپ جار سالغان.

 پەنشەن تېغى دۈشمەن «تازىلاش» ئېلىپ بارىدىغان نۇقتىلىق رايون ئىدى. ئەينى چاغدا جىشيەن، باۋدى، سەنخې بىرلەشمە ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى بولغان ۋاڭ شاۋچى پەنشەن تېغى بىرلەشمە كەنت خەلق ئەسكەرلەر بەنىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئاساسىي قىسىمغا ماسلىشىپ جەڭ قىلغان. ياپون ئارمىيەسى تازىلاش ئېلىپ بارغاندا، ئۇ ئاممىنى تەشكىللەپ بىرلىكتە تاغ ئۆڭكۈرىدە يوشۇرۇنغان، تاغ جىلغىسىدا ئۇخلىغان. ئۇ دائىم خەلق ئەسكەرلىرىگە: «ئىنقىلاب قىلىمىز دەيدىكەنمىز ئۆلۈمدىن قورقماسلىقىمىز، جاپادىن قورقماسلىقىمىز، قانداق ئەھۋالغا ئۇچراشتىن قەتئىينەزەر، ئاخىرغىچە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. ھەر قانداق ۋاقىتتا پارتىيەنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ» دەپ تەربىيە بەرگەن.

 1943- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ۋاڭ شاۋچى يۆتكىلىپ جىدۇڭ ھەربىي رايونى سەھىيە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، قوشۇمچە جېڭۋېيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. قىسىمنىڭ داۋالاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۇ سەھىيە تەربىيەلەش كۇرسىنى تەشكىللەپ ئاچقان، يەنە بېيپىڭ، شياڭخې قاتارلىق جايلارغا مەخپىي كىرىپ مەبلەغ، دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى توپلىغان. «ۋاڭ شاۋچى ۋە سەپداشلىرىنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى خېبېي، رېخې، لياۋنىڭ ھەربىي رايونىنىڭ سەھىيە خىزمىتىگە ئاساس سالدى»، دېدى تيەنجىن شەھىرى پەنشەن تېغى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنىڭ مۇدىرى جېڭ خۇي.

 1944- يىلى 10- ئاينىڭ 17- كۈنى، ۋاڭ شاۋچى فېڭرۇن ناھىيەسىنىڭ ياڭجياپۇدا رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقاندا، ياپون ئارمىيەسى ۋە قورچاق ئارمىيەنىڭ نەچچە تەرەپتىن قىلغان مۇھاسىرىسى ئىچىدە قالغان. ۋاڭ شاۋچى پۈتۈن كۈچى بىلەن دۈشمەننىڭ ئوت كۈچى تورىدىن بۆسۈپ چىققاندىن كېيىن، سەپداشلىرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىككىلەنمەي قايتىپ بېرىپ، سەپداشلىرىنىڭ يارىسىنى تېڭىۋاتقاندا بەختكە قارشى كۆكرىكىگە ئوق تەگكەن. پارتىيەنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، ئۇ بەدىنىنى تەستە تىرەپ تۇرۇپ، يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن ھۆججەتلەرنى كۆيدۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، داۋاملىق دۈشمەنگە قارىتىپ ئوق چىقارغان ھەم ئەڭ ئاخىرقى بىر تال ئوقنى ئۆزىگە قالدۇرغان.

 ھەر يىلى چىڭمىڭدا، ۋاڭ شاۋچىنىڭ نەۋرىسى ۋاڭ جىليې بالىسىنى ئېلىپ پەنشەن تېغى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىپ تەزىيە بىلدۈرىدۇ، ۋاڭ شاۋچىنىڭ قەبرە تېشى ئالدىدا، بۇ بىر يىلدا قولغا كەلتۈرگەن يېڭى نەتىجىلىرىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. «بوۋامدىن باشلاپ، ئائىلىمىزدىكى تۆت ئەۋلادنىڭ ھەممىسى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، بۇ قىزىل گېن مېنى ئىزچىل ئىلھاملاندۇرۇپ كەلمەكتە، مەنمۇ بىزگە تەۋە مەسئۇلىيەتنى داۋاملىق زىممەمگە ئېلىپ، بۇ قىزىل ئائىلە ئىستىلىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىمەن»، دېدى ۋاڭ جىليې. 

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 6- ئاينىڭ 25- كۈنى تېلېگراممىسى)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125